logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ؟

 

 

بۈركۈت

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ھېلى مىكىر سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تامامەن بوي سۇندۇرۇش، زېمىن داۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش، مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش ۋە ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئوچۇق ۋە ياكى يوشۇرۇن ھالدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇر خەلقىنى ئاساسەن مېھماندوست، ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر خەلق دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. 1992 – يىلى بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئورتا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رېسپوبلىكىلار مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن باستۇرۇشقا باشلىغان. 2001-يىلى ئامىركىدا يۈز بەرگەن 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا تېررورچى دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئەسلىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن

ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 2009- يىلى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، ئالدى بىلەن دىننى زاتلارغا ۋە ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەرگە ئۈچ خىل كۈچلەر دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى قاتتىق باستۇرغان بولسا، كېيىنچە باستۇرۇش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر مەمۇرى رەھبەرلەرنى، كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلارنى ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنى باستۇرغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە ساھەسىگە كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمىلىك باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە، شۇنداقلا يالغۇز باستۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتىغا، دىننى ۋە مەدىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە كۆپلىگەن قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرى، ۋەتەندە يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەرنى قانلىق باستۇرغاندىن باشقا، كونكرېت ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە.

1. قانۇنسىز دىننى پائالىيەت نامى بىلەن ھەر خىل دىننى پائالىيەتلەرنى چەكلەش، ۋە خەلقىنىڭ نورمال دىننى ئېتىقادىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش;
2. 18 ياشتىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە ياشلار ئارىسىدا دىننى تەربىيە ئىلىپ بېرىشنى چەكلەش;
2. رايون ئاتلاپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەشتىن كەنت مەھەللە ئاتلاپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەش; ھەجى قىلىشنى چەكلەش;
3. مەكتەپلەردە ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىسىدا روزا تۇتۇشنى قاتتىق چەكلەش، ھەم شۇنداقلا ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ رامزان پائالىيەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش;
4. ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەش، ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك يۈرۈش تۈرۈش ئادەتلىرىگە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇش;
5. ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىسىم قويۇش ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولۇش، ۋە بەزى ئىسىملارنى قاتتىق چەكلەش;
6. خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە باردى كەلدى قىلىشىغا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇش، رايون ۋە كەنت ئاتلاپ تۇغقان يوقلاشقا قاتتىق چەكلىمە قويۇش، كىشىلەرنىڭ ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش.
7. رادىكاللىقنى باھانە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قىلىشىنى چەكلەش، ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاش;
8. خەلقىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى ۋە تۇغقان يوقلىشىنى قاتتىق چەكلەش; باللىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇشقا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش; ئىنسانلارنى پاسپورت ئىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش;
9. خەلقىنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ھەر خىل ئالاقىسىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇش، چەتئەلدە تۇغقانلىرى بارلارغا تىزىملاپ كونترول قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىش;
10. خەلقىنىڭ قوشنا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە تۈركى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سېتىقلىرىنى قاتتىق چەكلەش;
11. خەلقنى پارتىيىنى سۆيۈشكە، دىنىي ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشكە زورلاش ۋە بۇ ھەقتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرى قىلىش;
12. ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال پىكىر بايان قىلىشنى چەكلەپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلىشىگە كەڭ كۆلەملىك يېشىل چىراغ ئىچىپ بېرىش; بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك تەرغىب قىلىش;

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ؟ ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1. ئۇيغۇرلارنىڭ 60-70 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق داۋاسى، يەنى ئۇيغۇرلار تارىختىن ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى. بۇ ئەڭ نېگىزلىك سەۋەب بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 60-70 يىلدىن بۇيان گەرچە ھەر خىل تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، ھەر خىل باستۇرۇشلارنى ئىلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنى بۇ داۋادىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرى قىلىپ باققان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۈنۈم بەرمەسلىكى;
2. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ۋە دىننى ئېتىقاد جەھەتتە خىتايلاردىن ئالاھىدە پەرق بولۇشى، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايلاردىن پەرقلىق تۇتۇشى، ھەم خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز قارشىلىق بىلدۈرۈپ كېلىشى;
3. خەلقئارا ۋەزىيەت، يەنى غەربىنىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋجى ئىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى;
4. ئۇيغۇرلارنىڭ تاقىتىنى سىناش، يەنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنى ئەمىلى سىناپ كۆرۈش، ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن كېيىنكى سىياسەتلىرىنى تۈزەپ چىقىش، ۋە ياكى شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش.
5. ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى كېڭەيمىچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، خىتاي خەلقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان ئالاھىدە جىددىي قارىشى، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھەر زامان بىر تەھدىت دەپ قارىلىشى.

مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدەك قاتتىق قول سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنداق سىياسەتنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلمىگۈدەك دۆت ئەمەس. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن يەنە شۇنداق قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق زادى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق سىياسەت قوللىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئىككى مەقسەتكە يەتمەكچى.

بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تامامەن ئاۋازى چىقماس قىلىۋېتىش، يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇرلارنى رادىكال يولغا مەجبۇرلاش، يەنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ تەھدىتلىك ئورتاق دۈشمىنى قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن قۇربان قىلىش. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىگە بۇراپ، ئۇيغۇرلارنى ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ ”ۋەتەنپەرۋەرلىكى“ دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يېتىش.

يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر دۇنياغا كەلدى. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن باي-كەمبەغەللىك پەرقنىڭ زورىيىشى، مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىشى، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، چەتئەلگە ساياھەت ۋە ئوقۇش ئۈچۈن چىقىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنىڭ قېنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەلىپىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن خىتاي جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشتى ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق يىلدىن يىلغا كەسكىنلىشىپ ماڭدى. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ئۆز خەلقىدىن كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى; شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى ھەر خىل ئىقتىسادىي جىنايەتلەر بىلەن جازالاپ، خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى تىنچلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى، بىراق ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆزلىگەندەك ياخشى بولمىدى. ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلەر كۈنسايىن كۆپەيدى.

كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇقىملىقنى قوغداشقا سالىدىغان مەبلەغنى يىلدىن يىغا ئاشۇردى، ۋە 2011-يىلدىن ئېتىبارەن دۆلەت مۇداپىئەسىگە سالىدىغان مەبلەغدىن ئېشىپ كەتكەن. كېيىنكى يىللاردا شىجىنپىڭ ھەربىي ھوقۇقنى تامامەن كونترول قىلغاندىن كىيىن ھەربىيگە سالغان مەبلەغنىمۇ ئاشۇرغان. ھازىر ئىچكى ۋە تاشقى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن سالغان ئومۇمى مەبلەغ خىتاينىڭ يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ 24% دىن ئېشىپ كەتكەن. بىر دۆلەتتە ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن سالغان مەبلەغ دۆلەت مۇداپىئەسىگە سالغان مەبلەغدىن ئېشىپ كەتتى دېمەك، ئۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىدىن كۈلىدىغان تەھدىتنى تاشقى دۈشمەندىن كۈلىدىغان تەھدىتتىن خەتەرلىك دەپ بىلدى دېمەك.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ھازىر خىتايدا يىلىغا ھۆكۈمەتكە قارشى ھەر خىل ھەرىكەتلەر تەخمىنەن 180000 قېتىم يۈز بېرىدىغان بولۇپ، 2016-يىلى يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەر ئالدىنقى يىلغا نىسبەتەن 20% ئاشقان. بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تاشقى ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنىپ كېتىشىنى قاتتىق توسقان. ئۇيغۇر ئېلىدە ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندىمۇ، پۈتۈن خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ 1% گە يەتمەيدىكەن.

