logo

trugen jacn

شىئەن پويىز ئىستانسىسىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئېتىۋېتىلىشى گۇمانلىق ۋەقەگە ئايلىنىپ قالدى

维族男子西安被公安击毙 南疆少数民族被停发乌市通行证

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي تۆمۈر يول ساقچىلىرى چارشەنبە كۈنى شىئەن پويىز ئىستانسىسىدا ئېتىۋەتكەن ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ھازىرغا قەدەر ئېنىقلانمىدى.

ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى بىلەن بىرگە، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى، ساقچىلارنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئوق چىقارغانلىقى، ئۇيغۇر ئەركەكنىڭ نېمە ئۈچۈن بېلەتكە ئۆچىرەتتە ساقلاۋاتقان يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىق نۇرغۇن ئىنچىكە دېتاللار جاۋابسىز قالدى.

شىئەن تۆمۈر يول ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 6‏ دە يۈز بەرگەن. بىر ئۇيغۇر «قولىغا خىش ئېلىپ، بىلەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاۋاتقان يولۇچىلارغا ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلار ئۇنىڭغا تەكرار – تەكرار ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قۇلاق سالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

لېكىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، ساقچى تەرەپنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىكى مۈجمەللىك كۆزەتكۈچىلەردە ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئالاقىدار گۇمانى سوئاللارنى كۈچەيتكەن.

د ئۇ ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، شىئەن تۆمۈر يول ساقچى دائىرىلىرىنى ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: نېمە سەۋەبتىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر قانداق ئىنسان بۇ دېلونى ھەقىقىي، تەپسىلىي بىلىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ يوشۇرىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس. تورلارغىمۇ چىقىشتى، ساقچىنىڭ ئاتقانلىقىمۇ راست. نېمە ئۈچۈن ئاتىدۇ؟ ئۇ ۋوگزالنىڭ ئىچىدىكى، پويىز ئىستانسىسىدىكى بۇنىڭغا گۇۋاھ يولۇچىلاردىن بۇنىڭ سەۋەبىنى، نېمە ئۈچۈن بولغانلىقىنى سوراش كېرەك. مۇخبىرلار بېرىپ شۇ يەردىكى ئەھۋالنى ئەركىن ئىگىلەپ ئۇچۇر تارقىتىشى كېرەك. خەلق چوقۇم بۇ مەسىلىنى توغرا شەكىلدە چۈشىنىشى، بۇ ۋەقەگە نېمە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

بىز، شىئەن پويىز ئىستانسىسىنىڭ تۆمۈريول ساقچى پونكىتى، شىئەن لىڭتوڭ تۆمۈريول ساقچى پونكىتى، شىئەن پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ئازادلىق يول ساقچى پونكىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقە تەپسىلاتىنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ساقچىلار ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

شىئەن لىنتوڭ تۆمۈر يول ساقچى پونكىتىنىڭ ساقچى خادىمى: «بىزنىڭ ئەھۋالدىن خەۋىرىمىز يوق. بىلەمسىز بىز شىئەن پويىز ئىستانسىسى ئەمەس، بىز لىنتوڭ پويىز ئىستانسىسى. مەن ۋەقەنى ئاڭلىدىم، لېكىن تەپسىلاتىدىن خەۋىرىم يوق» دېدى.

بىز يەنە، شىئەن جەنچيەن رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق. لېكىن رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ خادىمى تۆمۈريول ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

ئۇ، «بۇ جەنچيەن رايونلۇق شۆبە ساقچى ئىدارىسىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش مەركىزى. قانداق ئىشىڭىز بار ئىدى. كەچۈرىسىز، ئۇ بىزنىڭ باشقۇرۇش دائىرىمىزدىكى رايون ئەمەس. بىز جەنچيەن رايونىنى باشقۇرىمىز. ئۇ يەرنى تۆمۈريول ساقچى پونكىتى باشقۇرىدۇ. لېكىن بىز ئۇ ۋەقەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋىرىمىز يوق» دېدى.

