logo

trugen jacn

بۇ يىل تۈركىيە چېگراسىدا تۇتۇۋېلىنغان دائىش ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە خىتايدىن كەلگەنلەر ئەڭ كۆپ بولغان

thumbnail_siniri-asarak-turkiyeye-giren-isid-militanlari-yakalandi23ea0024dfdab4af07e0

تۈركىيەنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى «ھۆرىيەت كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۈركىيە چېگرا ئامانلىق كۈچلىرى 2015‏-يىلى 1-ئايدىن بۇيان تۈركىيە چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان تېررورلۇق گۇرۇھ‏-دائىش ئەزالىرىدىن 913 كىشىنى تۇتقان.

«ھۆرىيەت» گېزىتى تۈرك ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىدە، 913 نەپەر دائىش ئەزاسىنىڭ 314 نەپىرى خىتايدىن كەلگەنلىكىنى، بۇ يىل چېگرادا تۇتۇلغان چەتئەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ ساننى شۇلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خەۋەردە، ئۇ كىشىلەرنىڭ مىللىتى تىلغا ئېلىنمىغان.

خەۋەردە يەنە، 2‏-ئورۇندا رۇسىيەلىكلەر تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ يىل 99 نەپەر رۇسىيەلىك دائىش ئەزاسىنىڭ چېگرادا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، پەلەستىنلەرنىڭ 3‏-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيە ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ «ھۆرىيەت» گېزىتىگە بىلدۈرۈشىچە، دائىش ئەزالىرىنىڭ 487 نەپىرى تۈركىيە چېگراسىغا كىرگەندە قولغا ئېلىنغان، 435 نەپىرى سۈرىيەگە ئۆتۈشكە ئۇرۇنغاندا تۇتقۇن قىلىنغان.

«ھۆرىيەت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بەزى تۇتقۇنلار سۈرىيەگە تۇغقان ئىزدەشكە ماڭغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يەنە بەزىلەر دائىشنىڭ بېسىمىدىن قاچقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن يەنە بەزى تۇتقۇنلار تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشنى مەشىق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى دائىش ۋە باشقا تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ ئادەم يۆتكەيدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى بولۇپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/daish-turkiye-12112015162129.html

Share
1824 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.