logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە خىتاي خەۋپى

 

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى

 

  1. كىرىش سۆز

 

2017-يىلى 11-ئايدا مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى نامىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىۋالغان بىر مىليون ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ ئۆزگەرتىش (www.change.org) تورىدا مۇراجەتنامە ئېلان قىلدۇق. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خەلقئارادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە مېدىيالاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ناتسىست گىرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئوخشايدىغان ئەسلىھەلەر ئىچىدە ئۇچراۋاتقان قىسمەتلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە جازالىغۇدەك قانداق ئۆچمەنلىكى بارلىقى ھەققىدىمۇ غۇلغۇلىلار كۆتۈرۈلدى.

 

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان زېمىننى شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ. بۇنىڭغا قارشى خىتاي دۆلىتى بۇ ئاتالغۇنى رەت قىلىدۇ ھەمدە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ تارىختىن بېرىقى قانۇنلۇق تېررىتورىيەسى دەپ قارايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ يەرنى شىنجاڭ دەپ ئاتايدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى خىتايچە بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى بولسا «يېڭى قوشۇلغان تېررىتورىيە» دېگەندىن ئىبارەت.

 

مەيلى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتى بولغان شەرقى تۈركىستاندا ياشاۋاتىمىز دېسۇن ۋە ياكى خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ تېررىتورىيەمىز ئىچىدە دېسۇن، ئىككى مىڭ يىللىق قوشنىدارچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى بولسا 11 مىليونلۇق نوپۇسقا(ئۇيغۇرلار بۇ ساننى 15-35مىليون ئارىسىدا دەپ قارايدۇ) ئىگە ئۇيغۇرلار خاس كۈلتۈرىنى يوقىتىپ پۈتۈنلەي خىتايلىشىپ كېتىش ئالدىدا تۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا نېمىگىدۇر ئالدىراۋاتاتتى، تارىختىن بېرىقى ئۆز كۈلتۈرىگە تايىنىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانى ئۈستىگە زورلۇق كۈچ بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى دەسسىتىپ ئاشكارا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە يېرىدە كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارنى قۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلارغا «ئۆزگەرتىش» ئۈچۈن يىغدى. بىر دوكلاتتا دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2025-يىلغا بارغىچە 95% ئۇيغۇرنى بۇ خىلدىكى لاگېرلارغا سولاش پىلانى بار ئىكەن. ئەجەبا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا شۇنچىلىك ئۆچمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆچ بولغاچ، ئۇلارنى تامامەن زورلۇق كۈچ بىلەن يوقاتماقچى بولۇۋاتامدۇ؟

 

خىتاي دۆلىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭ 40 يىللىق ئىقتىسادى يۈكسىلىشىدىن كېيىن يۈز بەردى. بۇ 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا غەرب دۆلەتلىرى بۇ دۆلەت بىلەن ناھايىتى قويۇق ئىقتىسادى ئالاقىدە بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ ئىككى ئاساسى بولۇپ كەلگەن ئىنسانى ئەركىنلىك ۋە سودا ئەركىنلىكىنى دۇنياۋى تىنچلىقنىڭ ئاساسى دەپ قاراپ ئۇنى يەر-شارىدا كۆلەملەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى.

 

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن كوممۇنىزم ۋە كاپىتالىزم ئىدېئولوگىيە ئۇرۇشى ئامېرىكا باشلىق غەرب لاگېرىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا بولسا  خىتاينى ئىقتىسادى جەھەتتىن تەرەققىي قىلسا ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن غەربچە دېموكراتىيە يولىغا ماڭىدىغانلىقىغا ئىشەندى. شۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، خىتاي دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئىقتىسادقا تويۇنۇشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتتى. بۇ كۈتۈش ئامېرىكىنى ھەر يىلى ئىمپورت-ئېكسپورت ئىشىدا نەچچە يۈز مىلياردلىق قىزىل رەقەم بىلەن ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا بۇنى ۋاقىتلىق مەسىلە دەپ قاراپ، خىتايدىكى سىياسىي مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتتى. ئەمما خىتايدا بولسا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ دېموكراتىيەنىڭ ئەمەس، ئەكسىچە مىللەتچىلىك بىلەن يۇغۇرۇلغان غەربكە قارشى چۇقان كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ھەتتا خىتاي دۆلىتى ئىقتىسادى مەنپەئەتلەرگە چېتىپ خەلقئاراغا خىتايچە دىكتاتورا تۈزۈلمىسى ۋە ئىدېئولوگىيەسىنى ئېكسپورت قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋاللار غەربنى گاڭگىرىتىشقا باشلىدى. بىر ياقتىن ئىقتىسادى نەپ ئۈچۈن خىتايغا ئىنتىلسە يەنە بىر جەھەتتىن غەربچە قىممەت قارشىنى قۇربان قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ خىتايدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشقا باشلىدى.

مەزكۇر يازمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان رېئاللىقنى مىسال قىلىپ ئېلىپ، خىتاي كۈلتۈرىنى نۇقتىلىق يېشىپ بېرىش ئارقىلىق  ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى تەقدىرىنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ئەتىدىكى كۆرىدىغان كۈنى ئىكەنلىكىنى  يورۇتۇپ بېرىمىز.

