logo

trugen jacn

بۇگۇنكى مەۋجۇتلۇقىمىزنى چۇشىنىش

 

 

ئافراسياپ

بۇگۇنكى مەۋجۇتلۇقىمىزنى چۇشىنىش

بۇ يەردە ئىيتىلماقچى بولغانلار قارىماققا ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق گەپلەر،مەۋجۇت رىئاللىقىمىز جۇملىدىن دۇشمەننىڭ بىزگە قىلۋاتقانلىرى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق،دۇنيا پەرۋاسز ،ئۆزىمىزنىڭ ئىنكاسى كۇچسز .ئەمما چارە تېپىشتىن بۇرۇن ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئاممىباپ ۋە توغرا شەكىلدە چۇشىنىشمىز كىرەك.
بىرىنچى:ختتاينىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرى
1-ختتاي دۆلىتى ئۇيغۇر دۆلىتىنى بېسۋالدى.دۆلەتنى تارتقۇزۇپ قويۇشتا ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى ئەڭ ئىغىر
2-زىمىنىمىز ۋە بايلىقىمىز ختتاينىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققياتى ئ‍ۇچۇن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ كەلدى.شۇڭا ئۇنى بار كۇچى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىدۇ ۋە ئۇ زىمىننى تارتىۋالىمەن دىگەن بىز ئۇيغۇرلارنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.
3-دەل مۇشۇ چاغدا ختتاي 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى، 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى كۇچ ،5 مىلىيوندىن ئارتۇق مەمۇرى خادىم ،500 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى ،ياردەمچى ساقچى،جاسۇس ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى تۇتۇش ،ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقتىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە ۋە قىرغىنچىلىق ئىلىپ بارماقتا.
4-ختتاينىڭ قارشى تۇرىۋاتقىنى ئ‍سلام ئەقىدىسى بولغان ئۇيغۇرلارلا ئەمەس،بارلىق ئۇيغۇرلار،جۇملىدىن مەمۇرى ئەمەلدارلار،تەتقىقاتچى ئالىم،كارخانىچى ۋە سودىگەر،ياشلار ۋەكىللىرى ،سەنئەتكارلار،دىنغا ئىخلاسمەن ئامما ھەممىسنى تۇتماقتا،يوقاتماقتا.دىنى ئۆلىمالار بۇرۇنلا يوقتىلىغان بولۇپ ،نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ تۇتۇلىۋاتقانلار مىللى مەدەنىيەت،مىللى ئىگىلىكنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئىبارەتتۇر.
5-ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۇس يوقتىش ۋاقىت جەدۋىلى ئېنىق ،2030- يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلۇق مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى كۇچلۇك ئ‍ۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ۋە تۇتۇش ئارقىلىق يوقىتىش ،باشقىلىرىنى خىتتايلار بىلەن ئىتىقات،تىل-يىزىق،تۇرمۇش ،مەدەنىيەت جەھەتتە تولۇق ئاسسلماتسيە قىلىشتۇر.
6-ختتاي ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىمىنى قاماپ،يېرىمىنى ختتايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىين ۋەتىنىمىزگە 2025-يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىن ئۇچ ھەسسە ئارتۇق ختتاي كۆچمەن يۆتكىمەكچى.
7-ختتاي ئىنتايىن كۇچلۇك ،نوپۇسى كۆپ،ئارمىيەسى كۇچلۇك ،يادرو قورالى بار،ۋە دۇنيانى ياردەم بىرىش،قەرز بىرىش،مەبلەغ سىلىش،ستىۋىلىش ،يۇمشاق ۋە قاتتىق دىپلوماتىيە،قورال ۋە تەشۋىقات،جاسۇسلارنىڭ كۇچى بىلەن بويسۇندۇرماقتا
ئىككىنچى:دۇنيانىڭ ئىنكاسى
