logo

trugen jacn

خوتەن مائارىپ دائىرىلىرى مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئالدىنقى كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تارقاتقان بىر ھۆججەت ئاشكارا بولغان ئىدى.

ئۇنىڭدا بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بارلىق دەرسلەرنىڭ بىردەك خىتاي تىلىدا ئۆتۈلىدىغانلىقى، بۇندىن كېيىن مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ بىردەك چەكلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بىز مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈچۈن خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق خوتەن ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسى ۋە قاراقاش ناھىيەلىرىنىڭ مائارىپ ئىدارىلىرىغا تېلېفون قىلدۇق.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خوتەندىكى 4 ناھىيەنىڭ مائارىپ ئىدارىلىرى مەزكۇر ھۆججەتنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى بىر نەپەر خىتاي ئايال خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شۇنداق، بۇ خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى. سىز ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى چىقارغان ‹قوش تىللىق ئوقۇتۇشتىكى 5 تۈرلۈك بەلگىلىمە› نى بىلمەكچىمۇسىز؟ بۇ ھۆججەت 6-ئاينىڭ ئاخىرى چىقىرىلغان. ئىلگىرى ۋىلايىتىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ‹8 تۈرلۈك بەلگىلىمە› چىقىرىلغان ئىدى. بۇ قېتىم يېڭىلاندى. بۇنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى قارمىقىدىكى قوش تىللىق مائارىپ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىڭ. ئۇلار تەپسىلاتىنى ياخشى بىلىدۇ.»

خوتەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر خىتاي مەسئۇل خادىمى زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى ئىلگىرى سۈردى: «بۇ ھۆججەتنى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى بۇ يىل 6-ئايدا چىقارغان ئىدى. ھازىردىن باشلاپ ۋىلايەت تەۋەسىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. توغرا، ھۆججەتتە سىز تىلغا ئالغاندەك، بۇندىن كېيىن مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ماددىلار بار. چۈنكى ھازىر ھەممە جايدا دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە دۆلەت تىلىنى ئىشلىتىش تەشەببۇس قىلىنماقتا. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشتە ياخشى مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن، مەكتەپ ۋە مائارىپ سىستېمىسىدا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتمەسلىك قارار قىلىنغان. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق.»

«بۇ ھۆججەتنى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى چىقارغان. بىز ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بولغاچقا، پەقەتلا مەزكۇر ھۆججەتنىڭ روھىنى ئىجرا قىلىمىز. بۇ ھۆججەتنى چۈشەندۈرۈش، ھۆججەت ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش ھوقۇقى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىلىكىدە. بىزنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىمىز يوق. كەچۈرۈڭ، بۇ ھەقتە مەن چۈشەنچە بېرەلمەيمەن.»

«مائارىپ ۋە مەكتەپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار داۋاملىق ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقتىكى ماتېرىياللارنىلا كۆرسە دۆلەت تىلىنى ئۆگىنەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار چوقۇم كۈندە خەنزۇ تىل-يېزىقىدىكى ئېلان، تەشۋىقات، ۋىۋىسكا ۋە ماتېرىياللار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشى كېرەك. شۇڭا مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتمەسلىك دېگەن ماددا بار بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش دېگەن ئۇقۇم چىقمايدۇ. بۇ پەقەتلا دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بىر چارە. بۇنىڭدىن كېيىن مائارىپ ۋە مەكتەپ سىستېمىسىدىكى ھەرقانداق يىغىن ۋە كوللېكتىپ پائالىيەتلەر پەقەتلا دۆلەت تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەن پەقەت مۇشۇنچىلىك دېيەلەيمەن. كونكرېت ئىشلارنى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن سوراڭ.»

چىرا ناھىيەلىك كادىرلار ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر قىزمۇ بۇ ھۆججەتنىڭ تارقىتىلغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «شۇنداق، بۇ ھۆججەتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم، لېكىن كونكرېت مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋىرىم يوق. ئاڭلىشىمچە، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ خوتەندىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىكەن. بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرچە ئىشلىتىلمەيدىكەن. مەن تېخى توي قىلمىغان، بالاممۇ يوق. بالىلىرى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئاتا-ئانىلارغا مەكتەپتىن بۇ ھەقتە قانداق ئۇقتۇرۇش چۈشكەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق. بۇنى مائارىپ ئىدارىسىدىن سوراپ كۆرۈڭ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/qosh-til-07272017142646.html

Share
1562 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.