logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا 2014-يىلى سىياسىي جىنايەت بىلەن جازالانغانلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى

 

 

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى» سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، 2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش، بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق» قاتارلىق سىياسىي جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 2013-يىلدىكىدىن 40% كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 12-نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا، خىتاي ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ 2014-يىللىق خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىپ، 2014-يىلى خىتايدا 712 ئادەمنىڭ 558 دېلو بويىچە «بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن›، ‹بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان› دېگەن باھانىلەردە ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىشى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى» دېدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىنى دەرھال توختىتىشىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بۇ جەھەتتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/siyasiy-mehbus-03122015140351.html

Share
1324 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.