 

  1. «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشىدىن» كۆرە خىتاي كۈلتۈرى

 

Semiol Xentingdon «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى(The Clash of Civilazation)» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇن، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا كۈچ سىنىشىدا ھەل قىلغۇچ ئامىللار دەپ قارىلىپ كېلىنگىنى، ھەربىي، ئىقتىساد قاتارلىق دۆلەت چېگراسىنى پاسىل قىلغان «قاتتىق كۈچ» لەردىن ئىبارەت ئىدى. سوغۇق ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن Hentingdon شۇنىڭدىن كېيىنكى خەلقئارادا بولىدىغان توقۇنۇشلارنى قاتتىق كۈچنى ئاساس قىلغان توقۇنۇشتىن، كۈلتۈر پەرقى ئاساسى سەۋەب قىلىدىغان چېگرادىن ھالقىغان توقۇنۇشلاردىن بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى ئۇزۇن ئۆتمەيلا رېئاللىقتا يۈز بېرىشقا باشلىدى. يۇگۇسلاۋىيەدەك بىر كىچىك دۆلەت دىن ۋە كۈلتۈر پەرقى سەۋەبلىك، نۇرغۇن خەلقىنىڭ ئۆلۈشى بەدىلىگە 5 كە پارچىلاندى. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دىن ۋە كۈلتۈر پەرقلىق توقۇنۇشلار ھازىرغىچە ئۈزۈلگىنى يوق.

 

ئەمما كۆپ ساندىكى تەتقىقاتچىلار بۇ نەزەرىيەنى خىتاي ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە تەتبىقلىمىدى، ئۇلارنىڭ كۆرۈۋاتقىنى ئىقتىسادى جەھەتتىكى پەرقلەر ئىدى. تاكى  Micheal Pillsbury خىتاي ۋە ئامېرىكىدا قولغا كەلتۈرگەن بىرمۇنچە مەخپىي ئارخىپلارنى يېشىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان «يۈز يىللىق مارافون(The Hundred year Marathon, by Micheal Pillsbury )» دېگەن كىتاب خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى باشقا بىر نۇقتىدىن، يەنى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كۈلتۈر ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ ھازىرقى سىياسىتىگە قانداق تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئاپتور مەزكۇر كىتابتا خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادتا قانچىلىك يۈكسەلسىمۇ، خىتايلارنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ھازىرقى زامان دېموكراتىك پرىنسىپلاردىن پايدىلىنىپ ئۆز خەلقىگە باراۋەر ھوقۇق بېرىپ تىنچ ياشاش ئەمەس، ئەكسىچە كۈچلەنگەندە دۇنياغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى، بۇنى كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 1949-يىلىدىن باشلاپ يۈز يىل ئىچىدە ئامېرىكىنى يېڭىپ دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پىلان قىلىپ، ھازىرغىچە شۇنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان.

 

مەزكۇر كىتاب ئامېرىكىلىق سىياسىيونلارنى خىتاينىڭ ئىقتىسادتا تويۇنۇپ سىياسىي ئەركىنلىككە مېڭىشىنى ساقلىغاچ كۆرۈۋاتقان شېرىن چۈشىدىن ئويغاتقان. بۇ ئىشقا قارتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ پوزىتسىيەسى ئالاھىدە جىددىي ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى پرېزىدېنتلاردىن پەرقلىق ئۇ ھەر ھالدا سايلامدا قىلغان ۋەدىسى بويىچە خىتاي دۆلىتىگە ئىقتىسادى ئۇرۇشنىڭ ئوتىنى ئاچتى. ترامپ بۇ قېتىم خىتاي دۆلىتىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇۋالغاندەك قىلاتتى. ”يۈز يىللىق مارافون“ دېگەن كىتابنىڭ ئامېرىكىنى قاتتىق چۆچۈتكەنلىكى ترامپنىڭ خىتاي سىياسىتىدىن كۆرۈۋالالايمىز.

 

ئۇنداق بولسا خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشىدىن ئەنسىرىشى كېرەكمۇ؟ بۇ دۆلەت قۇدرەت تاپسا ھەقىقەتەن پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلەمدۇ؟ خىتايلارنىڭ كۈلتۈرى ھەقىقەتەن تىنچلىقنى خالىمايدىغان كۈلتۈردىنمۇ؟ بۇ سوئاللارغا بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىقنى ئانالىز قىلغاچ جاۋاب بېرىمىز.

 

  1. ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەسى ۋە خىتاي كۈلتۈرى

 

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە كرىزىسىنى كوپ ساندىكى ئانالىزچىلار كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ بيۇروكرات رېجىمىدىن كەلگەن سىياسىي كرىزىسنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلى، خىتاينىڭ دېموكراتىيەگە ئۆتىشى بىلەن بۇ كرىزىس تۈگەيدۇ دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بىرىنچىدىن، خىتاي قاچان غەرب تۈسىدىكى ئىنسانلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان دېموكراتىيەگە ئۇلىشىدۇ بىز بىلمەيمىز؛ ئىككىنچىدىن، خىتاي دېموكراتىيەگە ئاتلىغان شۇ مەزگىلگە ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك بىر مۇستەقىل كىملىككە ئەگە توپلام سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ ئۇلىشالامدۇ بىز ئوخشاشلا بۇنىڭغا كېسىپ بىرنېمە دېيەلمەيمىز. چۈنكى ئاپتورنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە نوقۇل ھالدا كۈلتۈر ياكى سىياسىي ئاسسىمىلياتسىيە بولماستىن، بەلكى بىئولوگىيەلىك ئاسسىمىلياتسىيەدۇر.  بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيەنى تېڭىش بولسا خىتاي كۈلتۈرىنىڭ ماھىيىتى بولۇپ، بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيەنى جان-جەھلى بىلەن ئىجرا قىلغۇچىلار بولسا خىتاي زىيالىيلىرىدۇر.

