logo

trugen jacn

سىياسىي پائالىيەتلەردە ئوبراز قۇرۇلۇشى

 

 

ئويچان

سىياسىي پائالىيەتلەردە ئوبراز قۇرۇلۇشى

 

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى مايدىن بۇيان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بارغان ۋەھشىيانە زۇلۇم-سىتەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىشى ۋە يۇقۇرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ جانلىنىشقا باشلىدى. ۋەتەنگە قايتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن ۋە خىتاينىڭ چىدىغۇسىز بېسىملىرىغا داۋاملىق سۈكۈت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى تۇنۇپ يەتكەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، زالىم خىتايغا قارشى كۆرەشكە ئاتلاندى. بۇ كۆرەشلەر داۋامىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش پائالىيەتلىرى ۋە ھەر تۈرلۈك سىياسىي ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۆرەش سەپلىرىگە ئاكتىپ قېتىلىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى خىتايغا قارشى پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ توختاۋسىز داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇم سىياسەتلىرى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر جامائەت پىكىرىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىچكى تالاش-تارتىشنى قۇيۇپ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق خەلققە جاۋاپ بېرىشكە قىستىدى. نەتىجىدە، ھەم ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قوللىشى؛ ھەم ئۇيغۇر جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا زور دەرىجىدە پائالىيەتچانلىق مەيدانغا كەلدى

بۇ جەرياندا بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى ياكى ئەسلىدىنلا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر تېخىمۇ ئايدىڭلىشىشقا باشلىدى. كۆپلىگەن تەشكىلاتلىرىمىز ئۇزۇندىن بۇيان، كېچىك گۇرۇپلار شەكلىدە، پارچە-پارچە ھەرىكەت قىلىپ كۆنگەن، كۆلىمى چوڭ ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش تەجرىبىسى كەمچىل، سىياسىي ئېڭى ۋە ساپاسى بىر قەدەر تۈۋەن بولغانلىقتىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلەشتە قىيىنچىلىققا يولۇقتى. شۇنىڭ بىلەن، تەشكىلات يىتەكچىلىرىدىكى يىتەرسىزلىكلەر، تەشكىلات تۈزۈلمىسىدىكى قالايمىقانچىلىقلار ۋە ئىش بىجىرىشتىكى قالاقلىقلار… ئوتتۇرىغا قۇيۇشقا ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە ئايلاندى. مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئايرىم-ئايرىم مۇھاكىمە قىلىشنى ۋە ھەل قىلىش چارىسى سۇنۇشنى كېيىنكى يازمىلىرىمغا قالدۇرۇپ، بۇ ماقالىدە مۇشۇ مەسىلىلەردىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر مەسىلە، يەنى ئوبراز مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن

