logo

trugen jacn

خىتاينىڭ باي ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلانغان بىر قىسىم رېئاللىقلار -1

4d0a2de8714d342a5c0d_size77_w1235_h887

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلشات ھەسەن : گۆرۈگە ئېلىنغان 4 يولباشلىغۇچى قۇتقۇزۇلغان ئەمەس، قويۇۋېتىلگەن

خىتاي 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى قورشاپ تۇتۇش ئوپىراتسىيەسىدە ئۆلگەن مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى مەمەت توختىنىيازنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغان 4 چارۋىچىنى قۇتقۇزغانلىقى ۋە قۇتقۇزۇش داۋامىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان. خىتاي خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلانغان بۇ ۋەقە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر 4 چارۋىچى ساقچى مەمەت توختىنىياز تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلغان ئەمەس، بەلكى ھۇجۇمچىلارنىڭ مەرھەمەت قىلىشى بىلەن قويۇۋېتىلگەن. يەنە ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەرەپ مەمەت توختىنىيازنى ئۈلگە قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن خەۋەرلەردە سۈنئىي پاكىتلارنى توقۇغان.

خىتاي تەرەپ يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى، باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىملىرى ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت توختىنىيازنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، گۆرۈگە ئېلىنغان 4 چارۋىچىنىڭ ئامان قالغانلىقى، تەسلىم بولغان ھۇجۇمچىنىڭ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغانلىقى قاتارلىقلار. خەۋەرلەردە تەپسىلاتلار يەنىلا چولتا، بەزى مەزمۇنلار ئېنىقسىز ۋە ئاساسلىقى ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچى مەمەت توختىنىيازنى ئۈلگە قىلىپ تىكلەش ئۈچۈن ھازىرلانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن يەنە خىتاي يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بەزى رېئاللىقلار ۋە ھەقىقەتلەر ئاشكارىلانغان. مەسىلەن، خەۋەردە ھۇجۇمچىلار ئوپېراتسىيىدە يولباشچىلىق قىلغان 4 نەپەر چارۋىچىنى تىرىك تۇتقان ۋە ئاخىرىدا ئۇلارغا چېقىلماستىن قويۇپ بەرگەن. خىتاي خەۋەرلىرىدە بۇ 4 نەپەر چارۋىچىنىڭ ساقچى باشلىقى مەمەت توختىنىياز تەرىپىدىن قۇتقۇزالىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ساقچى مەمەت توختىنىيازنى 4 چارۋىچىنى قۇتۇلدۇردى دېگىنى ساختا، چۈنكى ئۇ ئۆزى ھۇجۇمچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن، قوراللىق ساقچى باشلىقىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇربى يەتكەن ھۇجۇمچىلارنىڭ قورالسىز 4 چارۋىچىنى ئۆلتۈرەلىشى تامامەن مۇمكىن. ئەمما ھۇجۇمچىلار چارۋىچىلارنى ئۆلتۈرمىگەن، ئۇلارنىڭ قېچىپ چىقىپ ئۆزلىرىنى پاش قىلىپ قويماسلىقى ئۈچۈنلا، ئۇلارنى گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرغان، ھەتتا مەمەت توختىنىياز ئەسىر چۈشكەنگە قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە ئاخىرىدا مەرھەمەت قىلىپ قويۇۋېتىلگەن.»

ئىلشات ئەپەندى يەنە، خىتاي خەۋىرىدە دېيىلگەن ساقچى مەمەت توختىنيازنىڭ 4 چارۋىچىنى قويۇۋېتىش ھەققىدە ھۇجۇمچىلارغا ئاتالمىش مەردانىلەرچە گەپ قىلغانلىقىنىمۇ گۇمانلىق ۋە سۈنئىي دەپ قارايدۇ: «مەمەت توختىنىياز ئېغىز ئاچمىسىمۇ ھۇجۇمچىلار 4 چارۋىچىنى گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرغان، ئۇلارغا چېقىلمىغان؛ مەمەت توختىنىياز ئۆزى ئەسىر ھالەتتە، ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ غېمىدە، ئۇنىڭ تەربىيەسىنىڭمۇ ھۇجۇمچىلارغا تەسىر قىلمايدىغانلىقى ئېنىق، شۇڭا مەمەت توختىنىيازنىڭ ‹ئۇلار بىگۇناھ، ئۇلارغا چېقىلما، ماڭ چېقىل› دېگىنى ھەم سۈنئىي، ھەم زۆرۈرىيەتسىز. خەۋەردە يەنە مەمەت توختىنىيازنىڭ ھۇجۇمچىلارنى يولۇڭلاردىن يېنىڭلار دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، ئەگەر بۇ راست بولسا، بۇ يەردە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قارشى تەرەپكىمۇ چىقىش يولى تەۋسىيە قىلغانلىقى، يەنى ئۇلارغا يالۋۇرغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.»

ئىلشات ئەپەندى يەنە، خىتاي خەۋىرىدىكى ئىككى گۇۋاھچى تۇرغۇن بىلەن مەھمۇتنىڭ مەمەت توختىنىيازنى مەدھىيەلەپ قىلغان سۆزلىرىنىمۇ «ئۇيغۇر تىل ئادىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، يېزىپ تەييارلاپ سۆزلىتىلگەن تەرجىمە سۆزلەر» دەپ قارايدۇ: «ھەر ئىككى گۇۋاھچى قوللانغان جۈملە ئاساسەن ئوخشاش، ھەم جۈملىدە قوللىنىلغان سۆزلەر ئۇيغۇر سۆز ئادىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، مەدھىيەنىڭ ئاۋۋال خەنزۇچە يېزىپ تەييارلىنىپ، ئاندىن تەرجىمە قىلىنىپ سۆزلىتىلگەنلىكى ئېنىق.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-12172015145748.html

Share
1484 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.