8-پۇتۇن دۇنيا بىزنىڭ مەسلىمىزنى تولۇق چۇشەنمەيدۇ.مېدىيالار پەقەت مىڭدىن بىرىنى بايقايدۇ ۋە يەتكۇزىدۇ.دۇنيا خەلقى ئۇنىڭغا قانچىلىك قىزىزىقىدۇ ۋە قانچىلىك ئىشنىدۇ ،قانچىلىك كۆڭۇل بۆلىدۇ بۇ ئايرىم مەسلە.
9-ئامېرىكا ۋە باشقا غەرپ ئەللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسلىسنى داۋاملىق <<ئ‍نسانى ھوقۇق >>مەسلىسى سۈپىتىدە ئاڭلايدۇ.ئۇيغۇرلار تەييارلىغان نۇرغۇن دوكلات،تالاي يېغىنلار،مىڭلىغان پاكىتلىق خەۋەرلەردىن كىين بۇ ھۆكۈمەتلەر ختتايغا قارىتا تەسرى بولمايدىغان قسقا باياناتلارنى ئىلان قىلىدۇ.ئ‍ش تۈگەيدۇ.
10-دۆلەتلەر ،تەشكىلاتلار ۋە تاراتقۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىلىش خەۋپىگە تېخى دىققەت بەرمىدى.چۇنكى مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىش خەۋپىنى بىز بىلىۋاتىمىز ئەمما قولىمىزدا باشقىلارغا كۆرسەتكۇدەك يتەرلىك ئ‍سپات يوق
11-ھىچقانداق دۆلەت،دۆلەت رەھبىرى ياكى خەلقئارالىق تەشكىلات ياكى خەلقئارالىق تاراتقۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشنى،مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاپ باقمىدى.
چۈنكى بۇ نۆۋەتتىكى خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ دەپ قارىلىدۇ.ئۇلارنىڭ قوللىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍نسانى ھوقۇقىنى قوغداش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت بولۇپ،بۇ ئەلۋەتتە ختتاينىڭ ۋەتىنىمىزگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستا ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ،ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ھۆكۇمەتلەرنىڭ قىلىپ بەرگەن ئەڭ چوڭ ئىشى ختتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئىتىقادى ۋە قانۇنى ھوقۇقلىرىنى ئىتىراپ قىلىش ۋە ھۇرمەت قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەتتۇر.
12-ئۇيغۇرلارنى ختتايلارغا دەسلىۋىدە پاكستان،قىرغىزستان،تاجىكستان ئارقىدىن ئافغانستاننىڭ كارزايى ھۆكۈمىتى ۋە سابىق تالىبان ھۆكۇمىتى كەڭ كۆلەمدە پۇلغا تېگىشتى ،ئۇيغۇرلارنى ئۆزى ئۇچۇن ئۇرۇش قىلغۇزدى ۋە پايدىلاندى،كىين قازاقستان،ئىران ،كامبودژا،تايلاند ،سۇرىيە باشار ھۆكۈمىتى،لىۋىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەر ھسابسز پۇلغا ساتتى ،كىين مسر ھۆكۈمىتى ،سەئۇدى ئەرەبستان ،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەرەب ۋە ئ‍سلام دۆلەتلىرى ختتاينىڭ بىر بەلباغ بىر يول سياستىدىن نەپ ئىلىش ئۇچۇن ئۇيغۇرنى ستىش قوشۇنىغا ئۆزىنى ئاتتى،ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ختتايلار بىلەن مەخپى كىلىشملەرنى تۇزۇشى ،ئۇيغۇرلارنىڭ ختتايغا قارشى ھەرىكىتىنى زور كۆلەمدە چەكلىشى ،ئاساسلىق مدىيالاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلىرىنى چەكلىشى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن پايدىسز بولدى.
13-مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ختتاي بىلەن ئ‍تتپاقداش بولۇپ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشتىكى ئەڭ چوڭ ياردەمچىسى بولۇشى ،خېرستان ۋە يەھۇدىلار تەسرىدىكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ئ‍نسانى ياردەم قىلىشى، سياسى سەھنە ،پۇل ۋە مدىيا،جامائەت پىكرى ياردىمى تەمىن ئېتىشى روشەن سلىشتۇرما بولۇپ قالدى.ئەمما بۇغەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار شۇ دۆلەتلەردە تۇرۇپ ،ئۇلارنى تىللاپ قارغايدۇ.