ئوبراز دېگەندە كۆز ئالدىمىزغا ھەر تۈرلۈك مەنزىرە ۋە قىياپەتلەر كېلىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان دېگەندە كاللىمىزدا ئىنسان قىياپىتى ئەكس ئېتىدۇ. مۇسۇلمان دېگەندە كۆز ئالدىمىزغا رەڭگارەڭ مۇسۇلمان مىللەتلەر كېلىدۇ. ئەمدى ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دېگەندە، باشقا ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدىمۇ بىر قىياپەت نامايەن بولىدۇ. ئۇ دەل بىزنىڭ ئوبرازىمىزدۇر. بىز باشقىلارغا قانداق كۆرۈنسەك، شۇنداق تەسىر بىرىمىز. قانداق تەسىر بەرسەك، شۇنداق ئوبراز يارىتىمىز. دېمەك خەقنىڭ كاللىسىدىكى ئوبرازىمىزنى خەق ئەمەس، بىز يارىتىمىز. يەنە كېلپ قانداق يارىتىشنى خالىساق، شۇنداق يارىتىمىز. مانا بۇ ئوبراز قۇرۇلۇشىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا، پۈتۈن تاراتقۇلار ئوبراز يارىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئېلان، ئېلاندىن مەقسەد ئوبراز يارىتىشتۇر.
خىتايلار ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغاندىن بۇيان توختىماي ئوبراز يارىتىشقا كۈچەپ كەلدى ۋە بىزنىڭ خىتايلارغا قارشى ئازاتلىق كۆرىشىمىزنىڭ خارەكتېرىنى بورمىلاشقا ئورۇنۇپ كەلدى. باشتا بىزنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى «ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ بۆلۈنمەس بىر پارچىسى» دېگەن سەپسەتىگە ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئىشەنمىدۇق، قارشىلىق كۆرسەتتۇق. ئارقىدىن بىزنى «مىللىي بۆلگۈنچى ۋە دىنىي ئەسەبىي» دەپ قارىلاپ باستۇرۇشقا باشىلىدى. ھالبۇكى بىز نە مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلىش ئۈچۈن، نە دىنىي ئەسەبىيلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلمايتتۇق. بىز پەقەت ئازاتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلاتتۇق، بۇنى خىتاي بەك ئوبدان بىلەتتى. ئازاتلىق يولىدىكى ئۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان، خەلقئارا قانۇنلار ئېتىراپ قىلغان، ئەڭ تۈپ ھۇقۇقلىرىدىن بىرى ئىدى. ئازاتلىق يولىدىكى ئۇرۇشنى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەققانىيەتچى ئىنسانلار قوللايتتى ياكى قوللىشى كېرەك ئىدى. بۇنداق ئۇرۇشتا زالىم تەرەپتە تۇرۇش ياكى مەزلۇمغا سۈكۈت قىلىش، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، مەيلى كاپىر بولسۇن، ھەر قانداق بىر ۋىجدانلىق ئىنسان ئۈچۈن نۇمۇس ئىدى. شۇڭا خىتاي بۇ قارشىلىقنىڭ خارەكتېرىنى قەستەن بورمىلاشقا ئۇرۇندى. بىزنى پۈتۈن دۇنياغا «ئوخشىمىغان مىللەتلەر بىلەن ئىناق ياشىيالمايدىغان فاشىسىت مىللەتچى، ئوخشىمىغان دىندىكىلەر بىلەن بىللە ياشىيالمايدىغان دىنىي ئەسەبىي» قىلىپ كۆرسېتىشكە ئۇرۇندى. بۇنىڭ ئۈچۈن توختىماي ساختا دېلولارنى پەيدا قىلدى ياكى ئارىمىزدىكى بەزى ساددا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەستەن ياكى سەھۋەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى

