logo

trugen jacn

شى جىنپىڭنىڭ مىللىي ۋە تاشقى سىياسەتتە مەغلۇپ بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

89c8feb5-7a8b-4aea-a5f2-b37906824211

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

غەرب مەتبۇئاتلىرى شى جىنپىڭ خىتايدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، تاشقى سىياسەتتە ئارقا – ئارقىدىن زور مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ب ب س 26 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىدا بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قىزىق تېما سۈپىتىدە ئانالىز قىلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ 2012 – يىلى ھوقۇقنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىقتىسادىي ئىسلاھاتقا قەدەر يولغا قويغان سىياسەتلىرىنىڭ خىتاي خەلقىنى مەمنۇن قىلغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنىڭ خەلق تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

شى جىنپىڭغا دائىر بۇ ئانالىزلار «پۇل مۇئامىلە گېزىتى» دە چاتما ماقالە شەكلىدە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى «بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 340 ئىسلاھات پروگراممىسى، گەرچە ھاكىمىيەتكە نىسبەتەن زور تەۋەككۈلچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما شى جىنپىڭنىڭ بۇندىن 40 يىل ئىلگىرىكى خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى دىڭ شاۋپىڭنىڭ ئىسلاھاتىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم باتۇرلارچە ئىسلاھات قەدىمىنى باسالىغان شەخس ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.

بىراق، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى بولسا، شى جىنپىڭنىڭ قارىماققا ئىچكى جەھەتتە خىتاي خەلقىنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئاللىقاچان خەلقنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان تاشقى سىياسەتتە ئارقا – ئارقىدىن زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان.

فىرانسىيە ئاۋازى 26 – ئىيۇل « تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان « شى جىنپىڭنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى غايەت زور مەغلۇبىيىتىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟» ناملىق ماقالىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭ خىتايدا پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە ھوقۇقىنى قولىغا ئالغاندىن كېيىن، تاشقى سىياسەتتە خىتاينىڭ دۆلەت مەنپىئەتىگە زىت ھالدا ئارقا – ئارقىدىن مۇھىم ساھەلەردە ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز دەرىجىدە ئىنتايىن زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.»

باش شتابى گېرمانىيەدىكى «خىتاي دېموكراتىك فېدىراتسىيۇنى» نىڭ باش كاتىپى پەن يۇڭدۇڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر ماقالىدە ئالغا سۈرۈلگەن مەزمۇنلار ھەققىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ بىر ئاچقۇچى بار. خىتاينىڭ ئاچقۇچى بولسا دېموكراتىيە. خىتايدا دېموكراتىيە بولمايدىكەن، مەيلى تاشقى سىياسەتتە بولسۇن، مەيلى ئىچكى سىياسەتتە بولسۇن، خاتالىقتىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. شى جىنپىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى بۈگۈنكى خىتايدا يۇقىرى تۆۋەننى ئالداپ، تۆۋەن يۇقىرىنى ئالداپ جان ساقلاش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندى. شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىچكى نىزالار كۈچەيدى، نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قولغا ئېلىندى. تاشقى جەھەتتە بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك ئۈستى – ئۈستىلەپ خاتالىقلار، مەغلۇبىيەتلەر يۈز بەردى. شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مۇددەت ئىچىدە، مەن خىتاينىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدسىز.»

