logo

trugen jacn

داڭلىق تۈركولوگ ئەرجىلاسۇن مىرسۇلتان ئوسمانوفغا يۇقىرى باھا بەردى

bb8ac6bc-a7f8-4943-a849-29fa23724745

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەدىكى داڭلىق تۈركولوگ دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەنقەرەدە ئېچىلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئۇيغۇر تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوفغا يۇقىرى باھا بەردى.

18-دېكابىر تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا داڭلىق ئۇيغۇر تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85يىللىقى، ئاتاقلىق شائىر، مەشھۇر جامائەت ئەربابى ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم تىلەشۈپ ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

يىغىدا سوز قىلغان دوكتور ئەرجىلاسۇن مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىدا تۆھپىسى زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ۋە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، قازاقىستان، گېرمانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋە تۈرك تۈركولوگلار ئىلمىي دوكلات بەردى. ئۇلار دوكلاتىدا تونۇلغان تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرگە يۇقىرى باھا بەردى.

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە مىرسۇلتان ئوسمانوف» ناملىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە مەھمۇت قەشقىرى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىي تىللار دىۋانى 1910-يىللاردا تېپىلغاندىن كېيىن، 1917-يىلىدا ئۆز پېتى نەشر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەردىن دۇنيا خەۋەردار بولدى. ھازىر بۇ ئەسەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەۋجۇت. ھازىر بۇ ئەسەر ئاشخابادتا، تاشكەنتتە، قىرغىزىستاندا، قازاقىستاندا ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا، قەشقەردە بار. بۇ ئەسەرنى نەشر قىلىش پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ بوينىنىڭ بۇرچىدۇر.

تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىدا مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تۆھپىسى زور

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن «دىۋان لۈغاتىت تۈرك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشىدا، ۋە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى تەرجىمىسىدە، بۈگۈن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85-يىلىنى تەبرىكلەۋاتقان مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ تۇنجى نەشرىنى ئۇيغۇرلار 1981-1983-1984-يىللىرىدا قىلدى. بۇ نەشرىدە بۈگۈن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 85-يىللىقى قۇتلىنىۋاتقان مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تۆھپىسى زور. بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى تومىدا نەشر قىلغۇچىلارنىڭ ئىسمى يېزىلغان. ئۇلار مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا، ئابدۇلخەمىت يۈسۈپى، ھاجىنۇر ھاجى، ئوسمان مەمەت نىياز، سالىھ روزى، ئىبراھىم مۇتىئىي، ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىق ئىلىم ئادەملىرىدۇر. 2002-يىلىدا خىتاي تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مىرسۇلتان ئوسمانوف بۇ تەرجىمىگىمۇ قاتناشقان. 2008-يىلىدا ئۈرۈمچىدە مەزكۇر ئەسەر قايتا نەشر قىلىندى. بۇ نۇسخىسىنى 5 كىشى نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدىمۇ مىرسۇلتان ئوسمانوف بار.»

مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىنىڭ تېپىلىشىدا مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تۆھپىسىنىڭ زور

پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنىڭ تېپىلىشىدا مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، قەشقەردە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرى تېپىلدى. مەزكۇر قەبرىنىڭ تېپىلىشىدىمۇ مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور. 1957-يىلىدا بىر ئارخېئولوگ مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسى ئوپالدا بولۇشى مۇمكىن دەپ بىر دوكلات يازغان ئىكەن. ئىسمائىل ناملىق بىر ئارخېئولوگ يازغان دوكلات تېخى نەشر قىلىنمىدى. 1981-يىلىدا قاسىم رەھىم «ئازىق مەھەللىسى توغرىسىدا» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان ھامان ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن مىرسۇلتان ئوسمانوف قەشقەرگە باردى. ئۇ يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. 1983-يىلى 1836-يىلىدا يېزىلغان بىر ھۆججەت تېپىلدى. بۇ ھۆججەتنى مىرسۇلتان بىلەن ئىبراھىم مۇتىئىي تەتقىق قىلدى. 1984-يىلىدا ئىبراھىم مۇتىئىي بىلەن مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ «مەھمۇت قەشقىرىنىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە مازىرى توغرىسىدا» ناملىق مەشھۇر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە 1987-يىلى سوۋېت تۈركولوگىيەسى ناملىق ژۇرنالدىمۇ ئېلان قىلىندى. كېيىنكى يىللاردا قازاقىستان ۋە تۈركىيەدىمۇ ئېلان قىلىندى. ئوپال، ئازىق دېگەن يەر ئىسىملىرى دىۋاندا بار ئىدى. بۈگۈنكى ئوپالدىكى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسى ۋە مۇزېيىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ تۆھپىسى زور. بۇلاردىن باشقا مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىملاسىنىڭ تۈزۈلۈشىدە كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان.»

تونۇلغان تۈركولوگ پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئۇيغۇر تۈركولوگ مىرسۇلتان ئوسمانوفنىڭ دۇنيا تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، دوكلاتىنى مىرسۇلتان ئوسمانوفغا ئاتاپ يازغان شېئىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت پروفېسسور دوكتور ئەخمەت بىجان ئەرجىلاسۇن ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇر تۈركولوگلارغا بەرگەن باھالىرى ھەققىدە توختالدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/meshhur-kishi-12232015122351.html

Share
1698 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.