 

خىتاي كۈلتۈرىدا زىيالىيلار تائىپىسى دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر توپلىمىدا كۆرۈلمەيدىغان بىر تائىپە. ئادەتتە زىيالىي ئۇقۇمى مەلۇم جەمئىيەتتە بىلىم قۇرۇلمىسى يۇقىرى، ئەركىن تەپەككۇر ۋە مۇستەقىل خاراكتېرگە ئەگە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ بىرى، ئۆز كۈلتۈر ۋە توپلىمىغا بولغان تەنقىدىي پوزىتسىيەسى بولۇپ، بۇ خىل تەنقىدىي پوزىتسىيە خۇددى ئاغرىقنى داۋالايدىغان دوختۇرغا ئوخشايدۇ. ئەمما خىتايدا خىتاي زىيالىيلىرى مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشى پەقەت ئىمتىھان بېرىپ ئەمەلدارلىققا تاللىنىش ۋە ھۆكۈمرانغا سادىق بولۇش ئارقىلىق ئۆز نوپۇزى ۋە بايلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ۋە پۇرسىتى كېلىپ قۇدرەت تاپسا ئۆزى ھۆكۈمران بولۇش. بۇ خىتايدا ئەمەلدار تاللاش ئىمتىھانى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 1400 يىل ئۆتۈپ تا ھازىرغىچە خىتاي جەمئىيىتىدە  داۋاملىشىۋاتقان بىلىم ئىگىلەشنىڭ تۈپ ماھىيىتى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.  خىتايدا ئاۋام پۇقرا ئارىسىدا مۇنداق گەپ بار:“ خىتايدا ئىككىلا تۈرلۈك ئادەم مەۋجۇت بولۇپ، بىرى تەختىراۋاندا ئولتۇرغۇچىلار قالغىنى بولسا تەختىراۋان كۆتۈرگۈچىلەردۇر“. شۇ سەۋەبتىن خىتاي خەلقى ئىمتىھان ئۈچۈن تىرىشمىغان بالىسىغا بېرىدىغان تەربىيەسى بولسا “ تىرىشىپ ئوقۇمىساڭ تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى بولىسەن“ دېيىش.

 

ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئەمەلدار بولۇش پەقەت ئىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بىر ئەمەلدار بولغان خىتاي زىيالىيسى بىر ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ئوخشىمىغان مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىگە ئارىلاشمىسا يۇقىرى ئۆرلەش تۈگۈل بار بولغان مەنسىپىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلدار سورۇنىدىكى كۆرەشكە ئىشلىتىش خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ كەسپى بولۇپ قالغان. ئۇلار ئۆزى كۈچەپ ھوقۇق مەنسەپ ئۈچۈن كۆرەش قىلغاندىن سىرت، ئەتراپىغا ئىشەنچلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى يىغىپ گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق بىر-بىرى بىلەن تىركەشكەن. ئۆزى ئېلىشقا كۆزى يەتمىگەن ئورۇنغا بولسا ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن «ئىقتىدارلىق» دەپ قارىغان زىيالىيلارنى ئەڭ تۆۋەن قاتلامدا بولسىمۇ ئىزدەپ تېپىپ، شۇلارغا دەسمايە سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۇستىدىكى مەنسەپكە يۆلەپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى ساقلىغان. Song Ping نىڭ Hu Jin Tao نى يۆلەپ ئاخىرى باش رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.

 

خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان ئەمەل سورۇندىكى ھىيلە-مىكىرلىرى ۋە «ئەقىل-پاراسەتلىرىنى»»  ئەڭ ئەينەن ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغىنى تەخمىنەن بۇندىن 100 يىل بۇرۇن خىتاي زىيالىيسى  Li Zong Wu تەرىپىدىن يېزىلغان «قارا قېلىن پەلسەپىسى[厚黑学]» ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور بىر خىتاي زىيالىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي تارىخىنى يەكۈنلەپ، خىتاينىڭ 24 تارىخىدىكى مەيلى «خەلقپەرۋەر ھۆكۈمران» بولسۇن ۋە ياكى «ۋەتەن سۆيەر قەھرىمان» بولسۇن ھەممىسىنىڭ ياكى كۆڭلى قارا ياكى يۈزى قېلىن كېلىدىغانلىقىنى، خىتاي كۈلتۈر دائىرىسىدە چوڭ بولغان ھەر قانداق شەخسنىڭ كۆڭلىگە پۇتكەن مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ قارا، يۈزىنىڭ قېلىن بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى يازغان. ئۇ ئۆز كىتابىدا يەكۈنلەپ خىتاي تارىخىدا بارلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ قارىلىق ۋە قېلىنلىقنىڭ دەرىجىسىگە قارىتا ئۆز ئۇتۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، قارا ۋە قېلىنلىقتا پەللە بولۇپ ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى «قارلىقتا رەڭسىز، قېلىنلىقتا سۈزۈك[黑而无色,厚而透明]» بولۇش كېرەكلىكىنى، يەنى يۈرىكى قارا بولسىمۇ ئۇنى باشقىلارغا ھەرگىز بىلدۈرمەسلىك، قارا يۈرگىنى ياخشى ئىشلار بىلەن يوشۇرۇپ ھەرقانداق بىر ئىنساننى ئالدىيالايدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى، يۈزى قېلىن بولسىمۇ باشقىلارغا ئۇنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزنى ئاق كۆڭۈل، كۆڭلى يۇمشاق پەرىشتە قىلىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش كېرەكلىكىنى يەكۈنلىگەن. كېيىنكىلەر بۇ كىتابنى قايتا نەشرگە تەييارلىغاندا Mao Ze Dong نى قارا قېلىن پەلسەپىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالىغان دەپ باھا بەرگەن. بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىمۇ بۇ كىتاب ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى ئىش قىلىش پىرىنسىپىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن دەپ قارايدۇ. بىز خىتاينىڭ دۇنياغا داڭلىق «36 تەدبىر» نى ئانالىز قىلىپ كۆرسەكلا، باشقا ئىنسانلار توپلىمى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كۈلتۈرىدا ئىنسانلىقنىڭ ئاساسىي دەپ ئىتراپ قىلىدىغان ئادىمىيلىكنى ھۆرمەتلەش، ياخشىلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئېتىقاد قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايدا پەقەت ئەمەلدار سورۇنىدىكى زىيالىيلارنىڭ بىر-بىرىنى پۇتلاش ۋە يىقىتىش ۋە ئۆز يۈرىكىدىكى قارا كۆڭۈل پەلسەپىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان ۋاسىتە ۋە ياكى قورال ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. Xi Jing Ping دەل «قارا كۆڭۈل پەلسەپىسى» نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكۈزگەن ۋە ئەمەلىيىتىدە شۇ ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغان بىر خىتاي زىيالىيسى.

