logo

trugen jacn

سەكراتتىكى ئانىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئوغلى بىلەن تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشۈۋېلىش تەلىپى رەت قىلىنغان

ffc5b619-ae4c-49b3-b0c5-85960ae48bed

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«ئۆتكەن يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى پۇقراچە كىيىنگەن 6 ساقچى ئوغلۇم تۇرسۇنجاننى كورلىدىكى ئۆيىمىزدىن ئېلىپ كەتكەن ئىدى. ئوغلۇم شۇ ئېلىپ كېتىلگىنىچە غايىب بولدى. ھازىرغا قەدەر ئوغلۇم بىلەن بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرىشەلمىدۇق…»

مانا بۇ بىر يىلدىن بۇيان تۇتۇپ كېتىلگەن ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالماي قىينىلىپ يۈرگەن بىر ئاتىنىڭ زارى.

رادىيومىز 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدا «مىسرانىم» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە مول-ھوسۇللۇق تور يازارى تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بايانلىرىدىن دەلىللىگەن ئىدى.

ھالبۇكى، ئارىدىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، دائىرىلەر داڭلىق تور يازغۇچىسى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ۋە ئۇنىڭ دېلوسى بىلەن چېتىشلىق بولغان تور باشقۇرغۇچى تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.

بىز بۇ ھەقتە تۇرسۇنجان مەمەت مارشالنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. ئۇنىڭ دادىسى ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان تۇتقۇندىكى ئوغلىنى سۈرۈشتۈرۈپ بارمىغان جايى قالمىغانلىقىنى، نۇرغۇن جەريانلاردىن كېيىن ئاندىن ئوغلىنىڭ ئاقسۇدىكى مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇنجان تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن يۈرەك، قان بېسىمى ۋە شېكەر كېسىلى بىراقلا قوزغالغان ئانا يىقىلىپ چۈشۈپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان. تۇرسۇنجاننىڭ دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئايالىنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، سەكرات ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. سەكراتتىكى ئانا ئوغلى بىلەن ھېچ بولمىسا تېلېفوندا بولسىمۇ كۆرۈشۈۋېلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقسۇ دائىرىلىرى بۇ ئىلتىماسنى كەسكىن رەت قىلغان.

بىز تۇرسۇنجان مەمەت مارشال بىلەن ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن بۇ يەرگە تېلېفون قىلدۇق. ئەپسۇسكى، نۆۋەتچى ساقچى بۇ ھەقتە سۆزلىشىشنى رەت قىلىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

بىز ئارقىدىن ئاقسۇ شەھەرلىك قىزىل كۆۋرۈك ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، يۇقىرىقى ئىككى نەپەر تۇتقۇننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى سورىدۇق. ھالبۇكى، ساقچىخانىنىڭ مەسئۇل خادىمى بۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىدىن سورىشىمىزنى ئېيتىپ سۆزلىشىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، 2014-يىلىدىن ئۆتكەن يىلىغىچە داۋاملاشقان دائىرىلەرنىڭ «تور تازىلاش» ھەرىكىتى داۋامىدا ئابلىمىت غوجابدۇللا قاراقاش، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ۋە تۇرسۇنجان مەمەت مارشال قاتارلىق تور يازارلىرى بىلەن «باغداش»، «مىسرانىم» ۋە باشقا ئۇيغۇرچە تور بەت ساھىبلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ساناپ ئۆتتى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ يەنە بۇ «تازىلاش» نىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تور دۇنياسى ئارقىلىق قانات يېيىۋاتقان پىكىر تەلقىنلىرىگە ئېغىر يوقىتىش ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-torbet-01312017160215.html

Share
1211 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.