logo

trugen jacn

دولانت تىرامپنىڭ ئۇيغۇر تەقدىرىگە تەسىرى نىمە بولىدۇ؟

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

دولانت تىرامپنىڭ ئۇيغۇر تەقدىرىگە تەسىرى نىمە بولىدۇ؟

 

مىليونېر ئىش ئادىمى دولانلت تىراپنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشى، يالغۇز ئامېرىكىدىلا ئەمەس، دۇنيادا سىياسى زىلزىلە پەيدا قىلدى. بۇ سايلام نەتىجىسى ئامېرىكا خەلقىنى تارىختا كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قۇتۇپلارغا بۆلۈنىشىگە سەۋەپ بولدى. دېموكراتىيىنىڭ قەلئەسى بولغان ياۋروپانىڭ گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغۇچى گېرمانىيە، فرانسىيە دۆلەت رەھبەرلىرى، تىرامپقا نىسبەتەن ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن چېكىنمىدى. مىللەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن دېموكراتىيىگە تاقابىل تۇرۇپ كەلگەن ئوتورىتەر دۆلەتلەر بولسا تىرامپنىڭ تەخىتكە چىقىشىدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلماقتا

دولانت تىراپنىڭ سايلام غەلىبىسى كىملەرنىڭ زەپىرى؟

س.ئە.ت.ئا ئاۋاز يوقلىمىسىدا، ئامېرىكىدا ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقانلارنىڭ نىسبىتى 56% بولۇپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ 50% نى تىرامپقا ئاۋاز بەرگەن. ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ 7% نى، مۇسۇلمانلارنىڭ 4%تى تىراپقا، 72% سى كىلىنتونغا ئاۋاز بەرگەن
ئانگولا- ئامېرىكان كۈلتۈرىدە “مىللىي ئىرادە” دېگەن ئوقۇم يوق ئىدى. “كۆپ سانلىقنىڭ ئىرادىسى” دېموكراتىيىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان تېرمومېتىر بولۇپ كەلگەن. بۇ قېتىم ئەھۋال تامامەن ئەكسىچە بولدى. ترىرامپنىڭ غەلىبىسى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ “مىللىي ئىرادىسى”نىڭ زەپىرىدۇر
ئامېرىكا پرىزدىنتى سارىيىنىڭ ئىسمى، ئاقساراي. بۇ ئاق سارايدا 8 يىل بىر قارا پرېزدىنت ئولتۇردى. ئاق تەنلىكلەرنىڭ بۇنى ھەزىم قىلالمىغانلىقى مەلۇم

 

گۇلىبالىزاسسىيون (دۇنياۋىلىشىش)تىن ئۆز قەلئەسىگە چېكىنىش ئېقىمىنىڭ باشلىنىشىمۇ؟

تىجارەتتە دۇنياۋىلىشىش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا كاپىتالىزمى ئىدى. مەخسەت كاپىتالىستلارنىڭ سودىسىنى راۋانلاشتۇرۇش ئىدى. بۇ شۇئارغا ئەڭ بۇرۇن ئاۋزا قوشقان سوسيالىست خىتاي دۆلىتى 1980.يىللاردا كاپىتالىزمغا قۇچاق ئاچتى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى قارا ئىشچىلىققا ئېھتىياجلىق ۋە ھاۋا بۇلغىنىشىغا سەۋەپ بولىدىغان بارلىق زاۋوت – فابرىكىلار خىتايغا كۆچۈپ كەلدى. كاپىتالىستلار، زامانىۋى قۇل بازىرى بولغان خىتايدىكى ئەرزان ئىشچى كۈچىدىن پايدىلىنىپ دۇنيا بازىرىنى كونترول ئاستىغا ئالدى. دۇنياۋىلىشىش ئىسمىنى ئالغان ئەركىن رىقابەت، مېھنىتى ئارقىلىق ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن مىليارتلىغان يوقسۇل خەلقنى تېخىمۇيوقسۇللاشتۇردى. 2011.يىلى باشلانغان “ئەرەب باھارى” ھەرىكتى، قىرغىزىستان، ئۇكراينادا يۈز بەرگەن “رەڭلىك ئىنقىلاپ”لار كەمبەغىللەشكەن ئاۋامنىڭ ئىسيانى ئىدى. 2011.يىلى 9.ئايدا ئامېرىكىدىكى ئون مىڭلىغان مېھنەتكەش ئامما، “بىز 99% نى تەشكىل قىلغۇچىلارمىز” شۇ’ئارىنى ۋارقىرىشىپ، ئامېرىكا كاپىتالىزمنىڭ قەلبى “ۋولسىترېت” بىناسىنى باسقان ئىدى. بۇ ئەسلىدە دولانلت تىرامپلارنى ئىش بېشىغا چاقىرغان بىر سىگنال ئىدى