 

  1. خىتاي كۈلتۈرىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ

 

بۇ يەردە خىتاي زىيالىيلىرىنى شۇنداق قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىرىۋاتقان شۇ كۈلتۈر ھادىسىسىنى ئانالىز قىلىش تولىمۇ مۇھىم. ئادەتتە خىتاي كۈلتۈرى ئۆزىنىڭ سۈمۈرۈش  ۋە ئاسسىمىلياتسىيە كۈچىنىڭ زورلۇقى بىلەن كۆپلىگەن خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.  بولۇپمۇ قايسى دۆلەتتە بولسۇن «تاڭلىقلار كوچىسى» دېگەن يەرگە بارسىلا ئۇ يەردىكى مەينەتچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىق ئادەمنى خۇددى خىتاينىڭ بىر شەھىرىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. خىتاي خەلقىنىڭ دۇنيانىڭ نەرىگە كۆچسۇن ئاسان ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە يەرلىك جەمئىيەت ۋە كۈلتۈرگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز،كۆرىمىز. بىر تىپىك مىسال شۇكى، خىلى يىللار بۇرۇن ئامېرىكىدا كىشىلەر تاللا بازىرىدا مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئالغاندا قولغا چىققاننى ئالدىغانلىقىنى، ئىلغاپ-تاللاپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما كېيىن خىتايلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ شۇلارنى دوراپ ھەممە نەرسىنى تۇتۇپ، تىلغاپ، تاللاپ ئالدىغان يەرلىكلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى دەل خىتايلارنىڭ چەتئەلدىكى تور بەتلىرىدىكى يازمىلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋايساشلىرىدىن ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. خىتايدىكى مىللەتلەر مۇستەقىل تىل ۋە ئېتنىك كىملىكى بىلەن 56 گە ئايرىلغان بولسىمۇ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل كىملىكى بار خىتايدىن باشقا چوڭ مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرلا قالدى.

 

خىتاي كۈلتۈرىدىكى بۇنداق سۈمۈرۈش كۈچنىڭ يادروسى زادى نېمە دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما نوپۇزلۇق خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بۇنى خىتاي يېزىقىغا باغلايدۇ. خىتاي يېزىقى ھازىرقى دۇنيادا بىردىن-بىر ئىستېمالدىن قالمىغان مورفېما يېزىقى(شەكلى ئۆزگەرگەن ئەرگولوف يېزىقى دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق) بولۇپ، بۇ خىل يېزىق شەكلى ئىنسان تەپەككۇرىنى مەلۇم بىر كاتېگورىيە ئىچىدە قۇلۇپلاپ تۇرىدۇ.  چۈنكى ئۇيغۇرچە ۋە ياكى ئىنگلىزچە تىللاردا مەلۇم ساندىكى ھەرپنى ئۆگىنىپ بولۇپ گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە ھەرپلەر قوشۇلۇپ سوز، سوز قوشۇلۇپ جۈملە بولىدۇ. يەنى، ھەرپ يېزىقى ئىشلىتىدىغان ئىنسانلار ھەرپ ئۆگىنىپ بولۇپلا ئابستراكت سۆزلۈكلەرنى يازالايدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئەمما خىتاي تىلىدا ھەرپ مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ھەر بىر تاق سۆزلۈكنى ئىپادىلەيدىغان خەت بار، خىتايلار بۇ خەتلەرنى (سۆزلۈكلەرنى) بىردىن-بىردىن تەقلىد قىلىپ يېزىشنى (توغرىسى سىزىشنى ياكى ياساشنى) ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئۆگىنىشتە تەقلىدچىلىك ئاساس ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ يېزىق ئارقىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرگەن ئىنسان ئابستراكت تەپەككۇرغا ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن «ئىشچان خىتاي خەلقىنىڭ باشقىلار ئىجادىيىتىنى ئەينەن تەقلىد قىلىپ ياسىيالايدىغان» ئەمما ئۆز ئىختىراسى ئىنتايىن ئاز بولۇش سەۋەبىنى بىزگە يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ خىل يېزىقنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن كۈلتۈر ئىنساننىڭ ئىنسانىي ھۆرلۈك ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىشىنى زىيانلىق دەپ تەرغىب قىلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتىن ئىنسانغا «مېنىلا تەقلىد قىل، يېڭىلىق ياراتما» دەيدىغان تەلىماتنى تاڭىدۇ.