ئۇنداقتا، شى جىنپىڭ پەيدا قىلغان تاشقى سىياسەتتىكى مەغلۇبىيەتلەر زادى قايسىلار؟
« شى جىنپىڭنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى غايەت زور مەغلۇبىيىتىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟» ناملىق ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
1.   گوللاندىيەدىكى دەنھاگ خەلقئارا سوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتاي ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمى
12 – ئىيۇل چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈمدە، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاينىڭ خەلقئارادىكى تۈرلۈك دىپلوماتىك بېسىملىرىنىڭ بۇ ھۆكۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەن.
2.   كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىشى
كورېيە دۆلىتى خىتاينىڭ بېسىملىرى ھەتتا تەھدىتلىرىگە پىسەنت قىلماي، ئامېرىكىنىڭ ساد ماركىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى كورېيە يېرىم ئارىلىدا قۇرغان. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئامېرىكا، ياپونىيە، كورېيەنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شارائىتىنى ياراتقان.
3.   شىمالىي كورېيە خىتاينىڭ كۈنلۈكى ئاستىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىققان
شىمالىي كورېيە ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان خىتاي بىلەن ئىزچىل ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتۈپ كەلگەن بولسىمۇ، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشكە يۈز تۇتقان. خىتاي تەرەپنىڭ شىمالىي كورېيەگە قىلغان يادرو سىناقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نەسىھەتىنىڭ ئېتىبارى بولمىغان. ئەكسىچە، شى جىنپىڭ يوللىغان شىمالىي كورېيەنى يادرو سىنىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كۆندۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايروپىلاندىن چۈشۈشى ھامانلا، خىتايغا جاۋابەن دەرھال يادرو سىنىقىنى ئىجرا قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يۈزىگە كۈتمىگەن بىر تەستەك ئۇرۇلغان.
4.   خىتاي سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان
ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق تالاش – تارتىشى بولۇۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىدىن كۈتكەن « ياپونىيە – خىتاي ئارىسىدا سۈركىلىش كۆرۈلسە، ئامېرىكا بىتەرەپ تۇرۇش» تەلىپى سۇغا چىلاشقان. ئوباما 2014 – يىلى ئاپرېل ياپونىيەگە قىلغان زىيارىتى ئەسناسىدا، خىتاي كۈتمىگەن بىر جاۋابنى ئوچۇق ئېلان قىلىپ « ئامېرىكا – ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ 5 – ماددىسى» غا بىنائەن، ئەگەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كېلىپ چىققان تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى جاكارلىغان.
5.   خىتاي ياپونىيەنىڭ ئەسكىرىي جەھەتتە قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە سەۋەب بولغان
خىتاي ئارمىيىسىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە شەرقىي دېڭىزدا ئۈزلۈكسىز چارلاش ئېلىپ بېرىشى، ئويلىمىغان يەردىن ياپونىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئەسكىرىي قوماندانلىق ساھەسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇۋەتكەن، ياپونىيەنىڭ ئەسكىرىي تەرەققىياتىغا قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەرنى بوشىتىپ، باش ۋەزىر شىنزو ئابېنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئوڭۇشلۇق ئۆزگەرتىشىگە، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى قوغداش شوئارى ئاستىدا ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ كۈچلىنىشىگە تۈرتكە بولغان. نەتىجىدە، ياپونىيە دېڭىز فلوتى ھېچ توسالغۇسىز ھالدا سېنكاكۇ ئارىلىدىن يولغا چىقىپ فىلىپپىن، ۋىيېتنام دېڭىز ساھىللىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاكى ئاۋسترالىيەنىڭ سېدنىي دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە چارلاش ئېلىپ بېرىش شارائىتىغا ئىگە بولغان. بۇ ھال خىتاينى ئىنتايىن بىئارام قىلغان.
6.   ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي چەكلىمىسىگە دۇچ كەلگەن
خىتاينىڭ چەتئەل كارخانىلىرىغا قويۇۋاتقان تۈرلۈك چەكلىمە ۋە توسالغۇلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ سەۋر قاچىسىنى تولدۇرغان. ياۋروپا بىرلىكى جاۋابەن خىتاينىڭ « بازار ئىگىلىكى دۆلىتى» لىك ئورنىنى ئىنكار قىلغان. خىتاي ئىشلەپچىقىرىۋاتقان پولات ماتېرىياللىرىغا باجنى ئېغىر قويۇپ، خىتاي ئىقتىسادىنى ئاقساتقان. بولۇپمۇ ئەقلىي مۈلۈك ساھەسىدە، ئامېرىكىنى جىددىي تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇرلايدىغان دەرىجىگە كەلتۈرگەن.

يۇقىرىقىلار شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن خىتاينىڭ تاشقى سىياسەتتىكى رېئال مەغلۇبىيەتلىرى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى خىتاي زىيالىيسى يا شۆساۋ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ مەغلۇبىيەتلەرنىڭ كەم قالغان مۇھىم بىر قىسمى بارلىقىنى، يەنى خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭمۇ ئاللىقاچان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تېررورغا قارشى تۇرۇش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرماقتا. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى زوراۋانلىق ئۇسۇللىرىدىن باشقا بىر شەكىلدە ئىپادىلەشكە چارىسىز قالماقتا. ئەمەلىيەت، كومپارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇيغۇر ۋە تىبەت دىيارىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ۋەقەلىرى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيانقى مىللىي سىياسەتنىڭ بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىشى، خىتايدا يالغۇز تاشقى سىياسەت مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپلا قالماي، ئىچكى سىياسەتنىڭمۇ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدىمۇ يا شۆساۋ خانىمنىڭ يۇقىرى قاراشلىرىنى قوللىغۇچى شەخسلەردىن بىرى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاي ئىچىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قاتارلىق نەچچە ئون خىل ئىسلاھات پروگراممىلىرىنى يولغا قويغان بىلەن، ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا مەزكۇر سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمى بولغانلىقىغا ئائىت ئالامەتلەر يوق. ئۇنىڭ قارىشىچە يەنە، خىتاي ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلىماي تۇرۇپ خەلقئارا سەھنىدىمۇ كۆپ نەتىجە قازىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

« شى جىنپىڭنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى غايەت زور مەغلۇبىيىتىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟» ناملىق ماقالىدە يەنە، ئىلگىرىكى ئايلاردا ئېلان قىلىنغان شى جىنپىڭنى تەختتىن چۈشۈشكە دەۋەت قىلىپ يېزىلغان ئوچۇق خەتنى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى زۆرۈرلۈكى تىلغا ئېلىنغان. خەتتە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلغانلىقى، ئاسىيانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىڭ قايتىدىن ئامېرىكىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، شى جىنپىڭنىڭ يارامسىزلىقى تۈپەيلى ئەسلىدە خىتاينىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرىپ بولغان ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بۈگۈن ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش قوشۇنغا ئايلىنىپ بولغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان. ھەتتا خىتاينىڭ ئەڭ يېقىن قوشنىسى ۋە دوستى بولغان شىمالىي كورېيەنىڭ توختىماي يادرو سىنىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن زور ئەندىشە ھەم ئېغىر تەھدىت يارىتىۋاتقانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇمكى، ئالدىنقى ئايلار نامەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن شى جىنپىڭغا قارىتىپ يېزىلغان بىر پارچە ئوچۇق خەت تۈپەيلى بىر قىسىم خىتاي زىيالىيلىرى گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنىپلا قالماي، چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچراشتەك ھادىسىلەر يۈز بەرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/shi-jinping-07272016144430.html

Share
875 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.