14-تېخى بىرەر دۆلەتنىڭ سستىملىق ھالدا دۆلەت پارلامنىتىدىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسى يوق .
ھىچقانداق بىر دۆلەتنىڭ تېخىچە مۇنتىزىم ۋە تەۋرەنمەس ھالدىكى ئ‍ۇيغۇرلار ئۇچۇن پايدىلىق بىر <<ئۇيغۇر سياستى >>يوق ،ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر سياستى تېخىچە <<ختتايدىكى ئېزىلگۇچى مىللەتلەر >><<ختتايدىكى ئ‍نسانى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى>>سياستىدىن ھالقىپ كىتەلمىدى،ھەممە ياردىمى ئ‍نسانى ھوقۇقنى مەركەز قىلىپ ،تەتقىقات ،مېدىيا،يېغىن ،ئاخبارات يېغىنى شەكىلدە داۋام قىلماقتا.
15-دۇنيا مىقياسدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى رادىكاللىق،قارا بايراق ئاسقان قوراللىقلار،قارا كىيمگە ئورانغان ئاياللارۋە يەنە بىر قسمى غەرپتىكى كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچلىرى بىلەن تونۇلغان بولۇپ،مەدەنىيەتلىك،تارىخى بار،ئاڭلىق بىر ئۇيغۇر ئوبرازى ئاز ئۇچرايدۇ.بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر زىيانلىق دىپلوماتىيە كىرزىسدىن ئىبارەتتۇر.
ئۈچىنچى :ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى :
16-چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى تەسر كۇچى ۋە ئېقتسادى ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز .
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېقتساد،مەدەنىيەت ۋە مائارىپ تەرەققىياتىنى كۇچ-قۇۋۋەت بىلەن تەمىنلەيدىغان رەسمى شەكىللەندۇرگەن بىر ئۇيغۇر شەھىرى،بازىسى يوق.
17-كۆپ قسم ئۇيغۇرلار ئۆزىنى داۋا سپىدىن تارتىدۇ،ئاكتىپ قاتناشمايدۇ ،ئۆزى كۆرەش قىلماي تۇرۇپ ،كۆرەش قىلغانلارنى ياراتمايدۇ،داۋا سپىدىكىلەردىن ئەيىپ ئىزلەيدۇ.
18-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ پاسسپ بولغانلىقى ئۇچۇن داۋا ئ‍شنى ئازغىنا ئادەمگە تاشلاپ بەرگەن،چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سياسى پائالىيەتچىلەرنىڭ پۇتۇن كۇنلۇك داۋا سېپىدە يۇرىۋاتقانلىرى 10غا يەتمەيدۇ.نۇرغۇنلار ئ‍شتىن سرت قوشۇمچە قىلىدۇ.شۇڭا كىشلەر ئۇيغۇر داۋاسنى <<4-5 كىشنىڭ ئىنقىلاۋى>> دەپ ئاتايدۇ.
19-ئۇيغۇرلار ئوموميۇزلۇك ئىتتپاق-ئىناق ئەمەس،ئۆز-ئارا ھىچكىمنى ھىچكىم ياراتمايدۇ.ھەممىسى ئۆز ئالدىغا نوچى.باشلىق بولۇش ئارزۇسى مىللەتنى ئازات قىلىش ئارزۇسدىن كۈچلۈك.ئۇزۇن مۇددەت مۇستەملىكە ئۇيغۇرلارنىڭ ئ‍ۆزىگە بولغان ئ‍شەنچىسگە چوڭقۇر تەسر كۆرسەتكەن .
20-ئۇيغۇرلار ئارسىدا دىنى ئىلىمدە تولۇق تەربىيە ئالماي تۇرۇپ ،دىنى مەزھەپ،تالاش-تارتىش دولقۇنى قوزغاش ،دىن نامىدىن بىر-بىرىنى ھاقارەت قىلىش،ئىجتىمائى مېدىيا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ،نورمال ئۇيغۇرلارنى كاپىرغا چىقىرىش ،مائارىپ ۋە تەرەققىياتقا،ئېقتسادى جەھەتتە كۇچلىنىشكە قارشى تۇرۇش ،ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى يۇكسەلدۇرۇشكە قارشى تۇرۇش دولقۇنى ئۇيغۇرلارنى ئىچىدىن چاك-چاك بۆلمەكتە ۋە ئارقىغا چىكىندۇرۇپ،يوقىلىشنى ئىلگىرى سۇرمەكتە.