گەرچە خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرى ئامېرىكا، ياۋرۇپا بازارلىرىنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، كاپىتال ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىدا توپلانغان بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسى كۈندىن كۈنگە ئىشسىزلىق، يوقسۇللۇق پاتقىقىغا پېتىۋاتاتتى. بۇ يوقسۇللارنىڭ قولىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ناننىمۇ تارتىپ ئالغۇچى ئاچ كۆچمەنلەر، توپ-توپ ھالدا، ئايىغى ئۈزۈلمەي بۇ دۆلەتلەرگە ئېقىپ كەلمەكتە ئىدى.نەتىجىدە، دېموكراتىك كەڭ قوساقلىقنىڭ ئورنىنى، مىللەتچىلىك قىزغىنىش تۇيغۇسى ئىگىلەشكە باشلىدى

كاپىتالىزمغا ئاسانلا تەسلىم بولغان روسسىيە ۋە شەرقى ياۋروپادا مىللەتچىلىك تىزدىن باش كۆتۈردى. كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە پولشا، ۋېنگرىيە،سېلوۋاكىيە, ئاۋۇستىرىيەدە ئوڭچى- مىللەتچى پارتىيىلەر ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى. ئەنگىلىيىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشى، ياۋروپادا مىللىي دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئېقىمىنى ئىلھاملاندۇردى. فرانسىيە،گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كۆچمەنلەرگە قارشى مىللەتچى پارتىيىلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى كۈنسىرى زورايماقتا. دونالت تىرامپنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى غەرب دۆلەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك شوۋىنىست مىللەتچىلىك دولقۇنىنى قوزغىشى مۇمكىن. ئامېرىكىدىكى بۈيۈك ئىشسىزلىق، ئىجتىمائى ئادالەتسىزلىك، ئىختىسادى كىرىمىدىكى تەڭسىزلىك، نامراتلىق، دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ كىلەچەگىگە بولغان ئىشەنچىسىزلىك، كۆچمەن ۋە تىرور ئەندىشىسى… دونالت تىرامپنى لىدەرلىك سەھنىسىگە ئېلىپ چىققان ئامىللاردۇر.ئامېرىكا بۇرۇنقى ئامېرىكا، دۇنيا بۇرۇنقى دۇنيا بولمايدىغانلىقى ئېنىق

تىرامپ ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىرى نېمە بولىشى مۇمكىن؟

فرانسىيە دۆلەت رەئىسى فىرانچويىس مىتتېرراند 1995.يىلى ياۋرۇپا پارلامېنتىدا خوشلىشىش نۇتىقىدا مۇنداق دېگەن ئىدى “ مىللەتچىلىك ئۇرۇش دېمەكتۇر.” مىتتېراند، مىللەتچىلىكنىڭ سەمەرىسى بولغان 2. دۇنيا ئۇرۇشىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بىر لىدەر ئىدى. ياۋروپانىڭ دېموكىراتىيەدىن ۋاز گەچمەسلىگىنى، مىللەتچىلىك يولىغا قەتئىي كىرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان
يېڭى دۇنيادا شوۋىنىست مىللەتچىلىكنى ئەڭ بۇرۇن كۆتۈرۈپ چىققان خىتاي كومىنىستىك پارتىسى ئىدى. مىللەتچىلىك ۋاباسى پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. دۇنيا يېڭى بىر ئۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ. دونالت تىرامپقا ئاۋاز بەرگۈچىلەر ئارىسىدا 32 مىليون ئۇرۇش مەيدانىدىن قايتىپ پىنىسسىيەگە چىققان ئەسكەر بار. تىرامپنىڭ سايلام كامپانىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم كادىرلىرى ئەسكىرى قۇماندانلاردىن تەشكىل تاپقان. ئۇلار تىرامپنىڭ كابىنىسىدە يەر ئالىدۇ. ئەسكەرنىڭ كەسپى بولسا ئۇرۇش قىلىشتۇر

