logo

trugen jacn

خەلقىمىزنىڭ زىھنى ئۇستىدىكى ئىغىر يۇكلەردىن قانداق قۇتۇلىمىز

خەلقىمىزنىڭ زىھنى ئۇستىدىكى ئىغىر يۇكلەردىن قانداق قۇتۇلىمىز؟

مۇئەللىم

خەلقىمىزنىڭ زىھنى ئۇستىدىكى ئىغىر يۇكلەردىن ئوتتۇرا شەرىق ئەرەپچىلىك يۇكىنى ، خىتتاي ۋە روسلار تاڭغان بورمۇلانغان تارىخ يۇكىنى ، نى زاماندىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان ئادەت يۇكىنى ، يۇز يىللار بويىچە قەددىنى رۇسلىشىغا يول قويمىغان جاھالەت يۇكىنى …..ئىلىپ تاشلىغاندا بۇ مىللەت بىر راھات نەپەس ئىلىش بىلەن بىرگە ئوزىنىڭ نىمە قىلىشىنى بىلىپ يىتىدۇ.بۇ بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك زىھنى ھەركەت بىلەن بولىدۇ .

سوقرات ئەخلاقنى بىر بىلىم سۇپىتىدە قوبۇل قىلنىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا ، ئولۇغ دىنىمىز ئىسلام ئەخلاقنى بىر نىزام ببر پەزىلەت بىر دىنى ئەقىدىنىڭ موھىم قىسمى مۇنداقچە ئېيىتقاندا گۇزەل ئەخلاقنى مۇكەممەل قىلىش پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپىللىرىدىن بىرى ھىساپلىدى ، پەيغەمبىرىمىز پۇتكۇل ھاياتىدا ئەتراپىدىكى تۇرلۇك دىنىلاردىكى پۇتۇن ئىنسانلار بىلەن ، تەبىئىەت دۇنياسى بىلەن ، جانلىقلار دۇنياسى بىلەن ، كائىنات ئالىمى بىلەن ، ئوزى يولۇققان ۋەقە ھادىسلەر بىلەن قىسقىسى ھاياتنىڭ ئوز ئىچىگە ئالغان پۇتۇن دائىرسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئەخلاقنى مۇكەممەل بىر بىلىم ھالىتىدە ئەمىلى كورسۇتۇپ ئوتتى .
خەلىفە ئومەر بولسا ئەخلاقنىڭ ئەڭ موھىم بىر قورغان ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ ۋە ئەمىلىيتىدە ، ئادالىتىدە نامايەن قىلدى .
ئەمدىكى ببزنىڭ ئەخلاقىمىزچۇ؟!،..نەدىن نەرگە كەلدۇق . مىللەتنىڭ بولۇپمۇ 2016 . يىلدىن كىيىن تارتىۋاتقان زولمىنى ، پەريادىنى ئاڭلىمىغانلار قالمىدۇق . ھەتتا قازاق قىرىنداشلىرىمىزمۇ شۇ ئولۇم لاگىرلىرىنى ئاڭلىتىپ ھارمىدى .
كېلەيلى ؛ چەتئەلدە ياشاۋاتقانلىرىمىزنىڭ ھاللىرىمىزغا…!
قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا…! ئېنتىرنت دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئايىغى چىقماس تالاش تارتىشلارغا …!
تۈگىمەس مۇنازىرلەرگە …!
كەلكۇندە ئىقىپ كىتىۋاتقان بىرسىنى ، ئوت ئىچىدە قالغان كىشىنى قۇتقۇزۇشنىڭ چارىسىنى شۇ شارائىتقا قارىتا ئادەتتىكى ئىنسانمۇ قىلىشقا ئىنتىلىدۇ ۋە قىلىدۇ…