2001-يىلى يۈز بەرگەن 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى پۈتۈن دۇنيادا «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى قوزغىدى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن خىتاي دەرھال ئاتالمىش تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خەلقئارالىق قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنى تەلتۈكۈس يېتىم قالدۇرۇش مەقسىتىدە، ئەسلىدىكى «مىللىي بۆلگۈنچى ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇر» دېگەن كونا قالپاقنى بىراقلا چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىردەك «زوراۋان تېرورچى» دېيىشكە باشلىدى. ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى «تېرورلۇق ھەرىكىتى» قىلىپ كۆرسېتىش ئۈچۈن، بىر قىسىم يالغان دېلولارنى ئويدۇرۇپ چىقاردى ياكى «تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى»… قاتارلىق جىھادىي تەشكىلاتلارنى باھانە قىلدى. بۈگۈن دائېش پەيدا قىلغان دۇنيا خارەكتېرلىك «ئىسلامدىن قورقۇش كېسىلى» پۈتۈن دۇنيادا، ھەتتا مۇسۇلمان دۆلەتلەردە، ئىسلامى قىياپەتلەردىن گۇمانلىنىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان بىر ۋەزىيەتنى روياپقا چىقىرىۋاتقاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇنى ئۇيغۇر مىللىتىنى يۇقۇتۇشنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاننى ئەبەدىي يۇتۇۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېساپلاپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سۇلاپ، «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنى تۈگىتىۋاتىمىز» دەۋاتىدۇ. ئىسلامغا قارشى بۇ ئاتمۇسفېرادا قايمۇقۇپ قېلىۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەت، بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، خىتاي بىزنىڭ ئوبرازىمىزنى بۇلغاش، داۋايىمىزنىڭ خارەكتېرىنى ئۆزگەرتېۋېتىش، ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسېتىش ئۈچۈن، قولىدىن كەلگەن بارچە ئاماللارنى ئىشقا سالدى ۋە سېلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر تارىخىي پەيتتە، بىز ئۆز ئوبرازىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىشىمىز تەخىرسىز بىر ۋەزىپىدۇر. ئۆتكەن يىللاردا بىر قىسىم ئەجەللىك خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ، ئۆز ئوبرازىمىزنى بۇلغايدىغان ۋە داۋايىمىزنىڭ خارەكتېرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ھەتتا خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بەزى ئىشلارنى سادىر قىلىپ قويدۇق. يەنە ھازىرمۇ داۋاملىق بۇ خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز مەۋجۇت. ئەمدى بۇنداق خاتالىقلارنىڭ تەكرارلانماسلىقى ياكى داۋاملىق مەۋجۇت بولىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، تۆۋەندە نۆۋەتتىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىمىزدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پەقەت تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىدىن ھېس قىلغانلىرىمنى ئاساس قىلىپ سۆزلەيمەن. بۇ سەۋەبتىن ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتلەردىكى سىياسىي پائالىيەتلەردە مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن

