logo

trugen jacn

باشلىق ئالماشسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشى قاملىشامدۇ؟

plain-blue-background-wallpaper-3-12

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

باشلىق ئالماشسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشى قاملىشامدۇ؟

 

خىتاي ئاخباراتى 2016.يىلى 8. ئاينىڭ 29. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرىنجى سىكرىتارى جاڭ چۈنشەننىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا تىبەت ئاپتونوم رايوننىڭ بىرىنجى سىكرىتارى چەن چۈئان گونىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.30-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن يېڭى سېكرېتار چېن چۈئەن گو ئۈرۈمچىدە «مۇقىملىق خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى» چاقىردى ۋە سۆزىنى شۇ جۈملىلەر بىلەن باشلىدى؛ «مۇقىملىقنى ساقلاشتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بالدۇر تۇتۇش، دەسلىپىدە تۇتۇش، تېز تۇتۇش… كېرەك» . كىمنى تۇتىدۇ؟ تېخىچە تۇرمىغا سۇلانماي تاشقىرىدا قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى. يىلان پوستنى تاشلايدۇ،ئامما خۇيىنى تاشلىمايدۇ. تاجاۋۇزچى مىللەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تاشقى شەكلى بىر بىرىدىن پەرىلىق بولىشى مۇمكىن،ئامما ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەيدانى، پوزىتسىيىسى ئوخشاش

 

چەن چۈئەنگو قانداق ئادەم؟

 

چەن چۈئەنگو ئۇزۇن يىللار تىبەتتە ياشىغان بىرسى. 2011. يىلى تىبەتكە تەكرار كەلگەن. ئەڭ مۇھىم دەپ تۇتقان نۇقتىسى بىخەتەرلىك ئىدارىسى. تىبەتلىكلەر ئارىسىدىن ئادەم تاللاپ تۈركۈم، تۈركۈم جاسۇس يېتىشتۈرۈپ، يەنە تىبەتلىكلەرنىڭ ئارىسىغا قويۇۋەتكەن. تىبەتلىكلەر ئىچىدىن پۇلغا جاسۇس سېتىۋېلىش، جاسۇسلارغا ماددى مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق، دىندار، ۋەتەنپەرۋەر،روھانى داھى دالايلاماغا سادىق كىشىلەرنى تۇتۇپ يوقۇتۇشتا كاتتا خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن. چەن چۈەنگو، خۇددى خۇجىڭتاۋغا ئوخشاش تىبەت خەلقىنى شەپقەتسىز قىرغىن قىلدى
چەن چۈئەنگو تىبەتتىكى بارلىق بۇتخانىلاردىكى ۋە ئۆيلەردىكى دالايلاما رەسىملىرىنى يىغىپ كۆيدۈرۈپ، بۇتخانىلارنىڭ ھەممىسىگە مائۋ زېدوڭ، دىڭ شاۋپىڭ، خۇجىڭتاۋ لارنىڭ رەسىملىرىنى ئاستۇردى. كوممۇنىست رەھبەرلەرنىڭ رەسىملىرىنى ئىبادەتخانىغا ئېسىشنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ تۇرمىغا سولىدى. بۇتخانىغا خىتاي باشلىقلىرىنىڭ رەسىمىنى ئېسىش پائالىيىتىنى چىڭخەي، سىچۈۋەن، يۈننەن… قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تىبەلىكلەر ياشايدىغان رايونلارغىچە كەنەگيتتى. تىبەت خەلقى دىنىغا ۋە رۇھانى داھىسىغا قىلىنغان ھاقارەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلمىدى. چەن چۈئەنگو، تىبەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولۇپ تۇرۋاتقان 5 يىل ئىچىدە 140 تىن ئارتۇق تىبەتلىك نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆزنى كۆيدۈرۈپ ئۆلۈۋالدى. چەن چۈئەن گو، ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلىۋالغانلارنى “تېرورىست” دەپ ئېلان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئائىلە، يېقىنلىرىغا زىيانكەشلىك قىلدى. چەن چۈئەن گو، ھەر پۇرسەتتە شىجىنپىڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىگە زىچ ئەگىشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن بىرسى.جاسۇسلۇقتىن كېلىپ چىققان چەن چۈئەن گو، ھازىر شەرقى تۈركىستاندا. يۇرتىمىزدا بىرىنچى قول ھوقۇق تۇتقان خىتاي ئەمەلدارى، مەركىزى كومىتېت سىياسى بىرونىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. سىياسى بىرودىن ئىبارەت ئەڭ يۈكسەك قەۋەتتىكى مەۋقەگە چىقىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىتىدىن پەلەمپەي ياساشتىن باشقا يول، ساداقەتنى سىناشقا يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا چەن چۈئەن گو، ئۈرۈمچىگە كىلە كەلمەي، تۇتۇشتىن، چېپىشتىن، قاتتىق زەربە بېرىشتىن گەپ ئاچماقتا. ئەپسۇسكى ۋەتەندىن ئىبارەت قەپەز ئىچىدە تۇرۇپ بۇ قاتىللاردىن شەپقەت كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ مەۋجۇت
ئۇيغۇر مىللىتىنى تېخىمۇ قاراڭغۇلۇق كۈنلەر كۈتمەكتە. ئەزىز ئۇيغۇر مىللىتى ھەر قانداق ئېغىر كۈنلەرگە تەييارلىق بىلەن تۇرۇشى لازىم

