logo

trugen jacn

خىتاي كادىر: «تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار

120541qj1u1yliapp719r3

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارنىڭ بارغانچە ئېغىرلاپ مېڭىشى ئارقىسىدا ئىش تەقسىماتى ۋە باي-كەمبەغەللىك پەرقى مەسىلىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى نۇقتىلار بويىچە تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ھۆكۈمەت، پارتىيە ۋە كارخانا ئورگانلىرى ھەم زاۋۇتلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا خىتاي خادىملارنىڭ مۇتلەق كوپ سانلىقنى ئىگىلىگەنلىكى، ئەمما تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتلەرنىڭ بىرى بولغان كوچا تازىلاش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئارتقۇزۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە «زامانىۋىلىق» شوئارىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، مۇھىت تازىلىقى مەسىلىسى تەدرىجىي ھالدا شەھەرلەرنىڭ «زامانىۋىلىق» ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى سان جەھەتتە ئانچە كۆپ بولمىغان تازىلىق ئىشچىلىرى قوشۇنى بارا- بارا زورىيىپ، بىر مۇنتىزىم كەسپى ساھە بولۇپ شەكىللەندى. ئەمما تازىلىق خىزمىتىنىڭ مۇشەققەتلىكى ۋە بۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا بېرىلىدىغان مائاشنىڭ تۆۋەن بولۇشى ھەمدە بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتا جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك، ئەمما كۆرۈنمەس شەكىلدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان كەمسىتىش پوزىتسىيىسى مەزكۇر خىزمەتنى ئىشلەشنى خالايدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىۋەتكەنلىكى مەلۇم. ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى نامراتلىق تۈپەيلىدىن دەماللىققا بىرەر خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلاج قىلالمىغان كىشىلەرنىڭ مۇشۇ خىلدىكى خىزمەتنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، شۇ ئارقىلىق ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش غەملىرىنى قامداپ كېتىۋاتقانلىقى ئايدىڭ بولماقتا.

بىز ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ كۆرۈش مەقسىتىدە ئالدى بىلەن ئاقسۇ ۋە كورلا شەھەرلىرىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بىز ئاۋۋال تېلېفونىمىزنى ئالغان ئاقسۇ شەھەرلىك لەڭگەر ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى خىتاي كادىرغا شۇ تەۋەدىكى تازىلىقچى ئىشچىلارنى زىيارەت قىلماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق، ئاندىن ئۇنىڭدىن مۇمكىن بولسا ئىككى خىتاي ۋە ئىككى ئۇيغۇر تازىلىقچى ئىشچىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى سورىدۇق. ئۇ سوئالىمىزغا قارىتا بۇ تەۋەلىكتىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىغا قاراشلىق مەلۇم رايوندا سەككىز يىلدىن بۇيان تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان رازىيە خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ سۆھبەت جەريانىدا ئۆز خىزمىتىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى جاپاسىدىن كۆرە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى مۇئامىلىسىنىڭ ئېغىر روھىي بېسىم بولۇۋاتقانلىقىنى، مائاش مەسىلىسىدە ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تازىلىق ئىشچىلىرىنى باشقۇرىدىغان خىتاي كادىرلارنىڭ مائاشى ئۆسۈپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ مائاشىدا بۇنداق ئۆسۈشنىڭ بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تازىلىق ئىشچىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئىزتىراپلىق ھالىتى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، باشقا شەخسلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلەر جەريانىدا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ كىشىلەرگە ئانچە بىلىنىپ كەتمىگەن باشقا تەرەپلىرىمۇ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/tazliq-ishchisi-05302016133732.html

Share
1405 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.