1. نامايىشلاردا ئوبراز مەسىلىسى
نامايىش ئەڭ ئۈنۈملۈك سىياسىي پائالىيەتلەردىن بىرى. نامايىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەقسەدلەرگە يەتكىلى بولىدۇ. نامايىش بىرلا ۋاقىتتا كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇر تارقىتىدىغان بىر ھەرىكەت. بىز نامايىش قىلىۋاتقاندا، ھەم دوستلىرىمىزغا، ھەم دۈشمەنلىرىمىزگە، ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىمىزنى نامايەن قىلىۋاتقان بولىمىز. دۈشمىنىمىزگە قارىتا نەپرىتىمىزنى، نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزنى كۆرسىتىمىز. تاشقى دۇنياغا قارىتا ئۆزىمىزنى تۇنۇشتۇرىمىز، دەردىمىزنى ئاڭلىتىمىز ۋە دۈشمىنىمىزنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلىمىز. دېمەك نامايىش ئوبراز قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ ياكى نامايىشتا ئوبراز ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز نامايىش ئارقىلىق ئۆز ئوبرازىمىزنى يارىتىمىز. بىز نامايىش ئارقىلىق پەقەتلا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا ئەمەس، بەلكى بىرلا ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ۋە كىم ئەمەسلىكىنى جاكارلايمىز. نامايىش بىر سىياسىي پائالىيەت بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا نامايىش مەيدانى خالىغان قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مەيدان ئەمەس، بەلكى مەنپەئىتىمىزگە ئەڭ ئۇيغۇن قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان، ئۆزىمىزنى ئەڭ توغرا، ئەڭ ئېنىق تىلدا ئاڭلىتىدىغان ۋە دۈشمىنىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە رەسۋا قىلىدىغان بىر جەڭگاھتۇر. خەلقئارا جامائەت پىكىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىمىزگە تارتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۈشمىنىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئەڭ زور جامائەت پىكىرى بېسىمى شەكىللەندۈرۈش- نامايىشنىڭ تۈپ مەقسىتىدۇر.
نامايىش ئاچچىقىمىزنى چىقىرىدىغان، تەقۋالىقىمىزنى نامايەن قىلىدىغان ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنى كۆز-كۆز قىلىدىغان جاي ئەمەس. سىياسىي پائالىيەت ھېساپلانغان نامايىش ئېتىقادىمىزنى، دىنىمىزنى ياكى مەزھىبىمىزنى جاكارلايدىغان جاي تېخىمۇ ئەمەس. نامايىش كىملىكىمىزنى، نېمە ئۈچۈن نامايىش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، كىمگە، نېمىشقا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، نېمە تەلىپىمىز بارلىقىنى… ئەڭ گۈزەل بىر شەكىلدە جاكارلايدىغان مەيداندۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن قالايمىقان توۋلاش شەرت ئەمەس، ساقچىلار بىلەن قارشىلىشىش شەرت ئەمەس. قەستەن غەزەپلەنگەندەك كۆرۈنۈشنىڭ ھاجىتى يوق، تەبىئىيكى كەلسە-كەلمەس كۆلۈشنىڭمۇ ئورنى يوق. مېنىڭچە، ئەڭ ئۈنۈملۈك نامايىش: تېنىچ، بىخەتەر ۋە رەتلىك ئېلىپ بېرىلغان، مەقسەتلەر ئېنىق نامايەن قىلىنغان، ئەڭ توغرا ئۇچۇر ئەڭ توغرا شەكىلدە ھەر قايسى تەرەپلەرگە يەتكۈزۈلگەن نامايىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەبىت دۆلەتلەر نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ھەمىشە تېنىچ نامايىشلارنى تۇقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇپ، ئارقىدىن ئامانلىق ساقلاش باھانىسىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.
