logo

trugen jacn

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرى يىغىۋېلىنىپ سىياسىي سېنزورغا تاپشۇرۇلغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئالدىنقى ئايلاردا «ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چەكلەنگەن ياكى كىتابخانىلاردىن يىغىۋېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئۇيغۇرچە كىتابلار تىزىملىكى» ناملىق بىر پارچە قارا تىزىملىك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئىدى.

مەزكۇر تىزىملىكتە تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق 3 كىتابىدىن سىرت، يەنە بىرمۇنچە ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

دىققەت قوزغايدىغان بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر تىزىملىكتە يەنە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» (ئىككى توملۇق ئەسلىمە)، «تەڭرىتاغ بۈركۈتى» (تارىخىي ئەسلىمە)، «سۇتۇق بۇغراخان» (تارىخىي رومان)، «كۈرەش يولى» (دراما)، «سەيپىدىن ئەزىزى شېئىرلىرى» قاتارلىق پۈتكۈل كىتابلىرىنىڭ 2016-يىلى 4-ئايدا يىغىۋېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بىز بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرى بىلەن خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇلار، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بارلىق كىتابلارنىڭ سېتىش تىزىملىكىدىن بىردەك ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى ۋە خېلى بۇرۇنلا يىغىۋېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىنىڭ سېتىش بۆلۈمىدىكى بىر نەپەر خىتاي مۇلازىمەتچى خادىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ‹ئۆمۈر داستانى› ناملىق ئەسلىمىسىنى دەمسىز؟ بۇ كىتاب يوق، سېتىش تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ‹تەڭرىتاغ بۈركۈتى› دېگەن كىتابىمۇ يوق. ئۇنىڭ ‹شېئىرلار توپلىمى› مۇ تىزىملىكتە يوق. تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشر قىلغان كىتابلىرى بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى مەن بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ، بۇ كىتابلار ھازىر يوق، سېتىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ.»

بىز ئارقىدىن، شىنجاڭ شىنخۇا خەلقئارا كىتاب سېتىش بازىرىدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. بىر نەپەر خىتاي مۇلازىمەتچى خادىم تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» ۋە «تەڭرىتاغ بۈركۈتى» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىتابلىرىنىڭ سېتىش تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىش بۆلۈمىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ «ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىش بۆلۈمىدە تېلېفون يوق، مېنىڭ ئەتراپىمدىمۇ ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ بىر نەپەر خىتاي مۇلازىمەتچى خادىمى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ سىز دېگەن كىتابلىرى بىزنىڭ كومپيۇتېردىكى سېتىش تىزىملىكىمىزدە يوق، ھەممىسى ئۆچۈرۈلگەن ئىكەن. ئىشقىلىپ، سەيپىدىننىڭ باشقا كىتابلىرىمۇ يوق. مەن ئۇيغۇرچە كىتابلار تىزىمىگىمۇ قارىدىم. ئۇنىڭ كىتابلىرى ھازىر يوق. بۇ كىتابلارنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغىۋېلىنغانلىقىنى بىلمەيمەن.»

ئۈرۈمچى دوستلۇق يولىدىكى شىنخۇا كىتابخانىسى سېتىش بۆلۈمىنىڭ خىتاي مۇدىرى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرى ھازىر يوق، ھەممىسى جاھازدىن چۈشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. ئىلگىرى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان بىر قىسىم كىتابلار يىغىۋېلىنغان، ھەممىسى ئەمەس. لېكىن سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ھەممە كىتابلىرى بىر تەرەپ قىلىندى. سىز ھازىر ئۇنىڭ كىتابلىرىنى باشقا ھەرقانداق كىتابخانىدىن سېتىۋالالمايسىز. بۇ، ئومۇميۈزلۈك بىر ئۇقتۇرۇش. بۇ ھەقتە بىزگە چۈشكەن ھۆججەت بار. ھازىر نۇرغۇن ئۇيغۇرچە كىتابلار يىغىۋېلىنىپ قايتىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇلار تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرى ئۆزگەرتىلىپ رەسمىي تەستىقتىن ئۆتسە، يەنى بىز يۇقىرىنىڭ ئېنىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن بازارغا سېلىشىمىز مۇمكىن. بۇ كىتابلارنىڭ سىياسىي سەۋەبتىن يىغىۋېلىنغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق، بۇ ھەقتىكى كونكرېت ئەھۋاللارنى بىلمەيمەن. بىز پەقەت يۇقىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش ھۆججىتىگە ئاساسەن بۇ كىتابلارنى جاھازدىن ئېلىۋەتتۇق. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ شۇنداق بولدى.»

ئۈرۈمچى دوستلۇق يولى شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ ئۇيغۇرچە سېتىش بۆلۈمىدىكى بىر نەپەر ئۇيغۇر مۇلازىمەتچى خادىم زىيارىتىمىز جەريانىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ بارلىق كىتابلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا جاھازدىن چۈشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، ھازىر بۇ كىتابلارنى ھېچيەردىن سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئاخىرىدا، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرىنى نەشر قىلغان بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر نەشرىياتنىڭ تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىكى بىر نەپەر خىتاي خادىم مۇنداق دېدى: «سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابىنى دەمسىز؟ ئۇنىڭ بىئوگرافىك ئەسلىمىسى ئىككى توم بولۇپ ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنغان، ئەمما ھازىر يوق. نەشرىياتىمىز نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ھەممىسى ھازىر قايتىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. بۇنى شىنجاڭ تەرەپ تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى قايتا تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. 2001-يىلىدىن كېيىن نەشرىياتىمىز نەشر قىلغان ئۇيغۇرچە كىتابلار قايتا تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگىچە كىتابخانىلارغا سالغىلى بولمايدۇ. شۇنداق، ئۇلار ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىۋېلىپ تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.»

قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر

يۇقىرىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ كىتابلارنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان يىغىۋېلىنىپ سىياسىي سېنزورغا تاپشۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. دىققىتىڭلار داۋاملىق بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن نەق مەيدان مەلۇماتلىرىمىزدا بولسۇن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/cheklengen-kitab-08092017160338.html

Share
1738 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.