 

ئادەتتە كۈلتۈر ۋە ئىدېئولوگىيە شۇ ئىنسان توپىنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل كۈلتۈر ۋە ئىدېئولوگىيە داۋاملىق ئۆز ئىچىدىن ياكى سىرتتىن باشقا كۈلتۈرلاردىن ئۆزۇق ئېلىپ تولۇقلىنىپ تۇرۇشى، ئەكسىچە شۇ ئىنسان توپلامنىڭ تەرەققىياتىنى بوغقاندا بولسا جىددىي ئىسلاھات قىلىنىشى ياكى ئىستېمالدىن قېلىشى كېرەك. بۇ يەردە بىز كېسىپ ئېيتالايدىغان بىر يەكۈن شۇكى، كۈلتۈر ئەزەلدىن ئىنسان تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئۇ ئىنسان (توپلىمى) غا بويسۇنۇشى كېرەك. بۇ تارىختىن بۇيانقى ئىنسانىيەت تەرەققىيات داۋامىدىكى كۈلتۈر بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى.

 

ئەمما خىتاي جەمئىيىتىدە بولسا ئىنسان توپلىمى بۇ كۈلتۈر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، يەنى كۈلتۈرنىڭ قۇلى بولۇش ھېسابىغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام ئېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي جەمئىيىتىدە ئەزەلدىن دىن، يەنى ئىنساننى ياراتقان بىر تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنى تەرغىب قىلىدىغان ئېتىقاد ياكى ئىدېئولوگىيە مەۋجۇت بولمىغان ھەم مەۋجۇت بولۇشىغىمۇ يول قويۇلمىغان. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى، دەل خىتاي كۈلتۈرى ئەنە شۇ ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىدە. ئۇ مەيلى ئۆز ئىچىدىن چىققان بولسۇن ۋە ياكى چەتتىن كىرگەن بولسۇن، ئەزەلدىن دىنىي ئېتىقادنىڭ يىلتىز تارتىشىغا ۋە تارقىلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. خىتاي كۈلتۈرىدىكى ئۆز ئىچىدىن يارىتىلغان Tawism تەلىماتىنىڭ بوغۇلۇشى ۋە تەڭ دەۋردىكى Kong Zi تەلىماتىنىڭ كېڭىيىپ ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيە بولۇپ قېلىشى شۇنىڭ تىپىك مىسالى. Kong Zi تەلىماتنىڭ كېڭىيىشىدىكى تۈپ سەۋەب بولسا، دەل بۇ ئىدىيە بىلىمى بار كىشىلەرنى ھۆكۈمران ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەرغىب قىلىپ، ھۆكۈمران تەبىقىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن بولغان.  شۇ سەۋەبتىن خىتاي كۈلتۈر چەمبىرىكى ئىچىدە خىتاي خەلقىنى «تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇچى ۋە ياكى تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى» دېگەن ئىككىلا تائىپىگە ئايرىپ، بىر-بىرىگە بېقىنىپ ياشايدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن. ھوقۇق تۇتقان خىتاي زىيالىيلىرى بولسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى «پەلسەپىۋى ئاساس» لار بىلەن قوللايدىغان بۇ كۈلتۈرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرغىب قىلىپ،  ئۇنى قوللاپ كەلگەن.

 

بۇ خىل ئەھۋال بۇ خىل كۈلتۈرنىڭ قوللىشى بىلەن ھۆكۈمران ئورنىغا ئوتكەن خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئېنىق بولۇپ،  بۇ كۈلتۈرگە ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق شەيئى مەۋجۇت بولماسلىقى، يەنە ئوچۇقراق ئېيتقاندا «ئەركىن پىكىر ۋە مۇستەقىل خاراكتېر» مەۋجۇت بولماسلىقى، بولۇپمۇ «ياتلار» بۇ كۈلتۈر ئىچىدە مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك. بۇ بىزگە نېمە ئۈچۈن خىتايلار تارىختىن بېرى ئۆز ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا كەلگەن ئۆزگىچە ئىنسان توپلىمى ياكى كۈلتۈرنى ”ياتتىن“  ”ئۆزىگە“ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنە خىتاي زىيالىيلىرى تارىختىن بېرى تەكىتلەپ تۇرىدىغان «ئۆزى ياتنىڭ كۆڭلى يات[非我族类,其心必异]» دەيدىغان چۈشەنچىسىدىن بۇ كۈلتۈرنىڭ «ياتلار» دىن قورقىدىغان، «ياتلار» نى پاتۇرمايدىغان ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنەلەيمىز.

 

