logo

trugen jacn

بىرىنچى رول ئوقۇتقۇچىلىق، ئىككىنچىسى ئاتا-ئانىلىق

 

ئەليۈكسەل

 

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئامېرىكىدىكى داڭلىق ۋاسكېتبول ترېنېرى جون ۋۇدېن (John Wooden) ئۆزى ترېنېرلىق قىلغان ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقە ھەققىدە «بۇ مەن ئوقۇتقان بىردىن-بىر مۇسابىقە» دېگەندە، .كىشىلەر ئۇنىڭدىن بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى سورايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن جون مۇنداق دەيدۇ:  بىر ترېنېرنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم رولى ئوقۇتقۇچىلىق. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى يالغۇز قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تەنتەربىيە ماھارەتلىرىنى ياخشىلاش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى ياخشىراق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش.  جون ھەقىقەتەنمۇ بىر ئادەتتىن تاشقىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆچمەس تەسىرى يالغۇز چېمپىيون بولغان مۇسابىقىلەردىلا ئەمەس، يەنە توپچىلارغا سىڭدۈرگەن قىممەت قاراشلىرىدا نامايان بولىدۇ

خېنرى ئەدەمس (Henry Adams) مۇنداق دەيدۇ: «ئوقۇتقۇچىلار بارلىق ئەدەبىيلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.»  باشقىلاردىن تەربىيە ئالغان كىشىلەر يەنە يېڭى كىشىلەرنى تەربىيىلەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق مىراسلىرىنى كۆپەيتىپ ماڭىدۇ.  ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، بىزنىڭ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ترېنېرلەرنى تاللاش ۋە ئۇلارنى تارتۇقلاش ئۇسۇلىمىز ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىشىلىك خاراكتېرلىرىنى ۋە مەنزىللىرىنى ئۆزگەرتىشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى نەقەدەر قەدىرلىمەيۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 
ئۇنىڭدىنمۇ يامان بولغىنى شۇكى، بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم رولى ئوقۇتقۇچىلىق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتىمىز.  بالىنى ياخشى تەربىيىلەش يالغۇز ئۇنى يېمەكلىك ۋە ئۆي بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشنىلا ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.  ئۇ بالىدا ياخشى قىممەت قاراشلىرى بىلەن ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئۇنىڭغا توغرا بىلەن خاتانىڭ پەرقىنى بىلدۈرۈش، ھەمدە ئۈنۈملۈك ۋە ئەخلاقلىق ياخشى قارارلارنى قانداق ئېلىشنى ئۆگىتىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ھەر ۋاقىت دىققەت بېرىپ، ئۇلارنى ھەقىقىي تۈردىكى ياخشى تۇرمۇشقا، يەنى مەقسىتى، مەنىسى ۋە قىممىتى بار تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇشقا ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىنى ئاتا قىلىشى كېرەك. يەنى، بىز بالىمىزغا ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان ئەڭ ياخشى ئادەمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىتىشىمىز، بالىمىزنى ئاشۇ ئادەمدەك ئىش تۇتۇشقا ئىنتىلدۈرۈشىمىز ۋە قىستىشىمىز، ھەمدە بالىمىزغا ئۆزىمىز ئۈلگە بولىشىمىز كېرەك.

http://bbs.bagdax.cn/thread-62858-1-1.html

Share
941 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.