logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشى 2015 – يىلى زور كۆلەمدە داۋاملىشىدىكەن

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2015 – يىلىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئەرزان ئەمگەك كۈچى» سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشى يەنىمۇ زور كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2 – قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» دىن كېيىن، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى يەنىمۇ تېزلەشكەن.

ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە كوللېكتىپ ھالدا تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى مەركەزلىك ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن تاللىنىدىكەن.

ئۇلار يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ، ئاتالمىش «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان» خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىگە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىگە كوللېكتىپ ھالدا يۆتكىلىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ، جېجياڭ، شەندۇڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي ۋە شاڭخەي قاتارلىق ئۆلكە – شەھەرلىرىدىكى تۆۋەن مائاشلىق ئىش ئورۇنلىرىغا سەپلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى توقۇمىچىلىق فابرىكىسى، ئويۇنچۇق زاۋۇتى، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى، ئولتۇراق ئۆي ۋە زاۋۇت قۇرۇلۇشى، باغچە رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە كىيىم – كېچەك زاۋۇتى قاتارلىق ئىش ئورۇنلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە يالغۇز جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىغا سەپلىنىدىغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەخمىنەن 12 مىڭغا يېتىپ بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتىكەن.

دائىرىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇر ياشلىرىغا مەركەزلەشمىگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلى ئاقچى ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدىن 100 نەپەر قىرغىز ياشنى ۋۇشى شەھىرىدىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۈرلۈك بېسىملارغا دۇچ كېلىپ، بەزىلىرىنىڭ قېچىپ چىققانلىقى مەلۇم.

يىللاردىن بۇيان ئۆز ھويلىسىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىزىل تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ قايراق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قۇربان ئۆمەرمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قېچىپ چىققانلىقىنى تەستىقلايدۇ:

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەت پەيزىۋات، يوپۇرغا ناھىيەلىرىدىن، ھەتتا ئاتۇشنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدىن ياشلارنى تەشكىللەپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئەمما نېمە سەۋەبتىنكىن، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى قېچىپ چىقتى. بىزنىڭ ئاتۇشتىن ئىچكىرىگە ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىگەن ياشلارنىڭ بىر قىسمى بېرىشنى خالىمىدى. ئاتۇشقا ياردەم بېرىۋاتقان ياشىن دېگەن چوڭ شىركەت بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان ئىدى، لېكىن ياشلارنىڭ بىر قىسمى ئۇ يەرگە بېرىشنى رەت قىلدى. ھۆكۈمەت بىزگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارغا تەييار ئىش ئورنى تېپىپ بېرىۋاتسا، ئۇلار شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلەشنى خالىمىدى. بىزنىڭ بۇ يەردە قىزلار ئىشلىيەلەيدىغان زاۋۇت ۋە كارخانىلار يوق، ئىچكىرىدە بار ئىكەن، بىلمىدىم، ئۇلار نېمىشقا بېرىشنى خالىمايدىكىن؟»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرى 7 مىڭدىن ئاشقان.

ئىگىلىنىشىچە، 2015 – يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىغان ئاتالمىش «ئېشىندى ئەمگەك كۈچى» نى 50 مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتىكەن.

بۇ يىللىق مۆلچەر بويىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن 15 مىڭ نەپەر يەرلىك مىللەت ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن ۋىۋىسكا بىلەن يۆتكىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-kochmen-ishchilar-07082015202246.html

 

Share
1159 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.