خىتاي كۈلتۈرىنىڭ ئۆز يېزىقىدىكى بۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئۆزۇق ئالغان تەپەككۇرى بويىچە، ئۆزىگە ئۇلاشقان ياكى ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ياكى كۈلتۈرنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ئاخىردا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ كەلدى. بۇ قانداقتۇر خىتاي كۈلتۈرى باشقا كۈلتۈرلاردىن ئەۋزەل ۋە ئالىي بولغانلىقىدىن ئەمەس. ئەڭ مۇھىم سەۋەب، خىتاي كۈلتۈر جەمئىيىتىگە ھۆكۈمران بولغان يات تائىپە ۋاقتى كەلگەندە ئۆز ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىق تالىشىش كۆرەشلىرىدە كىم خىتاي كۈلتۈرىدىكى ھىيلە-مىكىر رەزىللىكنى قانچە ۋايغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنسە ۋە ئىشلىتەلىسە، شۇ تەخت تالىشىش كۆرىشىدە يېڭىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. ئۇلار شۇنداق بىر ئىچكى سەۋەبتىن خىتاي كۈلتۈرىغا ئەگەشكىنىدە ئۆزلىرىمۇ بۇ كۈلتۈرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ۋە ئاخىردا پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى موڭغۇللار ۋە مانجۇلاردۇر.  ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۆكۈمران بولغان موڭغۇللار ۋە مانجۇلارنىڭ بۆلىكى شۇ پېتى ھۆكۈمران قاتلىمىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان موڭغۇلىيە(خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىچكى موڭغۇل) ۋە مانجۇرىيە خىتاينىڭ ئاھالە كۆچۈرۈش تاكتىكىسى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى.  مانجۇرىيەنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغان شەخس بولسا 1911-يىلدىكى Shin Hai ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقى-شىمالنى قولغا كىرگۈزۈپ يەرلىك پادىشاھ بولغان چوڭ مىلىتارىست Jang Zuo Lin بولۇپ، ئۇ شەرقى-شىمالغا ئىچكىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ مانجۇلارنى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئاخىردا شەرقى-شىمالنىڭ پۈتۈنلەي خىتايلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن بىز خىتاي كۈلتۈرىدە قايسى زامان، قانداق خىلدىكى ھۆكۈمران بولسۇن، خىتاي زىيالىيسىلا بولىدىكەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ياتلارنى يوقىتىش ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بۇنى خۇلاسىلىگەندە خىتاي كۈلتۈرىنىڭ يۈكسىلىشى پەقەت ئۆزگە كۈلتۈر توپلاملىرىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئارقىلىق ئىشقا ئېشىپ كېلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەسى ئەمەلىيەتتە خىتاي كۈلتۈرىدە بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ خۇددى پىلە قۇرتى يوپۇرماق يېگەندەك ئاستا-ئاستا پۈتۈن دۇنياغا قاراپ كېڭىيىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

 

  1. خىتاي كۈلتۈرىنىڭ ماھىيىتى ئىنسانلىققا خاتىمە بېرىش

 

خىتاي كۈلتۈرى ئىنسان پسىخىكىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ دىننى ئىنكار قىلىدىغان بۇ كۈلتۈر تەربىيەلەپ چىققان خىتايلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئانالىز قىلساق، بۇ كۈلتۈردە يۇيۇنۇپ چىققان ئىنسان يۈكسەلگەندە ئۆزنى ياراتقۇچى ئورنىغا قويۇپ خۇدىنى بىلمەي قالسا، گۇمراھلىققا يۈزلەنگەندە بولسا ئىتتەك خارلىنىپ قۇلدەك ياشاپ ئۆتۈشكە تەييار.  خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى «مەرد-ئەزىمەتلەر»، «جاھانكەزدى قەھرىمانلار» نىڭ مەرد- باتۇر ئاتىلىش تارىخىنى يېشىپ كۆرسەك، ئۆزگە كۈلتۈر قاراشلىرىدا مۇناپىقلىق، قورقۇنچاقلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆلچەملەر خىتاي كۈلتۈرىدە ئۇنىڭ ئەكسىنى بىلدۈرىدۇ. Jin Yang  داۋىنىدا يولۋاسنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرگەن Wu Song نىڭ ئەمەلىيەتتە ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ خۇدىنى بىلمەي يولۋاسنى مۇشتلاپ قويغانلىقىنى، مەستلىكتىن يېشىلىپ ئويغىنىپ يېنىدا ياتقان ئۆلۈك يولۋاسنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكى «سۇ بويدا» رومانىدا بار. يەنە ئەينى كىتابتا شۇ باتۇرلار چوقۇنۇپ ئۆزلىرىگە ئاتامان سايلىغان «شىپالىق يامغۇر» سۈپەتلىك Song Jiang نى ئېلىپ ئېيتساق، شۇنچە كوپ باتۇر چوقۇنىدىغان بۇ قەھرىمان يامۇلدىن تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەنلەردىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن ساراڭ بولۇۋېلىپ ئازگالدا نىجاسەت يېگەن. «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسە» رومانىدا بولسا Cao Sao ئۆيىگە كەلگەن ئەزىز مېھماننى كۈتۈشكە ئۆز خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈپ غىزا ئەتكەن. باشقا كۈلتۈر بۇنى شەرەپسىزلىك، نومۇسسىزلىق دەپ بىلگەن بىلەن، خىتاي كۈلتۈرىدە بۇ ۋاسىتە تاللىماسلىق بىلەن مۇددىئاسىغا يەتكەن ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ.

 

خىتاي دۆلىتى 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتى(WTO) غا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىردى. بۇ تەشكىلاتقا كىرىپ ئەۋزەل سودا ئىمتىيازىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، خىتاي دۆلىتى 15 يىل مۇددەت ئىچىدە سودا تەشكىلاتنىڭ قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھالدا ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىدىكى ئىسلاھات ۋە مەلۇم دائىرە ئىچىدىكى پۇقرا ھوقۇقىغا ئالاقىدار سىياسىي قانۇن ئىسلاھاتلىرىنى پۈتتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن باراۋەر ھوقۇققا مۇناسىپ ھالدا باراۋەر مەجبۇرىيەتلەرنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار بولۇش ئىدى. ئەمما سودا تەشكىلاتىغا كىرىپ نۇرغۇن ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن خىتاي بولسا ئۆزى بەرگەن ۋەدىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى ئەمەلىيلەشتۈرمەيلا قالماستىن، ئۆزىنىڭ قائىدىلىرىنى ھەر خىل يوللار بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا تېڭىشقا باشلىدى. غەرب  دۆلەتلىرى بولسا خىتاينىڭ بۇ خىل مۇئامىلىسى ئالدىدا گاڭگىراپ قالدى. چۈنكى سودا تەشكىلاتىنىڭ ئاساسى باراۋەر ئەركىن رىقابەت قىلىش ئارقىلىق بىر گەۋدە ئىچىدە ئىقتىسادى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. خىتاينىڭ رىقابەتنى قانداق چۈشىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە قانداق سۇيىئىستېمال قىلىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي كۈلتۈرىنى ئانالىز قىلسا مانا مەن دەپلا ئاشكارا بولىدۇ.

