logo

trugen jacn

تەيۋەن خەۋەرلىرى: خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىملىرىنى كېسىش ئارقىلىق كىيىنىش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلماقتا

كومپارتىيە كادىرلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كوچىدا توسۇۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن كىيىم-كېچەكلىرىنى كەسمەكتە

تەيۋەن خەۋەرلىرى تورى، 16-07-2018

ئۆتكەن بىر قانچە كۈندە، شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دىن تارقالغان رەسىملەر ساقچىلار ۋە كومپارتىيە كادىرلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا كىيىم-كېچەك بەلگىلىمىسىنى قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان دەپمۇ بىلىنگەن مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئىسلامىي رادىكاللىق تەھدىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۇزۇن كيىم كىيىشىنى چەكلەش قاتارلىق مۇستەبىت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئىھتىياجى تۇغدۇرغانلىقىنى جار سالىدۇ. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى تۋىتتېردا ھەمبەھىرلەنگەن رەسىملەر خىتاي كادىرلىرىنىڭ كوچا-كوچىلاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىملىرىنى كېسىش ئارقىلىق كىيىنىش بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلىپ بەردى.

ئاياللارغا نىسبەتەن بۇ ئۇلارنى كەمسىتىدىغان بىر قىلمىش، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ئۇزۇن كۆڭلەك دەپ قارالغان كىيىملەرنىڭ ئاستى قىسمى، ياكى بىر قىسمى كېسىۋېتىلىدۇ، ھەم كىيىم بوزۇلۇپ كېتىدۇ، ھەم ئاياللار بۇندىن كېيىن بۇ خىل كىيىملەرنى كىيمەسلىككە مەجبۇرلىنىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى ئاللىبۇرۇن بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان نۇرغۇن ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى ئەسلىيەتچىل ئىسلامنىڭ ئالامىتى دەپ مەنئىي قىلدى. بۇ سەۋەبتىن، مۇۋاپىق كىيىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇزۇنراق كىيىملەر ئارقىلىق بەدەنلىرىنى يۆگەشنى تاللىدى.

5b4c8b1f3a09c

تۋىتتېردىن ئېلىنغان رەسىم

لېكىن، ئېنىقكى بۇ خىل كىيىىنش ئۇسۇلى نامۇۋاپىق ۋە ئاللىبۇرۇن يۇقىرى چەككە يەتكەن مۇستەبىت تۈزۈمدىن چەتنەشكە ئۇرۇنۇش دەپ قارالدى.

كۆپ سانلىق غەربلىكلەرگە نىسبەتەن، ھەر قانداق بىر نوپۇزلۇق كىشىنىڭ بىر ئايالنىڭ كىيىمىنى بەك ئۇزۇن دەپ ئويلىشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بىر غەلىتە ئىشتۇر. كىيىملەرنى مەجبۇرىي كېسىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كىيىنىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ غەلىتە ئەھۋال.

كومپارتىيە ئاياللارنىڭ كىيىمىگە مەخپىي قورال ياكى پارتلىغۇچى ماددا يوشۇرىۋېلىش ئىھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ كىيىمىنى كسىشتەك كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ھەرىكەتنى قوللاندى. خۇددى DOAM(مۇسۇلمانلارغا قارشى زۇلۇملارنى خاتىرىلەش)نىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا يوللانغان رەسىملەردىكىدەك.

5b4c87b33df5e

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەھىمىسىنىڭ دۆلەت سىياسىتىنىڭ چېگرىلىرىنى داۋاملىق تارايتىدىغانلىقىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، يەرلىك كادىرلار بۇنىڭغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەدەپسىز ئۇسۇللارنى تاللىغان.

ئۆتكەن ئايدا، خىتاي ئەر بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ۋىدىئوسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى «خىتايچە سوتسيالىزم»غا مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن «گىن تازىلاش»تەك شەرمەندىلەرچە بىر ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى پاش قىلىپ بەرگەن ئىدى.

شىنجاڭدىكى كىشلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقنى جازالاش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستە ئىشلىتىشتىن يانماي «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» قۇرۇپ چىقىشى بىلەن تېز سۈرئەتتە يامانلىشىشى ۋە يەرشارىدىكى ئەڭ قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان رايونغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

5b4c8ae8cc13a

http://turkistantimes.com/uy/news-3118.html

Share
1874 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.