logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسچىتلەر «خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيۈش» كە مەجبۇرلانماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلار دىيارىدا جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى سىياسىي پائالىيەتنىڭ ھازىر مەسچىتلەرگە سوزۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جايلاردىكى مەسچىتلەردە «خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيۈش» تەلەپ قىلىنىشقا باشلىغان.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ تىپىك ئىنكاسلىرىدىن بىرى، ھازىر ھەرقايسى جايلاردا مەجبۇرىي يوسۇندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتلىرى بولماقتا. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ھەمدە مائارىپ سىستېمىسى بۇ «تەشۋىقات ئۇرۇشى»نىڭ ئەڭ نازۇك ھالقىلىرى بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىكى مۇقەددەس ئورۇنلاردىن سانىلىدىغان مەسچىتلەرنىڭمۇ ھازىر بۇ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ سىرتىدا قالمىغانلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. بۇ خىلدىكى غۇلغۇلىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەسچىتلەرگە خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش ھازىر ئومۇملىشىپ بولغانلىقى مەلۇم. ئەمدىلىكتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقىنى، ھازىر جايلاردىكى مەسچىتلەردە كوممۇنىستىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشى بولۇپ، ئۈرۈمچى داۋەن مەسچىتىدىكى تۇڭگانلارنىڭ مەسچىتتە بايراق چىقىرىش پائالىيىتىنى بۇ ئەھۋالنىڭ مەركىزىي شەھەردىكى ئەڭ روشەن تەسۋىرى دېيىشكە بولىدۇ.

ھالبۇكى، مەسچىتلەرنى بۇ خىلدىكى «قىزىل تەشۋىقات» سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش يالغۇز مەركىزىي شەھەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق. يېقىندا قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى «جامە چوڭ مەسچىتى»گە ئېسىلغان «پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» دېگەن چوڭ لوزۇنكا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئاتېئىزملىق تەشۋىقاتنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى روشەن دەرىجىدە نامايان قىلدى.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىق جامە مەسچىتى 1990-يىللارغا قەدەر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ شۆھرەتلىك دىنىي ئالىملاردىن بولغان ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم دىنىي پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولغان جامە ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆپلىگەن زورلۇق ھەرىكەتلىرىنى مۇشۇ كىشىنىڭ دىنىي تەشۋىقاتلىرىغا باغلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەزكۇر جامەنىڭ ئۆتكەن يىلقى ۋە بۇ يىلقى رەسىملىرى بولسا بۇ خىل ئۆزگىرىشنى تولىمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز قاغىلىق جامەسىگە بۇ خىل كوممۇنىستىك تەشۋىقات لوزۇنكىسى ئېسىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن، ئاۋۋال قاغىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان خىتاي كادىر بىزنىڭ قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ جامەگە «پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش» دېگەن مەزمۇندىكى چوڭ لوزۇنكا ئېسىشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇنىڭغا خەلقنىڭ قانداق ئىنكاستا بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى ئاڭلىغان ھامان، بۇ ئىشقا ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇل ئەمەسلىكىنى، بۇ ئىشلارنى باشقا ئورۇنلاردىن سوراپ بېقىشىمىزنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

كۆپ تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق بىز، قاغىلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل خىتاي كادىرى بىلەن سۆزلىشىپ باقماقچى بولدۇق. ئەمما بۇ خىتاي كادىر، بىزنىڭ قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ جامەگە ئېسىلغان تەشۋىقات لوزۇنكىسى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بىزنىڭ قەيەردىن تېلېفون قىلغانلىقىمىزنى سورىدى. بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىن تېلېفون قىلغانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھاللا بۇ خىل سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە بولمايدىغانلىقى ئېيتتى.
كېيىن بىز، قاغىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، تېلېفوننى ئالغان خىزمەتچى خادىم بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز ناھىيە بازىرىدىكى دۇكانلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، مەلۇم بىر دۇكاننىڭ ئىگىسى ناھىيە بازىرىدىكى چوڭ جامەگە بىرەر ئاي ئىلگىرى مۇشۇنداق بىر ۋىۋىسكا ئېسىلغانلىقىنى، بۇنى تېخى يېقىندا كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.
بىز قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ لوق يېزىسىدا بۇ خىل تەشۋىقات ئەھۋالىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان خادىم مەسچىتلەرگە «قىزىل لوزۇنكا» ئېسىش ئەھۋالىنىڭ بۇ يېزىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، يېزىدىكىلەرنىڭ ھەر دۈشەنبە كۈنى يىغىلىپ، خىتاي دۆلەت بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، مۇراسىمدىن كېيىن بىرلىكتە «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايدۇ» دېگەن ئىنقىلابى ناخشىنى ئېيتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىق ناھىيەسىدە 2010-يىلىدىن بۇيان كۆپ قېتىم زورلۇق ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، شۇ قېتىملىق ۋەقەلەردە ئونلىغان كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مەلۇم.

Share
1104 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.