logo

trugen jacn

خوتەننىڭ نامراتلىق ئۆلچىمى گۇمان قوزغىدى؟

246898b3-82ef-4626-8137-9d7afb3e0cfd

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلىق مەسىلىسى ئىزچىل گەۋدىلىك بولۇپ كەلمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قارىغاندا، ھازىرقى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئاھالە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ 85% تىنى ئىگىلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا 2 مىليون 610 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، 35 نامرات ناھىيىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. پىلاندا كۆرسىتىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدىلا 1077 نامرات كەنت، 703 مىڭ 500 نامرات ئاھالە بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات كەنت ۋە نامرات ئاھالىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 35.6% ئى ۋە 27.1% تىنى ئىگىلەيدىكەن.

مەلۇم بولغاندەك، خوتەن ۋىلايىتىدە نامراتلىق ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، نامراتلىققا پېتىپ قېلىش ئامىللىرى، تارىخ ئارقا كۆرۈنۈش، تەبىئىي شارائىت، جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە بۇ جايدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي، دىنىي ۋە مىللىي سىياسەت قاتارلىق مۇرەككەپ ئامىللار بىلەن زىچ باغلانغان.

يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بۇ يىل ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 244 نامرات كەنت ۋە 133 مىڭ 824 ئاھالىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمىنى 6مىڭ سومدىن ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى. دائىرىلەر بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەربىر ۋالىي-نازىر دەرىجىلىك كادىر بىردىن نامرات يېزىغا مەسئۇل بولىدىغان، يېزا-كەنتلەردىكى ھەر بىر كادىر بىردىن نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان تۈزۈمنى بېكىتكەن.

ئەمما خوتەننىڭ نامرات دېھقانلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ « كىمنى يۆلەش» نى بېكىتىشتە قوللىنىۋاتقان ئۆلچىمى سوئال پەيدا قىلدى.
لوپ ناھىيىسى چارىغاغ يېزىسىدىكى 60 ياشلىق دېھقان ئايال، ئۆزىنىڭ بەش جانلىق ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 5 مىڭ سومغا يېقىن بولسىمۇ، بىر يىللىق چىقىمىغا يەتمەيدىغانلىقىنى، ئوغۇللىرىنى ئۆيلەش ئۈچۈن ئۆي سېلىشقا قەرز ئالغانلىقىنى، ئىككى ئوغلىنىڭ ئىشسىزلىقىنى، بۇ يىل ياڭاق پۇل بولماي كىرىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈشكە كىرگەن دائىرىلەرنىڭ ئېغىلدىكى قويلىرىدىن تارتىپ ھېسابلاپ، باقىدىغان باللىرى باركەن دەپ ئوتتۇراھال دېھقان دەپ بېكىتىپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكىدىن ئاغرىندى. بۇ دېھقان ئايالنىڭ بىلىشىچە، دائىرىلەر پەقەت بەشتە كاپالەت ئەھۋالىغا قالغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى نامراتلارنىلا يۆلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

بىز باشقا ناھىيىدىكى دېھقانلاردىنمۇ ئەھۋال ئىگىلەپ كۆردۇق، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا كەنتىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر دېھقان ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل خوتەندە دېھقانلارنىڭ كىرىمى ياڭاق باھاسى چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە تۆۋەن چىققان. ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل 3 مىڭ سوم ئەتراپىدا كىرىم قىلغان، ئەمما دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۆيىنى تەكشۈرۈپ بېيىپ بولغان ئائىلە دەپ بېكىتكەن، نامراتلارنى تىزىملاۋاتقان كادىرلار پەقەت كەنتتىكى مېيىپ، قېرى، ئاجىزلارنىلا تىزىمغا ئالغان. يەنە بەرىبىر دائىرىلەرنىڭ يۆلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇيغۇرلارغا ئىشلەپ پۇل تېپىش پۇرسىتى ئاز، يىلدا يەرلىرىگە جاپالىق ئىشلىسىمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلار يىل بويى ھاشار، ھەر خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۆگىنىشتىن قۇتۇلالمىغانلىقتىن دېھقانچىلىقتىن ھوسۇل ئېلىشىغا ۋە كىرىم قىلىشىغا تەسىر يەتمەكتە.

خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئورۇنداشتا 80 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنىڭ ھەر بىرى بىردىن نامرات ئائىلىگە ياردەم بېرىشتەك ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىقى مەلۇم.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە «كىمنى يۆلەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، خوتەن ۋىلايىتى بىر ئائىلىگە بىردىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى بولۇشقا، بىر ئائىلىگە بىر يۈرۈش يۆلەش تەدبىرى قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلدى دەپ كۆرسەتكەن.

ئەمما گۇما ناھىيىلىك مەلۇم يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدا كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان بىر كادىر، ئەمەلىيەتتە خوتەندىكى دېھقانلارنىڭ نورمال يىللىق كىرىمىنىڭ 2000-2500 سوم ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى، نامراتلىرىنىڭ مىڭ سوم ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقانلىقىدا، تېخنىكا ۋە مەبلەغنىڭ يېتىشمەسلىكى، ئىشسىزلىق ۋە ھاشار ۋە قاتتىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭمۇ تەسىرى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىسادىي پەنلەر دوكتورى پەرھات بىلگىن ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ خوتەندىكى نامراتلىق ئۆلچىمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كىرىمى توغرىسىدىكى ستاتىستىكىسىدا رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بارلىقىنى، خىتاينىڭ نامراتلىق ئۆلچىمى ئامېرىكا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بېكىتكەن ئۆلچىمىدىن پەرقلىق ھالدا تۆۋەن بولغاندىن سىرت، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمىنى ھېسابلاشتا تۇراقسىز ئۆلچەملەرنىڭ قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

پەرھات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە خوتەندىكى نامراتلىق ئۆلچىمىگە كىرىدىغان دېھقانلار خىتاي كۆرسەتكەن ساندىنمۇ كۈپ بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 18-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش-ئېچىش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى ما چىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۆلەتنىڭ دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2300 سوم بولۇش نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە، ھازىر جەنۇبتىكى نامرات ئاھالە 1 مىليون 590 مىڭ. بۇ نامرات ئاھالىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بۇنى ئاساسلىقى تەبىئىي شارائىت، ئاپەت، كېسەللىك سەۋەبلىرى، مىللەت، دىن، تارىخ، جەمئىيەت، ئىقتىساد قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ جۇغلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

پەرھات بىلگىن ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «نامرات ئاھالىنى تەلتۆكۈس نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» پىلانىنىڭ ئەسلى مەقسىتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا، نەتىجىسىدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە خوتەن ۋىلايىتىگە ياردەم بېرىش مەبلىغى 14 مىليارد 164 مىليون سوم بولۇپ، 2016-يىلى 352 ياردەم بېرىش تۈرى، 3 مىليارد 167 مىليون سوم ياردەم بېرىش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇ «13-بەش يىل» دىكى ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ 22.36% تىنى ئىگىلەيدىكەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمىكى خوتەن ۋىلايىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىناق رايونى تەسىس قىلىش، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋە يەنە قوللاش مەبلىغى ۋە ياردەم بېرىش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىنى، يۆتكەپ ئىشلىتىش، ئېلىۋېلىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىشكە قارىتا كونكرېت جازا تەدبىرى تۈزۈپ، قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىقتىسادىي پەنلەر دوكتورى پەرھات بىلگىن ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ خوتەندە يۈرگۈزۈۋاتقان نامراتلىق ئۆلچىمى ۋە پىلان تەدبىرلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ خوتەنگە مەبلەغ ئاجرىتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى، چۈنكى خوتەندىكى تەبىئىي بايلىق ۋە شارائىتلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى ئۇيغۇرلارغا بېرىلسىلا، خوتەندە نامراتلىق مەسىلىسى ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/namratliq-olchimi-03232016163044.html

Share
1006 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.