logo

trugen jacn

ئەليۈكسەل: بەخت ۋە ھاياتنىڭ مەقسىتى

 

بەخت ۋە ھاياتنىڭ مەقسىتى
ئەليۈكسەل
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

بارلىق قېرىنداشلارنىڭ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!

ھازىر ئامېرىكىلىقلار 4-ئىيۇل «مۇستەقىللىق كۈنى» بايرىمىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ.  مۇشۇنداق كۈنلەردە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نىڭ تارىخىي ۋە مەنىۋىي ئەھمىيىتى، ھەمدە ئۆز ھاياتىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىشىغا پەرۋا قىلماي، ئىنسانلار تارىخىدىكى ئاشۇ ئۇلۇغ ھۆججەتنى يېزىپ چىققان 56 نەپەر ئەرباب ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.

مەزكۇر خىتابنامىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن يادرولۇق نۇقتا، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئېتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان «ياشاش، ئەركىنلىك ۋە بەختنى قوغلىشىش» ھوقۇقىدىن ئىبارەت.

ئەمما، نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنى «بەختنى قوغلىشىش» ھوقۇقى ئەمەس، «بەختكە ئېرىشكەن بولۇش» ھوقۇقى بار، دەپ ئويلايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىدە «ماڭا بەخت-سائادەت بېرىلگەن بولۇشى كېرەك»، دېگەن ئىدىيىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزلىرىنى بەخىتلىك قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىشتە ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ.

ئەمما، ئېتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان بەختنى قوغلىشىش ھوقۇقى بېرىلىش بىلەن بىرلىكتە، بىزگە يەنە ياخشى ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇش مەسئۇلىيىتىمۇ يۈكلەنگەن.  پۇل، مۈلۈك، ۋە ھوقۇق ياكى نوپۇزلارنى ئىستەش خاتا ئىش ئەمەس.  ئەمما بىز ئاشۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى ئالىيجانابلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.  بۇ يەردىكى تېخىمۇ مۇھىمراق مەسىلە، بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ مەقسىتى پەقەت بەخىت قوغلىشىشلا بولسا مۇۋاپىق بولامدۇ-يوق، دېگەندىن ئىبارەت.

خېلېن كېللېر (Helen Keller) مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقىي بەخىت ئۆز-ئۆزىدىن قانائەت ھېس قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بىر ئالىيجاناپ مەقسەتكە ساداقەتمەن بولۇشتىن كېلىدۇ.»

«مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» غا ئىمزا قويغان كىشىلەر يالغۇز بەختنىلا قوغلاشقان ئەمەس.  بەلكى ئۇلار ئەخلاقىي پرىنسىپلار ئاساسىدا بىر ھاكىمىيەت بەرپا قىلىشقا ئۆزلىرىنىڭ «ھاياتىنى، بايلىقىنى، ۋە مۇقەددەس ئالىيجانابلىقىنى» ئاتا قىلغان.  ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئۆزلىرىدە ناھايىتى ئېسىل كىشىلىك خاراكتېر بار بولۇشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئەنە شۇنداق ئېسىل كىشىلىك خاراكتېردىن ئىبارەتتۇر

http://bbs.bagdax.cn/thread-59878-1-1.html

Share
824 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.