پۇتۇن يوقۇتۇلۇش خەۋپىدە قالغان بىر مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن نىمە قىلىش كىرەكلىگىنى ھالا ئويلاشمىغان ، ئويلىسىمۇ قانداق ھەركەت قىلىش ھەققىدە ئەقىل ئىشلەتمەيۋاتقان ، ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنى ئومۇمى مىللى روھقا ، مىللى ئاڭغا ئايلاندۇرۇپ قوبۇل قىلدۇرالمىغان بىر ئەھۋال مەۋجۇت…
يوق بولۇش ياكى بار بولۇش مۇجادىلىسدە تارىخنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقىتى شۇكى : كورەش قىلىش ، پىداكارلىق بىلەن ئىلىشىش، جەڭ قىلىش …
ھەممىدىن موھىمى ئوز تۇپرىقى ئۇچۇن قان بىرىش .جان بىرىش ، ماددى ۋە مەنىۋى بەدەل ئوتەشكە تەييار تۇرۇدىغان روھى-ھالەتنى شەكىللەندۇرۇش…
نۆۋەتتىكى بىز ئەۋلاتلار ئۇچۇن خاتىرلىنىدىغان پەخىرلىك بىر تارىخ يارىتىش ياكى دە – تالاش بىلەن ۋاقتىمىزنى، زېھنىمىزنى ۋە ئاخىرى بارلىق نەرسىمىزىنى خورىتىۋېتىپ لەنەت بىلەن ياد قىلىنىدىغان بىر تارىخ قالدۇرشمۇ…؟!
ئولۇپ-ئۆلتۇرۇپ شۇ شارائىتلاردا دوۋلەت قورغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ خاتالىقلىرىدىن قاھشاپ ھارمايدىغان بۇ ھالىمىزدىن ، بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىز تور دۇنياسىدا توپ قۇرۇپ ، ئىكران ئالدىدا ئىنقىلاپ قىلىۋاتقان بۇ ھالىمىزدىن پەخىرلىنەرمۇ ياكى لەنەت بىلەن ، نەپرەت بىلەن تىلغا ئالارمۇ؟! ئەگەر تىلغا ئالىدىغان ئەۋلاتلىرىمىز بولىدىغان بولسا…
بىزنىڭ ئىنقىلاپ كورۇشىمىز زىمىن تۇپراق كورىشى ، تاجاۋۇزچىنى زىمىنىمىزدىن يوق قىلىش كۆرىشى ،دۇنيادىكى ئەڭ رەزىل بىنورمال ئىنسان بولغان بىر كۇچ بىلەن بولغان ئىنسانلىق كورۇشى …
بىز بۇ كورەشنى ئۇستەلدە ئەمەس مەيداندا قىلىمىز…
مەيداندىكى قەھرىمانلىقىمىز ئاندىن ئۇستەلدە ئىپادىسىنى كورسۇتىدۇ…
جەڭ مەيدانىدا ئۇستۇن بولالمىغانلار ئۇستەلدە ئۇستۇنلۇكنى ساقلىيالمايدۇ، دوشمىنىمىز خىتتاي بىزنى ھەرگىز جەڭ مەيدانىدا كورۇشنى خالىمايدۇ، چۇنكى بۇ مىللەت تارىخ بويىچە جەڭ مەيدانىدا يىڭىلگەن ئەمەس ، ئۇستەلدە يىڭىلدۇق . خىتتاي ھازىرمۇ بىزنى شۇ ئۇسەتللەرگە بەنت قىلىپ قويۇپ ۋاقىت قازانماقچى، بىز بۇ ئويۇنلارنى بوزۇشقا قادىر بولۇش ئۇچۇن قولۇمىزدىن نىمە كەلسە قىلىشقا تەييار بولۇشىمىز زورۇردۇر.
دونيا يارتىپ بىرىۋاتقان پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ، ئوزىمىزنىڭ قورال تۇتالايدىغانلىرىنى قەدىرلەپ ، پۇتۇن مىللەت بولاراق ئەقىلىمىزنى توپلاپ ، پۇتۇن شەرقىي تۇركىستانلىق خەلقىمىزنى ئارقىمىزغا ئىلىپ ھەركەتكە ئوتۇشنىڭ ۋاختى كىلىپ ئوتۇپ كىتىۋاتىدۇ . دۇنيادا ساڭا كەلگەن پۇرسەتلەر داۋاملىق ئەمەس، بەزىللىرىنى ئوزەڭ يارتىپ چىقىشىڭ كىرەك…

مۇئەللىم
2023. 12. 2. ئىستانبۇل

Share
2116 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.