21-ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارغا ئ‍شەنمەيدۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ۋىجدانىغا ئ‍شەنمەيدۇ،ھەر قانداق ئۇيغۇرنى ياخشى كۆرمىسلا جاسۇس ،ختتاينىڭ ئادىمى دەپ تىللاپ،قىلغان بارلىق ئ‍ش-ئىزلىرىنى يوققا چىقىرالايدۇ.ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىدارىغا ئ‍شەنمەيدۇ،ئۇيغۇرلار باي بولۇپ كەتسە،بۇ باي بولۇپ كەتتىغۇ؟چوقۇم ختتاي ياردەم قىلدى دەيدۇ.
22-مىللى ئەركىنلىك كۆرەش سىپىگە بايلار ،كەسپچان ئالىملار ،تەسرى بار سەنئەتكارلار،ئاكتىپ ۋە جۇشقۇن ياشلارنىڭ سالمىقى يوق دىيەرلىك.
23-كۆپ قېسم ئۇيغۇرلار ئۆزىگە دۇشمەن تېپىش بىلەن ئالدىراش،ختتايدەك نوپۇس سانى كۆپ،دۆلەت كۇچى كۇچلۇك بىر رەزىل دۇشمەنگە دۆلەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۇچۇن ،چەتئەلدىكى 50 مىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ پۇتۇنلەي ئىتتپاقلىششدىن باشقا،ئامېرىكا،ياۋروپا ئېتتپاقى ،ھىندستان،روسيە،ئ‍سلام ۋە ئەرەب ئەللىرى،تۈركى مىللەتلەر بىردەك قوشۇلۇشى كىرەك ئىدى.لىكىن ئۇيغۇرلار ئۇلارنى خىرستئان ،يەھۇدى،كاپىر دەپ قاراپ يېقىنمۇ كەلمەيدۇ،
ھەتتا ئۆز ئىچىدىنمۇ مىڭلىغان رامكىلارنى تۇزۇشۇپ بۆلەك-بۆلەكلەرگە ئ‍ايرىلغان.
24-ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئەسلىدە زادى قايسى دەرىجىدە ياخشى ۋە ئېسل مىللەت ئىكەنلىكىنى ئەقلى ،تۇيغۇسى ۋە تەجرىبسى بىلەن تونۇپ يتەلمىگەن ،شۇڭا ئۇلاردا ئۆز-ئارا مۇھەببەت كەمچىل.
25-ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئاخبارات قامال قىلىنغانلىقى ئۇچۇن ختتاينىڭ زادى قانچىلىك ۋەھشى ۋە ئ‍ىپلاسلەرچە ئىلىپ بىرىۋاتقان زۇلۇمىنى يتەرلىك چۇشەنمەيدۇ.
26-ئۇيغۇرلاردا ئۆزى ئارىلاپ قاتنىشپ قويغان يېغىن ،نامايىش دىگەنلەرنى ئىنقىلاپ ياكى ھەرىكەت دەپ چۇشنىپ،ئۇنىڭدىن قانائەتلىنىدىغان ئەھۋاللار بار.
27-ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ تىل-يېزىق مەدەنىيەت مەسلىسى كىرزىس ئىچىدە،ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنىڭ توي -تۇرمۇش مەسلىسى كىرزىس ئىچىدە،
27-ئۇيغۇرلارنىڭ ختتايغا قارشى ئۇرۇش مەيدانى -فايس بۇك،ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىنى تىللايدىغان يىرى-فايىس بۇك ،ئۇيغۇرلارنىڭ دىن تەبلىغ قىلىدىغان يىرى فايىس بۇك،ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتى ۋە تىلى -فايىس بۇك،ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى فايس بۇك بولۇپ ،بۇ يەردە نىمە دىسەك بولىدۇ،سورىقى بولمايدۇ.

قاتمال ھالەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ چارىسى بارمۇ ؟
ئەلۋەتتە بار،ھەر بىر ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇق كۆرىشگە تولۇق قاتنىشىشى كىرەك.
ھەر بىر ئۇيغۇر تەرەققىيات ۋە گۇللىنىش كۆرىشگە تولۇق قاتنىششى كىرەك،
بىزنى پەقەت ئۆزىمىزلا قۇتقۇزىمىز.باشقا ھىچكىم ،ھىچقانداق كۇچ قۇتقازمايدۇ،ياراتقۇچى ئاللا قۇرئاندا :<<بىر قەۋىمنىڭ ئ‍ۆز ھالىتىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگۇچى ئاللا ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ>>دىگىنىدەك،بىز ئەمدى ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز تولۇق قارشىلىق كۆرستىشىمىز كىرەك.
شۇنداقلا ئۆزىمىزدە 1-ئ‍شەنچ 2-مۇھەببەت 3-مائارىپ 4-ئېقتساد 5-ھەربى كۇچ ھازىرلاشنىڭ مەنىۋى تەييارلىقىنى باشلىشمىز كىرەك.

Share
1105 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.