تىرامپ، خىتايغا 45% لىك تاموژنا بىجى قويىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. خەلقارا تىجارەت قانۇنى بۇنداق قىلىشقا ئىمكان بېرەمدۇ-يوق؟ ئەمەلىيەت جەريانىدا كۆرىمىز. تىراپنىڭ، مىنىڭ دىققىتىمنى جەلپ قىلغان ئەڭ مۇھىم كۆز قارىشى روسسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئىتتىپاقلىشىش تەشەببۇسى ئىدى. تىرامپ كۆپ قېتىم ۋىلادىمىر پۇتىننى ماختىدى. سۈرىيەدە پۇتىن بىلە ئورتاق ئىش بىرلىكى قىلىدىغانلىقىنى، قېرىم يېرىم ئارىلىنىڭ رۇسىيىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پۇتىنمۇ، دونالت تىرامپنى ماختايدىغان سۆزلەرنى قىلدى. سايلام غەلىبىسىدىن كېيىن ئەڭ بۇرۇن تىرامپقا تېلېفۇن قىلىپ تەبرىكلىگۈچى ۋەئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن بولدى
مەن ئۇزۇن يىلدىن بېرى، ئامېرىكا دوستلۇق ئۈچۈن روسسىيەنى تاللامدۇ ياكى خىتاينىمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل تەپەككۇر قىلىپ كەلدىم ۋە كۈزىتىش ئېلىپ باردىم.چۈنكى، بۇ نۇقتا بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. تىرامپ، رۇسسىيەنى تاللىدى. 3 يۈزمىڭ دوللار بىلەن ئىش باشلاپ 10 مىليارد دوللىرىلىق سەرمايىگە ئىگە بولغان تىراپنىڭ ھەقىقەتەن دىپلوماتىيە جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئەقىللىق ئادام ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. تىرامپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا جاندارمىلىغىنى يالغۇز بېجىرىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى ۋە رۇسسىيەنى يېنىغا تارتىشقا قارار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر چالمىدا ئىككى پاختەك ئۇرالايدۇ. روسسىيە بىلەن دۇنيانى ئورتاقلىشىپ باشقۇرغۇچى ئامېرىكا، ھەم ياۋروپانى قورقۇتۇپ يېنىدا تۇتالايدۇ. ھەم ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن داۋاملىق مەبلەغ سېلىش كۈلپىتىدىن قۇتۇلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى روسسىيە، ياپونىيە، ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە خىتاينى قىسقۇچتا تۇتالايدۇ

رۇسىيىگە ئەسلى تەھدىت ئامېرىكا ئەمەس، خىتايدۇر. بۇ نۇقتىنى رۇسلار ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. روسسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە ئىتتىپاقى ئەمەلگە ئاشىدىغانلا بولسا، شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن بۈيۈك بىر خەلقئارالىق پۇرسەت تۇغۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەنكى، دونالت تىرامپنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشىدا ئۇيغۇرلارغا بىر خەيىرلىك بار. بۇندىن كېيىنكى ئامېرىكا، روسسىيە مۇناسىۋىتىنى ئىنچىكىلەپ كۈزىتىشىمىز لازىم

يىل 2016- 11.ئاينىڭ 11.كۈنى

Share
1312 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.