logo

trugen jacn

بەزى يەرلىك كادىرلار ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يەنە يېڭى ئالامەتلىرىنى تېپىپ چىققان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى ناملىق بىر بەلگىلىمە چىقارغان. بۇ، 2014-يىلىدىن بۇيانقى قاتتىق زەربە دولقۇنىدا ئادەم تۇتۇش ۋە جازالاشتا قانۇنىي ئاساس سۈپىتىدە پايدىلىنىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلغا يەنى چېن چۈەنگو دەۋرىگە كەلگەندە، يەرلىك دائىرىلەر 40% ئادەمنى يېپىق تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بۇرۇنقى 75 تىن باشقا يەنە بىر قىسىم يېڭى ئالامەتلىرىنى تېپىپ چىققان.

قەشقەر ۋە خوتەندىكى بىر قىسىم كەنت سېكرېتارلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىلقى قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا يەرلىك دائىرىلەر ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بۇرۇنقى 75 خىل ئالامىتىدىن باشقا يەنە بىر قىسىم يېڭى ئالامەتلىرىنىمۇ «بايقىغان»؛ بۇلار ناماز ئوقۇغاندا چاتراق كېرىپ تۇرۇش، قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە قويۇش، ئىشتاننى قىسقا كىيىش ۋە چاچنى سېرىققا بوياش قاتارلىقلاردۇر.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردا يۈز بەرگەن ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ سەۋەبىنى ئۆزى يولغا قويغان سىياسەتتىن كۆرمەستىن، بەلكى ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىزدىگەن. نەتىجىدە يېزىلاردا كەنت سېكرېتار ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا سالام بەرگەنلىكتىن تارتىپ، ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلىۋېتىشكە قەدەر بىر قاتار جەمئىيەت ھادىسىلىرىنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى قىلىپ بېكىتىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. يۇقىرىقى ئالامەتلەرنىڭ پەقەت پەرقلىق بىر ئادەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، مەزكۇر ئالامەتلەرنى رادىكاللىققا باغلاشنىڭ مەنتىقسىز بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ زىتىغا تېگىۋاتقىنى دېيىلگەن ئالامەتلەر ئەمەس، بەلكى ماھىيەت، يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ئادالەت ۋە زۇلۇمغا بويۇن ئەگمەسلىك چاقىرىقى. تۇرغۇنجان ئەپەندى سۆزىنىڭ خۇلاسىسىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردا يىلدىن-يىلغا مۇستەھكەملىنىپ مېڭىۋاتقان دىنىي ئېتىقادقا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل باھانە ۋە سەۋەب تېپىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلىرىغا خىتاينىڭ رايوندىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئەبەدىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىرلا تەلەپنى ئالدىنقى شەرت قىلماقتا. شۇڭا ئۇيغۇر رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، مۇقىملىق تەدبىرلىرى مەسىلىسىدە قانۇن، ھەتتا ئىنسانىي ئۆلچەمدىنمۇ چەتنىمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/diniy-esebiylik-10312017150334.html

Share
1559 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.