بىز يەنە، بەزى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېلىقى ئۇيغۇرنى تېررورلۇققا باغلاۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بار- يوقلۇقىنى سورىدۇق. لېكىن ئۇ، «بىز بۇ ئەھۋالنى بىلمەيدىكەنمىز. بىز جەنچيەن قوماندانلىق مەركىزى. سىز ئۇ سوئالنى تۆمۈريول ساقچى پونكىتىدىن سوراڭ. لېكىن شىئەن پويىز ئىستانسىسى تۆمۈر يول ساقچى پونكىتىنىڭ تېلېفون نومۇرى بىزدە يوق، كەچۈرىسىز» دەپ كۆرسەتتى.

ئاخىرى بىز، شىئەن تۆمۈريول ساقچى ئىدارىسى، شىئەن پويىز ئىستانسىسى تۆمۈريول ساقچى پونكىتىغا قىلدۇق، لېكىن تېلېفوننىڭ ھېچكىم ئالمىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىز، پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئەتراپىدىكى مېھمانخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچىلارنى ئىزدەشكە كىرىشتۇق.

«ئازادلىق» مېھمانخانىسى شىئەن پويىز ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى ئالدىراش قونالغۇلارنىڭ بىرى. مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ بىر ئايال خادىمى ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلمىدى. ئۇ پەقەت بىر پارچە خىش بىلەن باشقىلارنى ئۇرغان. ئېھتىمال ئۇ ئۆزىنى باسالماي باشقىلار بىلەن سوقۇشقان. ساقچىلار ئۇنى توختىتالماي ئوق چىقارغان. ئۇ ھەرگىز تېررورلۇق ھۇجۇم ئەمەس. خەۋەرلەردە تېررورلۇق، دېگەن گەپنى كۆرمىدىم.»

ئۇ يەنە، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى مەلۇم ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، «ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاۋاتقان كىشىلەرنى ئۇرغانلىقىنى بىلمىدىم. خەۋەرلەردە ئۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە دېمىدى. ۋەقە شەخسلەر ئوتتۇرىسىدىكى ماجرامىتى بۇمۇ ئېنىق ئەمەس. توردا ئۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيىلمىگەن. شۇڭا ئۇ تەرىپىنى بىلمىدۇق. بىز ئۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزمىز بىلەن كۆرمىدۇق، پەقەت خەۋەرلەردىن بىلدۇق. ئەمدى، ساقچىنىڭ مەخسۇس شىنجاڭلىقنى ئېتىش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنى بىلمىدىم. بىز ئۇ ۋەقەنى پەقەت كەچلىك خەۋەر ۋاقتىدا ئاڭلىدۇق.»

لېكىن د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقەدە ساقچىلار چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللىنىپ، بىر ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

دىلشات رىشىت: «ۋەقەنىڭ سەۋەبى نېمە بولسا بولسۇن، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋپ ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ھازىرقى ساقچىلارنىڭ شۇنداق بىر جېدەل-ماجىرانى ئاجراتقاندا مىللىتىمىزگە تاقاشسىلا، نەق جايدا ئېتىپ تاشلاش ناھايىتى ئېغىر مەسىلە بولۇۋاتىدۇ. بۇ رەسمىي ئوچۇق-ئاشكارا بىر سىياسەت. بۇنى گەرچە ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. ۋەتەننىڭ ئىچىدە، ئىچكىرىدە ئوخشاشلا شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، گۇاڭشىدا قېچىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان ۋەقەلەر بولدى.

دېمەك. بىزنىڭ ۋەتەندە بولامدۇ، خىتايدا بولامدۇ، بىزنىڭ مىللىتىمىزنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش ئېغىر مەسىلە بولۇۋاتىدۇ. ئالدىدا ئېتىپ تاشلاپ ئاندىن ئۆلگەن ئىنسانغا ھەر خىل تۆھمەتلەرنى چاپلاپ، كېرەك بولسا ئېلان قىلىش، بولمىسا ئۇنى ئىز-دېرەكسىز باستۇرۇۋېتىش، ھازىر شۇنداق بولۇۋاتىدۇ.»

خىتاي ھۆكۈمىتى پويىز ئىستانسىسىدا ئېتىپ تاشلانغان ئۇيغۇرنى ئاشكارا تېررورلۇققا باغلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى يەرلىك مەتبۇئاتلار شىئەن ج خ ئىدارىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلىقى، ۋەقەنىڭ «تېررورلۇق» دەپ بىر تەرەپ قىلىنىش ئېھتىمالى يوق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shien-uyghur-06182015165844.html

Share
1356 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.