ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
خىتاي، باي كۆمۈركان ھۇجۇم گۇماندارلىرىدىن 28 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىملىك ۋە كىملىك كەچمىشىنى ئېلان قىلمىغاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز، ۋەقەدە ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 9 ياشلىق مۇنىرە مەمەت ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىدى.
تەۋەلىكتىكى كەنت مەسئۇلى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بايانىدىن قارىغاندا، 9 ياشلىق گۇماندار مۇنىرە مەمەت ئۆزى تۇغۇلغان ۋە قۇتقۇزۇۋېلىنغان غارنىڭ ئىچىدە خىتاي قوراللىق قىسمىنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بايان قىلىنىشىچە، مۇنىرە قورساقتىكى ۋاقتىدا پىلانلىق تۇغۇت سەۋەبلىك چۈشۈرۈلۈۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن مەمەت ئەيسا مۇنىرەنىڭ ئاتا-ئانىسىنى «يەۋەندى» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ باغرىدىكى بىر ئۆڭكۈرگە يۆتكەپ يوشۇرغان. مۇنىرە ئامان-ئېسەن تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسى تۇرغۇن مەمەتنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇنى گۇماندار مەمەت ئەيسا بېقىۋالغان.
18-سېنتەبىر كۆمۈركان ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە مەمەت ئەيسا بېقىۋالغان قىزى مۇنىرە مەمەتنىمۇ ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ قاچقان. نەتىجىدە مۇنىرە مەمەت ئۆزى تۇغۇلغان ۋە بېقىۋېلىنغان كامىرىدا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/komurkan-hujum-12092015163841.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.