logo

trugen jacn

رامىزان ئالدىدا ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىققا قەسەم ئىچىشى تەلەپ قىلىندى

gherip-uyghur-musulmanlar

رامىزان يېتىپ كېلىش ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كادىرلارنى روزا تۇتماسلىق ھەققىدە قەسەم ئىچكۈزگەن. ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە دۆلەت كادىرلىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان يېتىپ كېلىش ئالدىدا يەنە قايتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان بەلگىلىمىلىرىنى چىڭىتتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق ھەدەپ رامىزان چەكلىمىلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن سىرت، ھەرقايسى دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز ئالدىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن. مارالبېشى ناھىيىسىدىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرى ھېچقايسىسىنىڭ روزا تۇتمايدىغانلىقىغا ئائىت ۋەدىنامە يازغان. جىڭ ناھىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېتىدە بولسا رامىزان مەزگىلىدە ھەرقايسى مۇسۇلمانچە ئاشخانىلارنىڭ تىجارىتىنى نورمال داۋام قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا بايانات بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق سىياسىيلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قىلىنىۋاتقان بېسىمنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ramizan-uyghur-06162015160014.html

Share
2529 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.