logo

trugen jacn

توقسۇ ناھىيىسىنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرىدىكى 20 مەسچىتتىن ئون بىرى چېقىۋېتىلگەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قەشقەر ۋە خوتەنلەردە «مەسچىتلەرنى ئىخچاملاش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەسچىت چېقىش دولقۇنى ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىمۇ داۋام قىلماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئېنىقلاشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، توقسۇ ناھىيىسىنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرىدا بار بولغان 20 مەسچىتتىن 11 مەسچىت چېقىۋېتىلگەن. بازار ئىچىدىكى چېقىۋېتىلگەن قەدىمىي مەسچىتلەردىن توپائېرىق ۋە گۈلباغ مەسچىتلىرىنىڭ ئورنىغا خىتاي قۇرۇلۇش شىركەتلىرى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى سالغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدىكى باش ئەلچىسى يېقىندا «مالىيە ۋاقتى گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا 24400 مەسچىت بارلىقى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ دۇنيا بويىچە مەسچىت ئەڭ كۆپ جاي ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇ بۇ سۆزلىرىنى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ماقالىلەرگە جاۋابەن بايان قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە ئالدىنقى يىلى خوتەن ۋە قەشقەرلەردە باشلانغان «مەسچىتلەرنى ئىخچاملاش» نامىدىكى مەسچىت چېقىش دولقۇنى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان.

بىز ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا خىتاينىڭ مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجرائاتلىرى ھەققىدىمۇ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيە يۇلتۇزباغ بازىرىدا ئەسلىدە 20 مەسچىت بارلىقى، بۇ مەسچىتلەردىن 11 نىڭ بۇ يىل چېقىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۆتكەن يىلىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدا چېقىۋېتىلگەن ئىككى مەسچىتتىن بىرى خىتاي كارخانىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىچ كىيىم فابرىكىسىغا، يەنە بىرسىنىڭ بولسا كەنت مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش زالىغا ئايلاندۇرىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل توقسۇ يۇلتۇزباغدا چېقىۋېتىلگەن مەسچىتلەردىن بىرى توپائېرىق مەسچىتى، يەنە بىرى گۈلباغ مەسچىتى بولۇپ، بۇ مەسچىتلەرنىڭ ئورنىغا ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسى سېلىنغان. بۇ ئاھالىلىكلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ خىتاي قۇرۇلۇش شىركەتلىرى تەرىپىدىن سېلىنغانلىقى ئېنىق، ئەمما ئۇ بىنالاردا كىملەرنىڭ ئولتۇرىدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەر ھەققىدە قىلغان يۇقىرىقى سۆزلىرى جاۋابسىز قالمىغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم تۈنۈگۈن خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ توربېتىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن.

ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت مەسچىتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيانقى مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىكەنلىكى، بۈگۈن بۇ مەسچىتلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ چېقىلىش ۋە تاقىلىشتەك قىسمەتكە دۇچ كېلىشى بىلەن بىرلىكتە مانا مۇشۇ مەسچىتلەردە تەبلىغ ئاڭلىغان ۋە ئىبادەت قىلغان 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا گۆرۈگە ئېلىقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/toqsuda-11-meschit-cheqilghan-08242018184321.html

Share
1474 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.