logo

trugen jacn

تۈركىيە ئاخبارات ئەمەلدارىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشىنى قوللىشى دىققەت قوزغىدى

تۈركىيە رادىيو، تېلېۋىزىيە ئالىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرۇللا ئۆزتۈرك خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «تېررورلۇق» قا ۋە «ئەسەبىيلىك»كە زەربە بېرىش نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاپ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. د ئۇ ق نۇرۇللا ئۆزتۈركنىڭ سۆزىرىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي خەلقئارا رادىيو، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، خىتاي تاشقى ئىشلارمىنىستىرلىقى بۇ يىل22‏-ماي تۈركىيە، ھىندونېزىيە، سۇدان، ئافغانىستان ، ئىئوردانىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات،  سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى 13 شەخسنى ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە ئۇيۇشتۇرغان. نۇرۇللا ئۆزتۈرك «يىپەك يولىدىكى ئاتاقلىق شەخسلەرنىڭ جۇڭگو سەپىرى» ناملىق بۇ زىيارەتكە قاتناشقان.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى»دە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇققا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتتىق قول سىياسىتى «خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلەنگەنلىكى»نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدا شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى زور نەتىجىگە ئېرىشىپتۇ. خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ سىياسىي بەلگىلەش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش. ھازىر سىلەرنى ئاڭلاپ، سىلەرنىڭ رادىكاللىققا بەرگەن تەبىرىڭلارنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن.

بىراق د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى رېئاللىق بولسىمۇ، بىراق بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇنى كۆرمەسكە سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، «تۈركىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق. بىز بۇ دۆلەتلەرنى رېئاللىققا كۆز يۇمۇپ، زۇلۇمغا شېرىك بولماسلىققا چاقىرىمىز» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/turkiye-xitay-basturush-06022017184349.html

Share
1839 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.