 

تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىدىغان جاڭ چۈنشەن ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا تەبەسسۇم قىلدىمۇ؟

 

جاڭ چۈنشەننىڭ بەېجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، خىتاي ئىچى- سىرتىدىكى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلىگەن ماقالىلار ئېلان قىلىندى. ھەممىسىدە، جاڭ چۈنشەننىڭ ئىلىملىق خاراكتېرگە ئىگە، ئىسلاھاتچى بىرسى بولغانلىقى تەرىپلەنگەن. ئۈرۈمچىگە كېلىپ فاسبۇك تا ھېساپ ئاچقان جاڭ چۈنشەننىڭ تۇنجى كۈندىكى ئەگەشكۈچىلەرنىڭ سانى 5 مىڭغا يەتكەنلىكى، بۈگۈن ئۇنىڭ ئىزدىگۈچىلەرنىڭ سانى قانچە مىليونغا ئولاشقانلىقى… يېزىلماقتا. جاڭ چۈنشەننىڭ يۇرتىمىزدىكى كۆچمەن خىتايلارغا تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. خىتاي مىللىتى ئۈچۈن ئىلىملىق، ئىسلاھاتچى مەيدانى بولىشى مۇمكىن. ئامما، جاڭ، ئۇيغۇرلارغا كۈلۈپ قارىغان يۈزىنىڭ ئارقىسىدا مۇزدەك بىر يۈرەك بارلىقى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىسپاتلاندى. شۇ ئاندا ئۇيغۇر تورلىرىغا بولغان نازارەت، شىمالى كورىيەدىنمۇ قاتتىق. ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلار، تور يازارلىرى داۋاملىق قولغا ئېلىنىۋاتىدۇ. جاڭ چۈنشەن دەۋرىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرنىڭ سانى، ۋاڭلوچۈئەننىڭ 17 يىللىق ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكىدىن ئارتۇق. ۋاڭلوچۈئەن ۋاختىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر سانىدىن، جاڭ چۈنشەن دەۋرىدە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرنىڭ سانى 3 ھەسسە كۆپ
جاڭ چۈنشەننىڭ يۆتكەپ كىتىلىشى، مەركىزى كومىتىتتىكى ئىچكى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. جاڭ چۈنشەننىڭ، جۇيۇڭكاڭ بىلەن بولغان ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئىككى يىلدىن بىرى مىڭلىغان ماقالە يازدى. قىسقىسى، جاڭ چۈنشەننىڭ كېتىشىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مۇناسىۋىتى يوق

 

ۋاڭ لوچۈۋەننىڭ يۆتكەپ كىتىلىشى، ئۇيغۇرلارنى خوشال قىلىش ئۈچۈن بولغانمۇ؟

 

