logo

trugen jacn

خىتاي توقسۇدىكى 24-يانۋار زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسىدە رول ئالغان 100دىن ئارتۇق ساقچىنى مۇكاپاتلىغان

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى ئىدارە قىلىشتا، ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرغانلارنى قاتتىق جازالاش بىلەن بىرلىكتە ھاكىمىيەتكە يانتاياق بولغۇچىلارنى كەڭ-كۆلەمدە ۋە كاتتا دەرىجىدە مۇكاپاتلىماقتا.

بۇلتۇر 24-يانۋار كۈنى توقسۇ بازىرىدىكى پىيادىلەر كوچىسىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەينى چاغدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈنى 12 نەپەر پىدائىي 3 موتسىكلىت بىلەن ھۇجۇم نىشانلىرىنى كۆزىتىۋاتقان مەزگىلىدە ئۇشتۇمتۇت بايقىلىپ دەرھال قورشاۋغا ئېلىنغان؛ پىدائىيلار تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ 3 موتسىكلىتتىكى بومبىلارنى پارتلاتقان. ۋەقەدە 6 نەپەر پىدائىي ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 6 نەپىرى ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى. مانا بۇ ۋەقەدە 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن بىر ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ قېتىمقى ۋەقەدە قۇلىقى زەخىملەنگەن ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلمىگەن ساقچى خادىمى ئابدۇغېنى، ئاجىزلىقىغا قارالماستىن جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن؛ يەنە بىر نەپەر خىتاي چارلىغۇچى تاشئېرىق ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن 100 دىن ئارتۇق ساقچى 3 دەرىجىگە ئايرىلىپ ئالدىغا 30 مىڭ يۈەن ئارقىسىغا 5 مىڭ يۈەندىن رىغبەتلەندۈرۈش پۇلى بېرىلگەن.

خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئاكتىپلىق بىلەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر ساقچىلارنى كاتتا مۇكاپاتلىشى ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدىمۇ يۈز بەرگەن. يېقىندا ئۈندىداردا تارقالغان بىر ئۇچۇردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلتۇر شايار ناھىيىسىدە تېخى جىنايىتى ئايدىڭلاشمىغان گۇماندار مەمەت ئابدۇرېھىمنى قېچىشقا تەمشەلگەنلىكى ئۈچۈن نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن ساقچى خادىمى تۇرغۇنجان مامۇت 10 مىڭ سوم بىلەن مۇكاپاتلانغان ۋە شايار بازارلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. ۋەقەدە ئوق چىقارغان خىتاي ساقچى سوڭ گۇئەننەن بولسا 7 مىڭ سوم بىلەن مۇكاپاتلانغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-saqchi-06032015171834.html

Share
1263 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.