logo

trugen jacn

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا نىقاب شەكلىدىكى كىيىملەرنى كىيىشنى رەسمىي چەكلىدى

image (1)

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى غەيرىي رەسمىي ھالدا يولغا قويۇپ يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلەش ۋاسىتىلىرىنى رەسمىي قانۇنلاشتۇردى. خىتاي دائىرىلىرى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا نىقاب شەكلىدىكى كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» كېلەر ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بەلگىلىمىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قانداق ئاممىۋى سورۇندا جىلباپ، پەرەنجە، چۈمبەل قاتارلىق كىيىملەرنى كىيىش مەنئى قىلىدىغان بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى قانۇن بويىچە جازا كۆرىدىغانلىقى، جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ جىنايى قىلمىشى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي كىيىملەرنى كىيىشنى مەنىي قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا نىقاب شەكلىدىكى كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» كېلەر ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ ئالدىدا يېڭىدىن 18 ماددا قوشۇلۇپ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى›› 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا تۈزىتىلىپ ماقۇللاندى ۋە 2015-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 20 يىلدىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كەلگەن ئەسلىدىكى ‹‹نىزام››غا قوشۇلغان ماددىلار يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ‹‹ھەر قانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىشىغا، دىن ئەسەبىيلىكى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىغا، دىنىي پائالىيەت ياكى دىننىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىگە، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ قاتارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە، مەدەنىيەت، سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئارىلىشىشىغا، قانۇن بويىچە تىزىملانمىغان نىكاھلاردا دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، تەقى-تۇرۇق، كىيىم-كېچەك، بەلگە-بۇيۇم قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ دىنىي تەلۋىلىكىنى كۆككە كۆتۈرۈشىگە، دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ›› دەپ ئېنىق كونكرېت بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى.

ئىلگىرى بۇ مۇناسىۋەت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قانداق ئاممىۋى سورۇندا جىلباپ، پەرەنجە-چۈمبەل قاتارلىق دىنىي كىيىملەر مەنئى قىلىنىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش ھوقۇقى بېرىش ئۈچۈن چىقارغان بۇ قانۇن نىزامىنى تەنقىد قىلىپ «مەزكۇر نىزام كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلا ئەمەس. ئۇ يەنە، ئىسلامغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت» دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەمەلىيەتتە بىر ئىككى يىل ئىلگىرىلا ئۈرۈمچىدىمۇ ئۇيغۇر قىز، ئاياللىرىنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنىڭ غەيرىي رەسمىي شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ھەتتا ۋە بۇ ھەقتە گەپ ئېچىشتىنمۇ ئېھتىيات قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قىز ئوقۇغۇچى دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن قىز، ئاياللارغا ئىلگىرى ھۆرمەت قارىشى بىلەن قارىسىمۇ، يېقىنقى يىللاردا تەشۋىقات، جەمئىيەت، مەكتەپلەردىكى دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تەربىيىلەرنىڭ تەسىرىدە ھىجابلىق ئاياللارنى كۆرسە بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ناھايىتى مۇرەككەپ ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقى ھەتتا ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە شۇنداقلا بۇ خىل چارە ‏- تەدبىرلەر ئەمەلىيەتتە نارازىلىقنى ئاشۇرۇپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ۋاشىنگتوندا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقات خادىمى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رەسمىي قانۇن چىقىرىپ ئاممىۋى سورۇنلاردا نىقاب شەكلىدىكى كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەشكە باشلايدىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ «نىزام خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان، دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئىسپاتى» دەپ تەنقىد قىلدى.

زۇبەيرە خانىم يەنە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلەش نىزاملىرىنى ئەمدىلىكتە ئېلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، دەل مۇشۇ خىل ئادالەتسىز چەكلىمىلەر سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدا قانلىق ۋەقەلەرنىڭ توختىماي يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنى قانۇنلۇق قىلىش غەرىزىدە، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/hijab-ayal-01202015154829.html

Share
1530 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.