ئەلۋەتتە بەزىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىلەن ئۇيغۇر زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ماھىيەت جەھەتتە پەرقلىق دېيىشىدۇ. مەن بۇنى ئىنكار قىلمايمەن. ئەگەر بىز ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى مىللىي زىددىيەت، يەنى مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت بىلەن مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەت دېسەك، خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھۆكۈمران قىلغۇچى سىنىپ بىلەن ھۆكۈمران قىلىنغۇچى سىنىپ ئارىسىدىكى زىددىيەت دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ يەردىكى مىللىي زىددىيەت خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىر يەرگە ئەكىلەلەيدىغان ئاساسلىق زىددىيەت ھېسابلىنىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 1930 – يىللاردا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەڭ زور قىيىنچىلىق ۋە يوقىلىپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە، ياپونىيەنىڭ خىتايغا بېسىپ كىرىشى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ناھايىتى زور بىر پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپونىيەنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ۋاقتىنچە بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئورتاق مىللىي دۈشمەن بولغان ياپونىيەگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا كۆندۈرگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزلىرى بىخەتەر يەرگە يوشۇرۇنۇپ، بىر تەرەپتىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىمىگە ئۇچۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەتۈر تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش نەتىجىلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە بولۇپ، ئۆز كۈچىنى كۈچلەندۈرگەن. نەتىجىدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىۋالغان.

بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خەلقىدىن كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ ئۆزىگە بولغان تەھدىتىنى ئورتاق دۈشمەن بولغان ياپون ئارقىلىق ۋەيران قىلغان كونا تاكتىكىسىنى قايتا قوللىنىپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىگە بولغان تەھدىتىنى يوق قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى ئورتاق دۈشمەنگە ئېھتىياجلىق بولغان.

ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنى بىر يەرگە ئەكىلەلەيدىغان، ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى باشقا تەرەپكە ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يىتىشىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئورتاق ئىچكى دۈشمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە تىبەتلەرنىمۇ دۈشمەن دەپ بىلسىمۇ، بىراق تىبەتلەرنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن بولغان بەزى دىنىي ھېسسىياتى سەۋەبىدىن، خىتاي خەلقىنى تىبەت خەلقىنىڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشى ئۇيغۇرلاردەك ئاسان ئەمەس.

«تالىبان»، «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق مۇسۇلمان ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ غەرب دۇنياسىدا ياراتقان قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتى، بىر تەرەپتىن خىتاي خەلقىنى ئۇلار بىلەن دىنى ئورتاقلىقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور تەھدىتلىك دۈشمەن كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە تۈرتكە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كۈلىدىغان تاشقى دۈشمەن كۈچ دەپ بىلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىگە تەھدىت ئېلىپ كۈلىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنى بېكىتكەندىن كىيىن، خىتاي خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھەقىقىي تەھدىت ئىلىپ كۈلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش زۆرۈر ئىدى. بۇنىڭلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇشى، ئاخباراتلاردا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر توغرىسىدىكى باياناتلار ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشى، خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىش كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىسا خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتى باشقا تەرەپكە تارتىلمايتتى، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيتتى.

مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانى ۋاڭلېچۈەن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يىللاردا باشلانغان بولۇپ، 2009 – يىلدىكى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن تېخىمۇ روشەنلەشكەن ئىدى. مىنىڭ بۇنداق قارىشىمدىكى سەۋەب، ۋاڭلېچۈەن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كېيىنكى يىللاردا مۇقىملىق ئۈچۈن ئەمەس مۇقىمسىزلىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋە ياكى ھەل قىلالايدىغان زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلماي، زىددىيەتنىڭ ئۇلغىيىپ، ۋەقە پەيدا بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا ۋەقە پەيدا قىلغانلىقىنى كۆپىنچىمىز ئاڭلىغان. ئەينى ۋاقىتتا كۆپىنچىمىز ۋاڭنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئۇيغۇر ئىلىنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلىش ئۈچۈن دەپ چۈشەنگەن.

5 – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ۋاڭلېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچۇرغانلىقتىن، بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەن، ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن پەرقلىق تاكتىكا قوللىنىدۇ دەپ قارالغان جاڭچۈنشەننى يۆتكەپ كەلگەن.

