logo

trugen jacn

خوتەن ساقچىلىرى دىنىي زات قەمبەر داموللامنىڭ 9 يىل كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى

 

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0403-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەننىڭ خانئېرىق يېزىسىدا 21 – مارت كۈنى 15 نەپەر سىياسىي مەھكۇم ئۈستىدىن ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىلغانلىقى، سوتتا خوتەندە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زات قەمبەر داموللامنىڭ 9 يىللىق قاماققا بۇيرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا قىسمەن جاۋاب بەرگەن خوتەن خانئېرىق ساقچىلىرى قەمبەر داموللامنىڭ دىنىي مەلۇماتىنىڭ يۈكسەكلىكى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەممە جايلىرىدا شاگىرتلىرى بارلىقى ۋە ئەل ئىچىدە يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەرلىكىنى يوشۇرمىدى؛ ئەمما ئۇلار قەمبەر داموللامنىڭ نېمە ئۈچۈن كېسىلگەنلىكىنى سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار تاراتقۇلاردا بايان قىلىنىشىچە، قەمبەر داموللام بۇ يىل 60 ياشلاردا بولۇپ، ئۇ تەبلىغلىرىدە ئىبادەتنىڭ ناماز ئوقۇش بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ھەمدە ۋەتەن ۋە مىللىتى ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن، ئەل ئىچىدە ھۆرمەت قازانغان ۋە خىتاي تەرەپنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان؛ ئۇ 2000 – يىللارنىڭ بېشىدا «مۇسۇلمان بولماق تەس» ماۋزۇلۇق بىر شېئىر يازغانلىقى ۋە بۇ شېئىرىنى پلاستىنكىغا ئېلىپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەر ئۇنىڭغا 15 كۈنلۈك قاماق جازاسى بەرگەن ۋە خانئېرىق مەسچىتىدىكى خاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. يەنە تاراتقۇلاردا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەت باشلىغاندا قەمبەر داموللامنى قايتىدىن خاتىپلىققا تەكلىپ قىلغان، داموللام بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان؛ مانا بۇ، ھۆكۈمەتكە ماسلاشماسلىق دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ 9 يىللىق كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-qember-damolla-04032015230017.html

Share
1788 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.