logo

trugen jacn

تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن

el-profesor-ilham-tohti-en-su-casa

جۈمە

خىتاي دائىرىلىرى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنى يوقلاپ، كىيىم كېچەك ۋە پۇل – پۇچەكلەرنى بېرىشىگە يول قويمىغان.

12 – ماي ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە مۇنداق دېدى: ئاكىسى تۈرمىگە ئۇنى يوقلاپ بارسا كىرگۈزمەپتۇ. تۈرمە دائىرىلىرى بۇ يىل 6 – ، 7 – ئايلاردا ئېرىمنى قاچان يوقلاشقا بولىدىغانلىقىنى بىزگە ئېيتىدىغان بولدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇلار كىيىم – كېچەك بەرگىلىمۇ قويمىدى. ئېرىمنىڭ ئاكىسى ئەكەلگەن پۇلنىمۇ «ھازىر ئۇنىڭ كارتىسىدا پۇل بار» دەپ ئالماپتۇ.

ئىلھام توختى ئۆتكەن يىلى 23 – سېنتەبىر «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا بۇيرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ شۇندىن كېيىن ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن.

بۇ يىل مارتتا ئىلھام توختىنىڭ ئاكىسى ئۇنىڭغا پۇل ئاپىرىپ بەرمەكچى بولغاندا ساقچىلار ئۇنى رەت قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-turme-05132015212945.html

Share
1387 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.