مۇشۇ مەنىدە، تۈركىيەدە يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا بىر قىسىم ئەجەللىك خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىۋاستە ئوبرازىمىزغا تاقىشىدىغان، داۋايىمىزنىڭ خارەكتېرىگە كۆلەڭگە چۈشۈرىدىغان ۋە نامايىشنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەتتا نامايىشنىڭ مەقسىدىگە تامامەن زىت ھالدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلىدىغان ئىككى خىل ئەھۋال ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت. بۇلاردىن بىرىنچىسى، نامايىشتا توۋلىنىۋاتقان شۇئارلارغا؛ ئىككىنچىسى، نامايىشتا كىيىۋالغان كىيىملەرگە مۇناسىۋەتلىك. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار دىندار بولغاچقا ۋە تۈرك قېرىنداشلاردىن ئۆرنەك ئالغاچقا، نامايىشلاردا توۋلايدىغان شۇئارلىرىمىز ئارىسىدا: «يا ئاللاھ، بىسمىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن گۈزەل، ئەمما مۈجمەل ئىبارىلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەۋاتىدۇ. قىز-ئاياللىرىمىز دېگۈدەك قاپقارا ھىجاپ بىلەن يۈزى يېپىق ھالدا نامايىشلارغا قاتنىشىۋاتىدۇ. نەتىجىدە بىر پۈتۈن نامايىش پائالىيىتى قۇيۇق دىنىي تۈس ئېلىپ، بىر ئوبراز مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ.
بۇ يەردە مۇنداق سوئاللار تاشلىنىشى مۇمكىن: بۇ قانداقمۇ مەسىلە ھېساپلىنىدۇ؟ مۇسۇلمان بولغاندىكىن شۇنداق توۋلىماي، ئەمىسە نېمىدەپ توۋلىسا بولاتتى؟ قىز-ئاياللىرىمىز ھىجاپلانماي، ئەمىسە يېرىم-يالىڭاچ چىقسا بولامتى؟…. ۋاھاكازا. توغرا، ئەسلى بۇلار مەسىلە ھېساپلانماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى بۇلارنى مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. چۈنكى بىر تەرەپتە ئۇيغۇرلارنى «دىنىي ئەسەبىي ۋە زوراۋان تېرورچى» دەپ باستۇرۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنياغا «رادىكال ئىسلامچى» قىلىپ كۆرسېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ياشلارنى جازا لاگېرلىرىغا سۇلاپ، بۇنى دۇنياغا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، قايتا تەربىيەلەش، نۇرمال ھاياتقا قايتۇرۇش ئۈچۈن» دەپ چۈشەندۈرۈۋاتقان تارىخىي دۈشمىنىمىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى؛ يەنە بىر تەرەپتە، دائېش، ئەلقائىدە ۋە تالىبان… دېگەندەك تەشكىلاتلارنىڭ تەسىرىدە، «ئىسلامدىن قورقۇش كېسىلى»گە گېرىپتار بولغان، ئىسلامىي قىياپەتلەردىن سەسكىنىدىغان ۋە گۇمانلىنىدىغان غەرب، ھەتتا ئىسلام دۆلەتلىرى بار بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. مۇشۇنداق بىر تارىخىي ۋەزىيەت بىزگە ئەقىل بىلەن ئىش قىلمىساق قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرماقتا. ناۋادا خىتاي بىزنى ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىپلەۋاتسا، خەلقئارا جەمئىيەت ئەسەبىيلىكنى يۇقۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتسا، بىز بولساق بۇنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا بېرىپ ئىسپاتلىساق، ئۇ چاغدا بۇنى زامانىۋىي سىيىت نوچىلىق دېمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق. «بۇ دېگەن ئەسەبىيلىك ئەمەس» دەيدىغانلار چۇقۇم چىقىدۇ. شۇنداق، بىزگە نىسبەتەن ئەسەبىيلىك ئەمەس، بەلكى نۇرمال ھايات شەكلى. ئەمما بىزنىڭ دۈشمىنىمىزگە نىسبەتەن، بىزنى قوللاۋاتقان ياكى بىز دەردىمىزنى ئاڭلىتىپ، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقان خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن بۇ ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ قارالماقتا. دۈشمىنىمىز بولغان خىتايغا پەرۋايىمىز پەلەك، ئۇنىڭغا قانداق كۆرۈنسەك بەرىبىر. بىراق، خەلقئارا جامائەتچىلىككىچۇ؟ ئۇلارغا قانداق كۆرۈنسەك، مەيلىمۇ؟ ئەگەر «ھەئە» دېيىلسە، ئۇنداقتا نېمىشقا نامايىش قىلدۇق؟ شۇلارغا دەردىمىزنى ئاڭلىتىش ۋە شۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، نامايىش قىلدۇق ئەمەسمۇ؟
ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ مېنىڭچە، نامايىشتا دىنىي تۈسنى ئازايتىپ، مىللىي تۈسنى قۇيۇقلاشتۇرۇشىمىز لازىم. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ دىننى چەتكە قېقىش ئەمەس، بەلكى دىنغا توغرا ئەمەل قىلىش دېگەنلىكتۇر. نامايىشلاردا دىنىي تۈسى قۇيۇق ياكى باشقىلاردىن ئارىيەت ئالغان شۇئارلارنىڭ ئورنىغا، بىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمىز، مەقسىدىمىز ۋە تەلىپىمىزنى ئېنىق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان شۇئارلارنى دەسسىتىش كېرەك. نامايىشلاردا قىز-ئاياللىرىمىز ئۇيغۇر ئاياللىرىدەك ياكى بولمىسا نۇرمال تۈرك خانىم-قىزلىرىدەك ھىجاپلىنىشى، قارا ھىجاپ بىلەن يۈزى يېپىق ھالدا نامايىشلارغا قاتناشماسلىقى لازىم. ناۋادا يۈزىنى يېپىشنى ۋە قارا ھىجاپ كىيىشنى «ۋاجىپ» دەپ بىلگەن تەقدىردىمۇ، نامايىش كۈنىسى زۆرۈرىيەت نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، يۈزىنى ئېچىۋېتىپ، باشقا رەڭدە كىيىنىپ چىقسا بولىدۇ. ئادەتتە، روپاش ئاياللار چېگرادىن كېرىپ-چىقىشلاردا، كۆچ ئىدارىلىرىدە ۋە باشقا زۆرۈر تەكشۈرۈش نوقتىلىرىدا، ئىھتىياج ياكى ئېھتىيات يۈزىسىىدىن يۈزىنى ئاچىدۇ. بۇنى يۈزىنى ئوراش «ۋاجىپ» دەيدىغان ئالىملارمۇ دۇرۇس دەيدۇ. ئۇنداقتا، شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئاچقان يۈزنى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئاچسا ئەلبەتتە، ئەرزىيدۇ. مەسىلە بۇنىڭ ئىھتىياج ياكى ئەمەسلىكىنى، ئېھتىيات قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ياكى ئەمەسلىكىنى تۇنۇپ يىتىشتە. ئەگەر يەنىلا مەن يۈزۈمنى ئاچسام بولمايتتى، مەن قارا ھىجاپ بىلەن چىقمىسام بولمايتتى دەيدىغان ھەمشىرىلىرىمىز بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار نامايىشقا چىقماي ئۆيدە دۇئا قىلىشى ياكى نامايىشقا چىققانلارنىڭ بالىلىرىنى بېقىپ بېرىشى… ئىشقىلىپ باشقا جەھەتلەردىن ياردەمدە بولۇشى كېرەك
ئادەتتە، كىمنىڭ قانداق كىيىنىشى ئۆز ئەركىنلىكى بولسىمۇ، ئەمما نامايىش ئۇچۇر تارقىتىدىغان پائالىيەت بولغاچقا، ئوبرازغا دىققەت قىلماي بولمايدۇ. ئەگەر دىنىي شۇئارلارنى توۋلاش ۋە قارا ھىجاپ بىلەن يۈزى يېپىق نامايىش قىلىش داۋايىمىزغا پايدىلىق بولسىدى، ئەلبەتتە شۇنى تەرغىپ قىلغان بولاتتىم. ھەمدە ھىجاپسىز قىز-ئاياللاردىن ھېچبولمىغاندا، ۋەتەن-مىللەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن نامايىشقا بولسىمۇ، ھىجاپلىنىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولاتتىم. چۈنكى شەرقى تۈركىستاننىڭ مەنپەئەتى ئىسلامنىڭ مەنپەئەتىدۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈممەتنىڭ مەنپەئەتىدۇر. بۇ نوقتىدىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئىسلام شەرىئىتىنىڭ تۈپ مەقسەتلىرىدىن بىرىدۇر
بۇندىن كېيىنكى نامايىشلىرىمىزدا بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتمىسەك، قىلغان نامايىشىمىزنىڭ ئۈنىمى بولمىغاننى ئاز دەپ، يەنە خىتاينىڭ مەنپەئىتىگە خىزمەت قىلغان بولۇپ قالىمىز. بۇ خۇددى ئۆز پۇتىمىزغا، ئۆزىمىز پالتا چاپقانغا ئوخشايدۇ. نامايىش بىر سىياسىي پائالىيەت بولغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن سىياسىي ئۈنۈم قوغلىشىش لازىم. سىياسىي جەھەتتىن دۈشمەنگە پايدىلىق نامايىشنى قەتئىي قىلماسلىق كېرەك. نامايىشلىرىمىزدا بۇ ئىككى خىل ئەھۋال ئۆزگەرمىسە، داۋايىمىزنىڭ خارەكتېرى داۋاملىق غۇۋالىشىپ قالىدۇ. دۇنيا بىزنى بېسىۋېلىنغان بىر ۋەتەن-توپراقنىڭ داۋاچىلىرى دەپ ئەمەس، ئىمان داۋاسى قىلىۋاتقانلار دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ۋەتەن داۋايىمىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە دىن داۋاسى بولۇپ كۆرۈنىدۇ. نەتىجىدە، بىز ئىشغال قىلىۋېلىنغان ۋەتىنىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلار ئەمەس، دىن ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلارغا ئايلىنىپ قالىمىز

Share
2297 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.