logo

trugen jacn

سىراجىدىن ئەزىزى: قانچە مەسچىت بارلىقى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەركىن ناماز ئوقۇشقا بولۇش-بولماسلىقىدۇر

cb2a3028-e190-413f-90ba-3bcdd8bef0df

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

3‏-مارت، بېيجىڭدا باشلانغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بوغۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر بەزى سوئاللار چۈشكەن. بىراق سىياسىي كېڭەشنىڭ باياناتچىسى لۈ شىنخۇا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بارلىقى، مەسچىت سانى 30 يىل بۇرۇنقىدىن 10 ھەسسە كۆپەيگەنلىكى »نى بىلدۈرگەن.

لۈ شىنخۇانىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ، جۇڭگونىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي زاتلارنىڭ سانى بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى 3 مىڭدىن ھازىرقى 28 مىڭغا كۆپەيگەنلىكىنى، 2001‏-يىلدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ 4 مىڭ ئوقۇغۇچىنى مىسىر ۋە پاكىستاندىكى ئىسلام ئىنستىتۇتلىرىغا تەربىيەلەشكە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لۈ شىنخۇانىڭ بايانى ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇقىمسىزلىقنى خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتامدۇ ياكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ۋە ش. ت. ئى ھ. نىڭ تەسىرىدە يۈز بېرىۋاتامدۇ، دېگەن مەسىلە، ھالقىلىق تالاش-تارتىش بولۇپ قالغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋازىرىستاننى بازا قىلغان غازاتچى مۇجاھىدلار تەشكىلاتى-ش. ت. ئى ھ. گە باغلىسىمۇ، بىراق چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ دىن، مەدەنىيەت، تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىكى قاتتىق قول سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى قارشىلىققا مەجبۇرلاۋاتقان ئاساسلىق ئامىل، دەپ كۆرسىتىپ كەلگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زات ۋە ژۇرنالىست سىراجىدىن ئەزىزى، مەسچىت سانى ئارقىلىق دىنىي ئەركىنلىكنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى بۇرمىلىغانلىق، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا قانچە مەسچىت بارلىقى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ يېشى‏، جىنسىي، تەققى ‏-تۇرقى، كەسپى، سىياسىي سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئەركىن ئىبادەت قىلالامدۇ-يوق ؟ مانا بۇ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ ئۆلچىمى.

سىراجىدىن ئەزىزى مۇنداق دېدى: دىنىي ئەركىنلىكنى مەسچىتلەرنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ بەلگىلەش مەسىلىسى ئەمەس، مەسچىتلەرگە كىرىدىغانلارنىڭ كىملىكىگە قاراپ بەلگىلەش مەسىلىسى. ئادەتتە مەسچىتكە ناماز ئوقۇيدىغان، ئىبادەت قىلىدىغان ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ كىرىشى چەكلەنمەيدۇ. ئەمما خىتايدا پۈتۈن مەسچىتلەرگە ئېسىغلىققۇ، 5 تۈرلۈك ئادەمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت يوق، دەپ. 5 تۈرلۈك ئادەمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت بولمىسا، كىم كىرىدۇ مەسچىتكە. 5 تۈرلۈك ئادەم ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 95 % ئىگىللىسە، ئۇلار كىرمىسە كىم كىرىدۇ. مەسچىتلەرنىڭ بولۇشى مۇھىم ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بار، ماڭا پۈتۈن زېمىن مەسچىت قىلىنغان دەپ. مەسچىتنىڭ بولۇش-بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ناماز ئوقۇش مەسىلىسى. نامازنى ئاز بىر قىسىم ئىنسانلار بىلەنلا چەكلەپ قويسا، ئۇ مەسچىتنىڭ نېمە ئەھمىيىتى قالىدۇ.

دىننىڭ ئاساسى بولغان مۇھىم ئىشلاردا چەكلىمە قويۇلمىسا، ئۇ ۋاقىتتا دىنىي ئەركىنلىك بار، دېگىلى بولىدۇ. لېكىن ھازىر ياغلىق ئارتىش، دىنىي كىيىم كىيىش، ساقال قويۇش، دىنىي تۈس ئالغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىش، ئادەملەرنىڭ قول تېلېفونىدا دىنىي دەرس، قۇرئان كەرىم چىقىپ قالغىنىغا 6-7 ۋە 10 يىللىق تۈرمىگە ئېلىۋاتسا، دىنىي ئەركىنلىك نەدە قالدى.

لېكىن سىياسىي كېڭەش باياناتچىسى لۈ شىنخۇا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىك مەسچىت سانى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تىللاردا 1 مىليوندىن ئارتۇق كلاسسىك دىنىي ئەسەر، دىنىي كىتاب ۋە ژۇرنال نەشر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن بۇ، مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە نەشر قىلىنغان دىنىي كىتاب، ژۇرناللارنىڭ ئومۇمىي سانىمۇ ياكى بىر قانچە يىللىق توپلام سانىمۇ بۇنىسى مەلۇم ئەمەس.