جاڭچۈنشەن ئۇيغۇر ئىلىغا كەلگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن 5-ئىيۇل ۋەقەسى جەريانىدا يۈز بەرگەن قانلىق كۆرۈنۈشلەرنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك كۆرگەزمە قىلىپ ئۆمرىدە ئۇيغۇر خەلقىنى كۆرۈپ باقمىغان خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ۋە غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قاتتىق ۋە يۇمشاق ئىككى قوللۇق سىياسەتنى بىرلىكتە قوللىنىپ، كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، قارشىلىق كۆرۈشى ئىلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولى بىلەن جازالاش يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېغى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۆشىنى قورۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ھەم ئۇيغۇر ئېلىغا سېلىنغان مەبلەغلەرنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئازايتقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە نىسپىي مۇقىملىق بەرپا قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە بەرپا بولغان بۇ نىسپىي مۇقىملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتىشكە زىيانلىق بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىپ، جاڭچۈنشەننى ئۇشتۇمتۇت يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تىبەتتە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ نامى چىققان چىنچۈئەنگونى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كەلگەن.

چىنچۈئەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان. مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك بۇنداق قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاقىتىنى يوق قىلىپ، ئۇلارنى رادىكال مېڭىشقا ۋە زوراۋانلىق قوللىنىشقا قىستاش. بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلاردىكى ئادەم سانىنى ۋە كۈچىنى كۆپەيتىپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق، ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتنى خىتاي خەلقىگە تېخىمۇ تەھدىتلىك قىلىپ كۆرسىتىش، ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى باشقا تەرەپكە يۆتكەش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ تىنچ-ئامان ياشىشىدا نەقەدەر مۇھىملىقنى ئىپادىلەش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يىتىش.

بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتى ۋە مىسالى، خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىنى ۋە ھەرىكەتلىرىنى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى خىتاي ئىچىدە ئالاھىدە كۆپتۈرۈپ، كۈچەيتىپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا سېنىڭ تىنچلىق ۋە قانۇنى يوللار بىلەن ئۆز ھەق ھوقۇقۇڭنى قوغداش ئىمكانىيىتىڭ مۇتلەق يوق دېگەن سىگنالنى بېرىش ئۈچۈن ئىلھام توختىنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش، ئۇيغۇرلار ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلارنى بىر بىرلەپ يوق قىلىش، جىم ياتقاننى جىم ياتقۇزماسلىق ئۈچۈن، خەلقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق ھوقۇقلىرىنىمۇ چەكلەش قاتارلىقلاردۇر.

ئىسلام دۆلىتى ۋە سۈرىيە كرىزىسى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار سانىنى ئالدىنقى بىر ئىككى يىلدا 300 ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئالدى بىلەن 3000 دىن 5000 ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلىپ، ئارقىدىنلا 20000 بىلەن 50000 ئارىلىقىدا ئۇيغۇر بار دەپ ئېلان قىلدى.ب ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئىش ئەمەس.

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش قىيىن بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ھەتتا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىمۇ بىر يۇرتتىن بىر يۇرتقا بېرىشى قىيىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، شۇنچە كوپ ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبى ئاسىيا يوللىرى ئارقىلىق، ئاۋۋال تۈركىيەگە، ئاندىن سۈرىيەگە بېرىپ يەرلىشىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن يېشىل چىراغ ئىچىپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ۋەتەننى تاشلاپ قېچىپ چىقىشقا مەجبۇرلىدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى يۈزلەن’گېن قىيىن ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەنپەەتىگە زىيانلىق بولغان ئاخباراتلارنى ئېلان قىلدۇردى. بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىگە كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.

ھازىر خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، سۈرىيەدىكى پاجىئەلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، ”دۆلىتىڭ بولمىسا، سەن ھېچنېمە ئەمەس“ دېيىش ئارقىلىق، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.

ئۇندىن باشقا مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ئىلىپ بېرىلغان ياپونىيە ۋە كورىيەگە قارشى نامايىشلارغا كەڭ كۆلەمدە يېشىل چىراغ ئىچىپ بېرىشى، ئۇلاردىن كەلگەن تەھدىتنى چوڭ كۆرسىتىش، جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزىدىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى كۆتۈرۈپ چىقىش، چېگرا رايونلاردىكى تارىختا قېلىپ قالغان زېمىن مەسىلىسىنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقىش، بىر بەلۋاغ، بىر يول تاكتىكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە غۇرۇر تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش قاتارلىقلارمۇ خەلقتىن ئۆزىگە كېلىۋاتقان تەھدىتنى ئازايتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا بولىدۇ

Share
2347 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.