logo

trugen jacn

زۇلمەتلىك تۇپراق رومانىنىڭ ئاپتورى ئابلىمىت غوجابدۇللا 2014-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن

327f83b3-cd65-4393-998b-72f7e6a2a97b

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئابلىمىت غوجابدۇللا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئەسەرلىرى كۆپ كۆرۈلمىگەن بىر يازغۇچى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ژۇرناللىرى ياكى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنمىغان. ھېچ بىر ئورگان ياكى بىر ئەدەبىي ژۇرنال ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ياكى «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غىمۇ تەۋسىيە قىلىپ باقمىغان.

ھالبۇكى، ئابلىمىت غوجابدۇللا ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئەڭ سۆيۈلگەن ھەم ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان تور يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «توختى پوكان چاتما ھېكايىلىرى» ناملىق بىر يۈرۈش ساتىرىك ھېكايىلىرى 2013-يىلىنىڭ ماي ئايلىرىدا توپلام قىلىنىپ «باغداش»، «مىسرانىم» ۋە باشقا تور بەتلىرىگە قويۇلغاندىن كېيىن توردىكى كۆرۈلۈش قېتىم سانى قىسقىغىنە بىرقانچە ھەپتىدە 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن.

2013-يىلى ئۇ يەنە «زۇلمەتلىك تۇپراق» ناملىق رومانىنى تاماملاپ ئېلكىتاب شەكلىدە توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم زىلزىلە پەيدا قىلغان.

ھالبۇكى، «شەيخىم» دېگەن تەخەللۇس بىلەن تورغا تىزىملىتىپ كىرىدىغان ياش يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ يازمىلىرىنى كۆرۈش 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:59 دىن باشلاپ چەكلەنگەن. شۇندىن كېيىن ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ ئىسمى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىن غايىب بولغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ 2014-يىلى قاراقاشتا تۇتقۇن قىلىنىپ، كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھازىر تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ 2014-يىلىنىڭ ياز مەزگىلىدە قاراقاشتا قولغا ئېلىنغانلىقىنى خوتەندىكى دوستلىرىدىن بىلگەن. كېيىن ئۇنىڭ 6 يىلدىن 8 يىلغىچە قاماققا كېسىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان.

بۈگۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ ياش يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ 2014-يىلى قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2013-يىلى ياز مەزگىلىدە، يەنى ئۆزى تۇتقۇن قىلىنىشتىن بىرقانچە ئاي بۇرۇن قاراقاشتا ئابلىمىت غوجابدۇللا بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئابدۇۋەلى ئايۇپ 2015-يىلىنىڭ بېشىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىشەنچلىك كىشىلەردىن ياش يازغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ 2014-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ 6 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن «زۇلمەتلىك تۇپراق» رومانىنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ شەخسىي يانفون نومۇرىغا تېلېفون قىلدۇق. ھالبۇكى، تېلېفوننى ئالغۇچى ئابلىمىت غوجابدۇللانى تونۇمايدىغانلىقىنى، بۇ نومۇرنى خوتەن ۋىلايەتلىك تېلېگراف ئىدارىسىدىن بوشىغان نومۇرلار قاتارىدا بىر يېرىم ئاي ئىلگىرى سېتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىز ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ ئاتا-ئانىسى ئولتۇرۇشلۇق قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا يېزىسىدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. كۇيا يېزىلىق ساقچىخانا تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كىملىك نومۇرى بولمىغان ئەھۋالدا ئابلىمىت غوجابدۇللانىڭ ئۇچۇرىنى تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى چىرايلىقچە رەت قىلدى.

بىز ئاخىرىدا قاراقاش ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. ھالبۇكى، نۆۋەتچى ساقچى قوپاللىق بىلەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

Share
970 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.