ئۈرۈمچى 5. ئىيۇل ۋەقەسى پارتلاپ ئىككى ئايدىن كېيىن، يەنى 3. سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى خىتايلار كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلدى. نامايىشنىڭ تىغ ئۈچى ۋاڭ لوچۈۋەنگە قارىتىلغان بولۇپ، “ خەنزۇلارنى ئۇيغۇرلارغا بۇزدەك قىلىپ بەردى” دېگەن مىللىي نەپرەت نامايىشقا سەۋەپ بولغان ئىدى. بۇ ئارادا شەرقى تۈركىستاندا ياشايدىغان مىليونلىغان خىتاي كۆچمەن، بەېجىڭغا ئىلخەت، مەكتۇپ يېزىش ئارقىلىق، ۋاڭ لوچۈئەننىڭ “ئۇيغۇرلارنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ، خەنزۇلارنى بوزەك قىلغان” لىغى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى. “ بوزەك قىلىنغان بىچارە خەنزۇلار” نىڭ يىغا – زارىغا چىدىيالمىغان مەركىزى كومىتىت، ۋاڭ لوچۈئەننى ئەمىلىدىن ئېلىپ بەېجڭغا ئلىپ كەتتى. ۋاڭ لوچۈئەننىڭ خاتالىقى، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ دەھشەتلىك باستۇرالمىغانلىغى ئىدى
خىتايغا سادىق بولساقلا، ھوقۇق ۋە ئائىلە بەختىگە ئېرىشىپ ياشىيالايمىز، دېگۈچى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدە ھەقىقەت نىسبىتى بارمۇ؟

 

كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن پۇل ۋە ھوقۇق بېرىش ۋاستىسى بىلەن سېتىۋېلىشتا بۈيۈك مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاچچىق ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمىز. بىراق بۇ پارا ئۇلارنىڭ جىم تۇرۇشى، ياكى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇيغۇر خەلقىنى مۇلايىملاشتۇرۇپ تۇتۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرىلگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ مۇھىم ھۇقۇقلارنى ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەس.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سېسىپ، ئۆتمەس ماتاغا ئايلىنىپ قالغان، خۇشامەتتە رېكورت بۇزۇپ،خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغىدەك دەرىجىگە يەتكەن نۇر بەكرىنى بەېجىڭگە ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىرنى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىدى. نېمە ئۈچۈن شۆھرەت زاكىر؟

بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىسقا بىر ھېكايە ئاڭلىتىمەن؛
مەن 1994.يىلى يازدا مەرھۇم ئىنقىلاپ پىشىۋايى، يازغۇچى، دۆلەت ئادىمى زىيا سەمىدىنىڭ 80 ياشلىق خاتىرە كۈنى ئۈچۈن، زىياسەمىدىنىڭ تەلپۈن ئارقىلىق بىۋاستە تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدىن ئالماتاغا كەلدىم. بىر قانچە كۈن بۇرۇن كەلگەنلىكىم ئۈچۈن، زىيا سەمىدى بىلەن كەڭ – كۇشادە سۆھبەت قىلىش پۇرستى بولدى. بىر كۈنى زىيا ئاكىنىڭ ئۆيىدە چاي سۆھبىتىدە سورۇدۇم؛ – سىزنى سەيپىدىن ئەزىز بەك يامان كۆرىدۇ. بۇنىڭ بىز بىلمەيدىغان بىر سەۋەبى بارمۇ؟
زىيا ئاكا كۈلدى: – بار. 1950.يىلى ۋاڭ جىن ئۈرۈمچىدە نازارەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنى يىغىپ “ سىلەر ھەممىڭلار جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيە ئەزاسى بولدۇڭلار. بۇرۇنقى خاتالىقلارنى سۆزلىۋەتسەڭلار، سىلەرگە بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. شۇڭا ھەر ھەپتە ئاخىرى بىرىڭلارنىڭ ئۆيىدە ئۆز- ئارا سۆھبەت ئەلىپ بارايلى.” دېدى. ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە سۆزلەشكە باشلىدى. بىر ھەپتە ئاخىرى نۆۋەت سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ۋاڭجىن تەرجىمان ئارقىلىق بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلاپ خاتىرە يېزىپ ئولتۇراتتى. سەيپىدىن ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئاڭلاتتى. 1946. يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىسى رەھبەرلىرىدىن دىڭ لىچۈن، سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قايتىشىدا مەخپى غۇلجىغا كەلگەنلىكىنى، سەيپىدىن ئۆز ئۆيىدە مەخپى مېھمان قىلغانلىقىنى ۋە شۇ چاغدا ئىلتىماس يېزىپ كوممونىستىك پارتىيىگە ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، بىراق ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، 1949.يىلى 9. ئاينىڭ ئاخىرىدا بەېجىڭدا تەكرار ئىلتىماس يېزىپ ماۋ جۇشىغا بەرگەنلىكىنى، ماۋ تەستىقلىغانلىقىنى ئاڭلاتتى. ئابدۇللا زاكىروپ بۇرۇنلا ماڭا، ئۆزىنىڭ چۆچەك ساقچى ئىدارىسى باشلىغى بۇلۇپ تۇرغان 1942- 43. يىللىر ىسەيپىدىننىڭ ساقچىغا جاسۇس بۇلۇپ ئىشلىگەنلىگىنى، گەرچە سەيپىدىن باشقا خىزمەتتە بولسىمۇ، ھەر ئاي جاسۇسلىغى ئۈچۈن ئىمزا ئېتىپ مائاش ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. مەن، سەيپىدىنگە “ چۆچەكتە گومىنداڭ ساقچى ئىدارىسىغا جاسۇس بولۇپ ئىشلىگەنلىگىڭىزنى دېمىدىڭىزغۇ؟” دەپ سوئال قويدۇم. سەيپىدىن بىردىن تاتىرىپ دۇدۇقلاپ قالدى. ئاندىن “مەن ئۇ چاغدا كەمبەغەللەرنى چاقمىغان ئىدىم” دېدى. مەن چاقچاق ئارىلاش “ دېمەك، سىز سىنىپىي جاسۇس ئىكەنسىز- دە.” دېدىم. ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇ كۈندىن بەرى سەيپىدىن مېنى ھىچ كۆچۈرمىدى. سىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن زاكىروپنىمۇ كەچۈرمىدى.” دەپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى

ئابدۇللا زاكىروپ ئۆز ۋاختىدا گومىنداڭ ئەزاسى ۋە ئەمەلدارى بولۇپ خىتايغا سادىق خىزمەت قىلىپ نۇرغۇن بىگۇنا ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى ئىچكەن، كوممۇنىست خىتايلارغىمۇ سادىق خىزمەت قىلغان بىر مەخلۇق. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇنىڭ ئوغلى بولغان شۆھرەت زاكىرغا، ئۇيغۇرلارغا بېرىدىغان ئەڭ ئالى ھوقۇقنى بېرىپ مۇكاپاتلىدى
خىتايدىن يۇقىرى ھوقۇق تاماسىدا يۈرۈۋاتقان ۋە بۇ ھۇقۇقلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنى قان قۇستۇرىۋاتقان مانقۇرتلار شۇنى بىلىشى لازىمكى، خىتايلار پەقەتلا سىزنىڭ ساداقىتىنىڭىزنىڭ ھوقۇق، نام، پۇل ئۈچۈنمۇ ياكى قاندىن كەلگەن ساداقەتمۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن تىببى جەھەتتە گەن خەرىتىڭىزنى چىقارسا، سىياسى جەھەتتىن بىر قانچە ئەۋلاد ئائىلە شەجەرىڭىزنى تەتقىق قىلىدۇ
ۋەتەن سۆيگەن ئۇيغۇرلار بىر قېتىم ئۆلىدۇ. شەھىد بولىدۇ. ئامما، خائىن ئۇيغۇرلار ھەر كۈنى بىر ۋەياكى بىر قانچە قېتىم ئۆلۈپ تىرىدۇ. ئۇلار، خىتاي باشلىقلىرىنىڭ قاپاق تۈرۈشى بىلەن ئۆلۈپ، كۈلۈمسىرىشى بىلەن تىرىلىدۇ

قورقۇپ ياشاشنىڭ ئازابى ئۆلۈمدىن يامان ئەمەسمۇ؟
باشلىق ئالماشسا، ئىشىمىز قاملىشىدۇ، دەپ بىخۇد ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ تەقدىرى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىرلا چىقىش يولى بار؛ زۇلۇمغا قارشى ئۆزىنى قوغداش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇش.

Share
2061 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.