logo

trugen jacn

دائىرىلەر قەشقەردە يۇقىرى مائاشلىق 3000 ساقچى قوبۇل قىلماقچى

 

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت 6-مارت ئېلان چىقىرىپ، قەشقەرنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يۇقىرى مائاش بىلەن خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن 3000 ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ ساقچىلارنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىدىن يۇقىرى سەۋىيىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 5000 سوم دەپ بەلگىلىنىپ، ئۇنىڭغا يەنە ئېيىغا 500 سوم مۇقىملىق ساقلاش پۇلى قوشۇپ بېرىلىدىغانلىقى، قەشقەردىكى تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەرنىڭ قەشقەردە 3000 ساقچىنى قوبۇل قىلىش ئېلانىدىن ئىلگىرىلا رايوندىكى ساقچىلار سانى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇلتۇر 9-ئايدا رايونغا تەيىنلەنگەن يېڭى ئەمەلدار چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ھۆكۈمەت دائىرىلىرى رايوندا تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى ساقلاش نامىدا ھازىرغا قەدەر يېڭىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ساقچىنى قوبۇل قىلغان. كوچا دوقمۇشلىرىدا قاراۋۇلخانىلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىدە كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدىكى ئەڭ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qeshqer-saqchi-03072017170834.html

Share
1082 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.