logo

trugen jacn

ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قىزىل ئىجادىيەتكە مەجبۇرلانغان

6e888ac7-10fc-4056-ab2f-b15ca25b8a7f

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان رادىئو-تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرنال قاتارلىق بارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ۋە تور بېكەتلىرىدە «شانلىق 60 يىل. شىنجاڭغا مەدھىيە» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى، ناخشىلارنى ئېيتىش، شېئىر، دېكلاماتسىيە قىلىش، ماقالە مۇسابىقىسى قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەردىكى سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىمەكتە. بۇ ھەقتە رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتىكى ئوخشاش تېمىدا سالمىقى ۋە سۈپىتى، قۇرۇلمىسى، تىل ئىشلىتىشى قېلىپلاشقان، كوممۇنىستىك قىزىل روھنى تەرغىب قىلىدىغان بۇ ۋەزىيەت، بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش، يەنە بىرى خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش باھانىسىدە سۈنئىي مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن.

ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر پېشقەدەم ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئىدارە، ئورگانلاردا خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەربىي پاراتى ئۆتكۈزۈش پەيتىدىكى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇن مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپنى ئۇقتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدا «يېڭى ۋەزىيەتنىڭ تەلىپى بويىچە ماركسىزمغا، سوتسىيالىزمغا ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئېتىقادىنى، پارتىيەۋىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيەسىنى ئىجادىيەتلىرىدە ئىپادە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ ھەر مىللەت شىنجاڭ خەلقى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ۋە «جۇڭگو ئارزۇسى» نى روياپقا چىقىرىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ 60 يىللىقىغا سوۋغا قىلىش» نى تەلەپ قىلغان

d6bd6307-d462-4c25-af9a-a2bb50aa8b36

ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلغان خەۋەرلەرگە قارىساقمۇ، ئاساسلىق سالماقنى مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ھەققىدىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ گېزىتى دۈشەنبە كۈنى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹شانلىق 60 يىل. شىنجاڭغا مەدھىيە› باش تېمىسىدىكى شېئىر، دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى 7-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ئوپېرا تىياتىرخانىسىدا باشلاندى» دەپ خەۋەر قىلدى.

بۇ قېتىمقى شېئىر، دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىدە «ۋەتەن، مەن، سەن بىلەن بىللە» باش تېما قىلىنىپ، «شىنجاڭغا يوللىدىم سالام»، «شىنجاڭ» قاتارلىق كلاسسىك شېئىرلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

ئۈرۈمچى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ قارمىقىدىكى سەنئەت ئۆمەكلىرى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان قولغا كەلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ ئىككى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، يېڭى كەيپىيات ۋە يېڭى تەرەققىياتلارنى نامايان قىلىش» ئۈچۈن، يېڭى سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلىغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ھاۋاسىدىكى بۇ خىل سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ كۈچىيىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، رادىئومىزدا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، لوندوندىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى زىيالىي ئەزىز ئەيسا ئەپەندى گەرچە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىگە ھازىرغىچە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكىدەكلا بېسىم سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دەۋرنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ خىل سۈنئىي ئېقىم ۋە تەشۋىقاتلىرى بىلەن مەيدانغا كەلگەن قىزىل ئىجادىيەتلەرنىڭ تەسىرىمۇ بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھىجرەتتە ياشاۋاتقان، ئۇيغۇر شېئىرىيەت ساھەسىگە يېڭىدىن قوشۇلۇۋاتقان بىر ياش ھەۋەسكار بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، ھازىرقى مەجبۇرىي يازدۇرۇلغان قىزىل شېئىرىي ئىجادىيەتلەرنى، شېئىرىي سەنئەت جەھەتتىكى بىر ئەسەر ياكى بىر شېئىر دېگىلىمۇ بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بۇنداق قىزىل شېئىرلارنىڭ مەلۇم ھاكىمىيەت ئۈچۈن سۈنئىي ئىجاد قىلدۇرۇلغانلىقى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوردا شېئىرلىرىدىن پەرقى يوق دەپ قارايمەن، ئۇيغۇر شېئىرىيەت تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەيدىغان بولساق، يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىمۇ ھازىرقىدەك مەنزىرىلەر كۆزگە چېلىقىدۇ ۋە كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. شۇ دەۋرلەردىمۇ شائىر، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئۆز ۋىجدانىغا، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا مۇخالىپ ھالدا سىياسىي لىرىكىلارنى يازغانلىرىمۇ بولغان. قولىغا قەلەم ئالغان كىشىنىڭ خەلق ئالدىدا مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، ئۇلار شۇ سەۋەبلىك خەلقنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالالمىدى ياكى نەزىرىدىن چۈشتى، ئەمما ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىلەردەك ئۇنتۇلماس، ۋىجدانلىق شائىرلىرىمىز بولسا ئىزچىل ئۆز بۇرچىنى تولۇق تونۇپ تېگىشلىك تۈردە ئادا قىلالىغان. دەۋر سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان شائىرلىرىمىز ساناقلىق، شۇڭا بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ ئوخشاش شائىرلىرىمىز ياكى ھەۋەسكارلىرىمىز ئىلگىرىكىلەرنىڭ خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز لازىم. چۈنكى ئۆرنەك ئالماي،ساۋاق ئالماي تۇرۇپ ئالغا باسقىلى بولمايدۇ» دېدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-weziyiti-09092015164024.html

Share
1027 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.