 

خىتاينىڭ سودا ئالاقىسىدىكى بۇ خىل مۇئامىلىسىنى ئۇلارنىڭ «36 تەبىرى» دىنمۇ بىلەلەيمىز. بۇنىڭدىن 2مىڭ يىل بۇرۇنقى «ئەمىنىيە-يېغىلىق دەۋرى» دە يېزىلغان ھەربىي تاكتىكا دەستۇرى بولغان 36 تەبىرنىڭ خىتاي كۈلتۈرىدىكى تەسىرى ناھايىتى چۇڭقۇر. خىتاي دۆلىتىدە بۇ كىتابنى خىتايلار ئاۋام خەلقتىن مەنسەپدارلارغىچە، شەخسى مۇناسىۋەتلىرىدىن، دۆلەت دىپلوماتىيەسىگىچە ئۆزلەشتۈرگەن. بۇ 36 تەبىر ئىچىدە «بەيگە ھىيلىسى(田忌赛马)» دېگەن بىر تاكتىكا بار. بۇ تاكتىكىنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇنداق، Tianji دېگەن گېنېرال خان بىلەن دائىم ئات بەيگىسى قىلىدىكەن. ئات بەيگىسىنىڭ قائىدىسى بولۇپ، كېلىشىم بويىچە ئىككى تەرەپ ئاتلارنى تېز يۈگۈرىدىغان، ئورتا ھال يۈگۈرىدىغان، ياخشى يۈگۈرەلمەيدىغان قىلىپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ، ئوخشاش دەرىجىدىكى  ئاتلارنى بەيگىگە سېلىشنى شەرت ئىكەن. گېنېرال Tianji نىڭ ئاتلىرى ئومۇمى سۈپىتى خاننىڭ ئاتلىرىدىن تۆۋەن بولغاچقا ھەر قېتىملىق ئات بەيگىسىدە يېڭىلىپ قالىدىكەن. بىر قېتىم Sun Wu ئىسىملىك بىر ھەربىي ئىشلار مۇشاۋىرى Tianji گە ھىيلە ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئاتلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ بىرىنچى دەرىجىدىكى ئاتلىرى بىلەن بەيگىگە سېلىپ يېڭىلىش، ئاندىن ئۆزىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ئاتلىرىنى قارشى تەرەپنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئېتىغا، ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاتلىرىنى بولسا قارشى تەرەپنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئېتى بىلەن بەيگىگە سېلىشنى تەكلىپ قىلىدىكەن. Tianji بولسا مۇشاۋىرنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ ئىككى مەيدان ئۇتۇپ بۇ بەيگىدە يېڭىپ چىقىدىكەن. گېنېرال بولسا بەيگىدىكى قائىدىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى بۇزۇش ھېسابىغا بۇ بەيگىدە يېڭىپ چىقىدۇ.  بۇ  ھېكايە خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى قالايمىقان قىلىپ يۈرۈشنىڭ سەۋەبىنى، يەنى باراۋەر رىقابەت قىلىشنى خالىمايدىغان، ئەركىن باراۋەر رىقابەتتىمۇ راستچىل بولماي ھىيلە ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن مىجەزىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تولۇق ئېچىپ بېرەلەيدۇ. سودا تەشكىلاتىغا كىرىپ 15 يىلغىچە قائىدىگە چۇشلۇق ئۆزگىرىش ياساشقا ۋەدە بەرگەن خىتاي دۆلىتىدە ئىشلار ئەكسىچە ئىدى. خىتاي دۆلىتى مەبلىغىنى، تېخنىكىسىنى كۆزلەپ، چوڭ ۋەدىلەر بىلەن ئەكەلگەن چەتئەل شىركەتلىرى، ئېنىق بولمىغان توختاملار ۋە ئىككى بىسلىق ئېغىزاكى سىياسەتلەردىن قايمۇقۇپ، تاپاۋىتى ئازلاپ بارماقتا ئىدى. چەتئەل شىركەتلىرى ئۈچۈن ئەڭ قىيىن بولىدىغىنى ئۆز شىركىتىنىڭ تېخنىكىسى ئىدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن چەتئەل شىركەتلىرى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئۆز تېخنىكىسىنىڭ مەلۇم قىسمىنى شېرىك بولغان خىتاي شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك بولسىمۇ، بۇ تېخنىكىلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتىشىگە ھېچقانداق ۋاقىت كەتمەيتتى. چەتئەل شىركەتلىرى يېڭى بىر تېخنىكىلىق مەھسۇلاتنى تېخى بازارغا سالماي تۇرۇپ، بۇ مەھسۇلات ياكى تېخنىكا خىتاي بازىرىغا خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ سېلىنىپ بولاتتى. ئوخشاش تېخنىكىلىق مەھسۇلات خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىلغاچقا، چەتئەل شىركەتلىرى بازىرىدىن ناھايىتى تېزلا ئايرىلىپ قالاتتى.  يالغۇز ئامېرىكىلا بۇ خىل ئەقلى مۈلۈكنىڭ قوغدالماسلىقىدىن تارتىۋاتقان زىيىنى يىلىغا 600 مىليارد دوللاردىن ئاشقان ئىدى. خىتايدا ئىشلارنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنماسلىقىدىن زىيان تارتىۋاتقان ۋە رىقابەت بوشلۇقى بارغانسېرى تارلىشىپ بېرىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئەرزلىرىگە غەرب دۆلەتلەر مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۇسۇلى تاپالمايۋاتقاندەك ئىدى. ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى قوزغىشى ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكىنىڭ سەۋرى قاچىسىنىڭ توشقانلىقى ۋە خىتايلارنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