ئۇيغۇر ئىلىدا دىنىي كىتاب باسقان، تارقاتقان، ساقلىغان شەخسلەرنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» قىلىش، «دىنىي ئاشقۇنلۇق»نى تەرغىب قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، بۇ خىل چەكلىمە باسما، نەشرىيات بىلەن چەكلىك ئەمەس. تور قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى دىنىي مەقسەتتە قوللانغانلار، دىنىي كۇرس ئېچىپ بالا ئوقۇتقانلار، تېلېفونىغا دىنىي تەبلىغ، قۇرئان ئايەتلىرىنى قاچىلىغانلار، ساقال قويغانلار، ھىجاپلىق ئاياللار، ناماز ئوقۇغان ئۆسمۈرلەر ۋە كادىلار ئوخشاشلا جازالىنىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 2014‏-يىلنىڭ ئاخىرىلىرى چىقارغان يەرلىك قانۇنىدا، ساقال، ھىجاپ، بۇرقا، جىلباپ چۈمبەل قاتارلىق دىنىي كىيىم-كېچەك ۋە دىنىي سىمۋوللارنى ئاممىۋى سورۇنلاردا رەسمىي چەكلىگەن. مەزكۇر قانۇن بۇ يىل 1‏-مارت كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغان ئىدى.

سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى، ئۇيغۇر دىنىي مائارىپىنىڭ ئاساسەن يوق بولۇشىدۇر.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم مەسىلە دىنىي مائارىپ ئەركىنلىكى. بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇر دىنىي مائارىپىي تامامەن يوق دېيەرلىك. دىنىي مائارىپ نورمال مەدرىسە ۋە مەكتەپلەردە بولمىغاچقا خەلقىمىزنىڭ دىنغا ئېھتىياجى بار. بىزنىڭ مىڭ يىللىق ئىسلام دىنى ئېتىقاد تارىخىمىز بار. ئەۋلادلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش ئىمكانىيىتى بولمىسا، خۇسۇسەن ياشلار دىن مەسىلىسىدە مەيلى تور ئارقىلىق بولسۇن، مەيلى مەخپىي دىنىي مەكتەپلەردە بولسۇن، دىنغا قىزىققانلار دىنىي تەلىم ئالىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئىچىدە توغرا مەلۇمات ئالىدىغانلار بولىدۇ، خاتا مەلۇمات ئالىدىغانلار بولىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكى بوغۇلدىمۇ، ئۇ ۋاقىتتا پۈتۈن قىيىنچىلىق شۇ يەردىن چىقىدۇ. ھەر قانداق ھاكىمىيەت خەلقنىڭ دىنىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. مەكتەپ، مەدرېسلەردە دىنىي مائارىپ بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ بولمىسا پۈتۈن قىيىنچىلىق شۇ يەردىن باشلىنىدۇ. ئاشكارىسىنى رۇخسەت قىلمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇ قانۇنسىزغا، يەر ئاستىغا چۈشىدۇ. يەر ئاستىدا ئىنسانلار نېمە ئۆگىنىدۇ، ئۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. بۇ مەسىلىلەر ھاكىمىيەتنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلىلەر. لېكىن خىتاي ھاكىمىيىتى بىزنىڭ مىللەتنىڭ پۈتۈن ھەقلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلمىغاچقا، داۋاملىق مەن قىلىمەن، مېنىڭ دېگىنىم توغرا، سەن سۆزلىسەڭ خاتا سۆزلەيسەن، دېگەندەك ئەھۋاللار 60 يىلدىن بېرى مەۋجۇت.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي تۇرمۇشىغا قىلىنغان بۇ خىل مۇداخىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل. ئۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ بۇ قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۆزگەرتمىسە، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق قارشىلىقىنى قوزغايدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال، دەپ كۆرسەتتى

سىراجىدىن ئەزىزى: نورمال دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئىنسانى ھەق-ھوقۇقى بىلەن ياشاش ھەر بىر ئىنساننىڭ تەبىئىي ھەققى. لېكىن بۇ ھەقتىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلار نېمە قىلماقچى؟ ئەلۋەتتە، ئىنساننىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بولسۇن، مىللىي ئەركىنلىكى بولسۇن ۋە ياكى بايلىقى، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بېسىمغا ئۇچرىسا، ئىنسانلار ئەلۋەتتە بېسىم قىلغۇچى ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال. ھېلىغۇ، ئىنسانكەن، بىر ھايۋانغىمۇ نورمىدىن تاشقىرى مۇئامىلە قىلىنسا، ئېشەك بولسا تېپىدۇ، ھايۋان چىشلەيدۇ. ھەتتا قوينىمۇ بېسىم قىلىۋەرسە رېئاكسىيە كۆرسىتىدۇ.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مىللىي سىياسىتىگە قارىتىلغان بارلىق تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇق» قا، بولۇپمۇ ش. ت. ئى. ھ. نىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق » ھۇجۇمىغا ئارتىپ كەلگەن. سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى لۈ شىنخۇا مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىدا ش.ت. ئى. ش. ھ جۇڭگونىڭ ئاساسلىق نىشانى» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق شېرىكى، دەپ قارايدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-03092015144809.html

Share
1881 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.