 

  1. خۇلاسە

 

خىتاي كۈلتۈرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە كۈچى ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئىشلىمەي قالغان ئىدى. چۈنكى 2000 يىللىق توقۇنۇش ۋە قوشنا بولۇپ ياشاش جەريانىدا ئەسلىدىلا كۈلتۈر ئاساسى چوڭقۇر بولغان ئۇيغۇرلاردا خىتاي كۈلتۈرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە كۈچىگە قارتا كۈچلۈك ئىممۇنىتېت پەيدا قىلغان ئىدى. 1949-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز كۈلتۈرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە كۈچىگە تولۇق ئىشىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار يەنىلا ئۆزىنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە شۇنىڭدەك باشقا خاس كۈلتۈرىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولماسلىقى خىتايلارنىڭ غەربكە قاراپ داۋاملىق كېڭىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇ يەرلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانلىرىنى زور دەرىجىدە كەچۈرمەكتە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي دۆلىتى جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قاماش ئارقىلىق، چوڭ ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ئۆلۈمىنى تېزلىتىش، ياشلارنى بىۋاسىتە جىسمانىي جەھەتتىن  يوقىتىش، قىز ئاياللارنى خىتايلار بىلەن توي قىلدۇرۇش ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇش، ئۆسمۈر بالىلارنى ئۇيغۇر تىلى، دىنى، ۋە كۈلتۈرىنى ئۆگىنىش مۇھىتىدىن ئۈزۈپ ئايرىپ خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىراۋاتاتتى. ئۇچۇر دەۋرى دېيىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە خىتايلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى، خىتاي كۈلتۈرىنىڭ ماھىيىتى ھامان دۇنياغا ئاشكارا بولاتتى. شۇنىڭدىن بۇرۇن قانچىلىك دەرىجىدە يۇتۇۋالسا شۇنچىلىك كېڭىيىۋېلىش يەنىلا تارىختىن بېرى خىتايلارنىڭ كۈلتۈرى ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر تاكتىكا ئىدى.

 

ئەمما بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرىغا سولىنىش خەۋىرى دۇنيانى ئۇنچىۋالا چوڭ غۇلغۇلىغا سالالىغىنى يوق.  چۈنكى دۇنيا خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان يوقىلىش خەۋپىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى تېخى چۈشىنىپ يەتكىنى يوق. ئىنسانلار ئۆزلىرى ھازىرغىچە نۇرغۇن قانلىق تەجرىبە ساۋاقلار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئىنسانى ئەركىنلىك ۋە ئۇنى قوغدىيالايدىغان دېموكراتىك تۈزۈلمىلەرنىڭ ماھىيەتلىك دۈشمىنىڭ خىتاي كۈلتۈرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇپ يېتەلەيدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىمۇ قۇرۇپ كەتمەي، ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمىز.

 

ئىزاھات:

 

[1] ئاسسىمىلياتسىيە ئۇقۇمى ئەسلىدە بىئولوگىيە ئىلمىدىكى كەسپىي ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم تۇردىكى جانلىقلارنىڭ نوقۇل بىئولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقا بىر تۇردىكى جانلىققا شەرتسىز قوشۇلۇپ كېتىشىنى يەنى ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كۆرسىتەتتى. بۇنى كېيىن جەمئىيەتشۇناسلار كۆچمەنلەر ۋە دىئاسپورا بىلەن ساھىبخان جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتا مېتود قىلىپ قوللانغان.

 

[2] خىتاينىڭ سابىق رەئىسى Hu Jin Tao ئاينى يىللاردا گەنسۇ ئۆلكىسىدە مەلۇم ئورگاننىڭ كاتىپ خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقىنىدا شۇ مەزگىلدە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان دۆلەت قۇرغۇچىلار قاتارىدىكى Song Ping نىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن. شۇندىن كېيىن Song Ping ئۇنى قوللاپ مەركەزگە كىرىشىگە، Jiang Ze Min، Ding Shiao Ping نىڭ ئىشەنچىدىن قالغاندا Hu Jin Tao مۇددەتتىن بۇرۇن باش رەئىسلىك نامزاتى بولۇپ Song Ping نىڭ قوللىشى بىلەن Ding تەرىپىدىن بېكىتىلگەن.

 

بۇنداق قىلمىشلارغا قارتا ئەقىللىق خىتاي خەلقىنىڭ جاۋابى ھەر دائىم تەييار ئىدى. ئۇلار بۇ خىلدىكى قىلمىشلارغا قارىتىلغان تەنقىدلەرگە قارتا مۈرىسىنى چىقىرىپ «چوڭ ئورماندا ھەر خىل قۇش(林子大了,什么鸟都有)» دېيىشىدۇ. بۇ ئىدىئوم كۆپىنچە جەمئىيەتتە ئادەتتىكىدىن پەرقلىق ئىنسانلارنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەتكۈچىنىڭ نېمە مەقسەتتە بۇ سۆزنى ئىشلىتىشى، ئەمەلىيەتتە خىتايدا ئاۋام خەلقتىن ئەمەلدارغىچە ئىنسان جەمئىيىتىدىكى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىش پسىخىكىسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

Share
1550 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.