logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ئەڭ

Abduveli Ayup

ئابدۇۋىلى ئايۇپ

ۋەتەندىكى چاغلىرىمدا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ «ئامېرىكىلىقلار ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ» دەپ يازغىنىنى ئوقۇغان ئېدىم. شۇچاغدا كۆڭلۈمگە «ئۇيغۇرلار كىم ئۈچۈن ياشايدىغاندۇ؟» دىگەن سۇئال كەلگەن ئىدى. مەزكۇر ئۇيغۇر ئالىمى ئامېرىكىدا 20يىلدىن ئارتۇق ياشىغان ۋە دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەتقىقات مەركىزىدە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىدى. ئۇ ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنى « ئايالىم، بالىلىرىم، ئاتا-ئانام، ۋە ئۇرۇق تۇققانىلىرىم شۇنداقلا باشقا دوست بۇرادەرلىرىم» دەپ تەرتىپكە تۇرغۇزغان ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنى بىرىنجى رەتكە تىزغانلىقى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن يېڭىلىق ئېدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئاكىمىز يازغاندەك مەن ئۇچراتقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاۋۋال ئۆزى ئۈچۈن ياشايدىغانلىقى ئايان بولدى. راست دېگەندەك بۇ يەردە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە شەخىسنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، خۇشاللىقى ۋە ئىستىقبالى ئالدىدا باشقا ھەرقانداق كىشى ۋە ھەرقانداق تۇيغۇ موھىم ئورۇندا تۇرالمايدىغاندەك ئېدى. ئەكىسچە، ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ۋە ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى بولۇپ بۇ يەردە تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ سەۋەبى بالىلىرى ئۈچۈن ئېدى. ئۇلارنى ۋەتەندىكى ئىمتىياز، بايلىق، ئىناۋەت ۋە پۇرسەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، بەزىلىرىنى ھەتتا بۇ ئەلدە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى تۇرمۇشنى باشلاشقا سەۋەب بولىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىل پەرزەنتلەرنىڭ بەختى ئىدى. دېمەك، ئامېرىكىغا كۆچمەنلىكنى تاللىغان ئۇيغۇرلار ئاۋۋال ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس پەرزەنتى ئۈچۈن كەپتۇ. ئۇلار بالىلىرى ئۈچۈن ياشايدىكەن. بۇ بەلكىم ئۆزى ئۈچۈن ياشايدىغان ئامېرىكىلىقلاردىن ئەڭ گەۋدىلىك پەرقىمىز بولسا كېرەك.
     2010-يىلى ئىيۇلدا ئايالىم قىزىمنى ئېلىپ ئامېرىكىغا كەلدى. دەپ بېرىشىچە بىر يىل بۇرۇن ۋەتەندە يۈزبەرگەن پاجىئەدە يارىلىنىپ، ھۇشسىزلىنىپ ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قاپتۇ. ئەسلىشىچە، «داسى تامېن(ئۇرۇپ ئۆلتىرەيلى) دەپ ۋارقىراۋاتقان سادالار ئىچىدە ھەممىنى ئۇنتۇپتۇ، پەقەت كۆز ئالدىغا قىزىم، مىڭىسىگە ئۇنىڭ يېتىم قالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىرلا خىيال كىلىۋاپتۇ. شۇ يىلى قەشقەردە ئانچە بىلىنمىگىدەك يەر تەۋرىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. شۇ پۇرسەتتە باشقا ئانىلاردىن نېمىدىن ئەڭ ئەنسىرىگەنلىكىنى سوراپ باقتىم. ۋەتەندىكى خانىملارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى ئوخشاش. «بالام ساقمىدۇ» دېگەن ئوي ئۇلارنىڭ ئىسىگە ئەڭ بۇرۇن كەپتۇ. قارىغاندا ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئانىلار يەنى ئاياللار بالىلىرىنى مەۋجۇتلىقنىڭ مەنىسى ۋە بارلىق سەۋەبى دەپ بىلسە كېرەك. مەن سۇئاللىرىمنى تېخىمۇ كونكىرىتلاشتۇرۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ چوڭ بولۇپ ھامان ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىمدا «مەيلى، بالامنىڭ بالىسىنى بېقىپ بېرىمەن» دېگەن جاۋابقا ئېرىشتىم. مەن پاراڭلاشقان ئاتىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بالا ئائىلىنىڭ بارلىقى ھىساپىلىنىدىكەن.
    ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاتا- ئانىلانىڭ ئاۋۋال بالىلىرىنى، ئاندىن نەۋرىلىرىنى بېقىشنىڭ ئومۇملاشقانلىقىغا قاراپ ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن قانداشلىق، جامائەتچىلىك ۋە يۇرتداشلىق تۇيغۇلىرىغا بەكرەك باغلىنىپ شەخىسنىڭ تەۋەككۇلچىلىكى، ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرگە سەل قارايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ياشانغانلار ئىھتىياتچان، قورقۇنچاق كېلىدۇ، ياشانغان بوۋاي مومايلارنىڭ قولىدا چوڭ بولغان بىر بالا تەۋەككۇلچى بولالماسلىقى  مۇمكىن، لېكىن شۇ ئۆيدىكى باشقا نەۋرىلەر بىلەن ئويناپ ئۇرۇق تۇغقانلىق رىشتىسىگە باغلىنىپ ئۆسىدۇ. ئۇيغۇر ئانىلاردىكى بارلىقىنى بالا ئۈچۈن بىغىشلىغان بۇ روھ بالىلاردا مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ئىشەنچ تۇرغۇزىشى مۇمكىن، ئەمما زىيادە تايىنىۋىلىش، تەييارتاپلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرىشى، ئۇلاردا مۇستەقىل روھنىڭ يىتىلىشىگە توسالغۇ بولىشىمۇ مۇمكىن. ئانىلاردىكى چەكلىمىسىز سۆيگۈ بالىلارنى ئانىلىق مۇھەببەتنىڭ بىپايانلىقىدىن ھوزۇرلاندۇرىشى مۇمكىن، ياكى دەل ئەكسىچە پەپىلىنىشنى ۋە سۆيۈلۈشنىلا تەلەپ قىلىپ جاۋاپكارلىق ۋە بەدەل تۆلەشتىن قاچىدىغان قىلىپ قويۇشىمۇ ئىھتىمال. مۇشۇلارنى ئويلىسام بەزىدە قاماقتىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ «ئانام نېمە دىسەم قىلىپ بېرىپ يامان ئۆگىتىپ قويغان» دېيىشلىرى ئېسىمگە كىلىدۇ. ئەمما مەن شۇنى تىلەيمەن؛ ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بارلىقىنى بالىلىرىغا بىغىشلاش روھى ھامان قاراڭغۇ قەلىبلەرنى يورىتىدۇ. ئۇلار بالا ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق بالىلارغا پىداكارلىقنى سىڭدۈرىدۇ، بالىلىرى ئۈچۈن مۇستەقىل ياشاش ئارقىلىق بالىلاردا مۇستەقىل روھ يېتىلدۈرىدۇ.
     كۆزىتىشىمچە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بالا بىقىش، تەربىيەلەش كۆپىنچە ئاياللارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىدىكى ئائىلىسىگە پىداكارلىق ۋە بالا ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاش روھى ھامان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خاراكتىرى ۋە قىلىقلىرىدا ئەكىس ئېتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئانىلارنڭ پىسخىك ساپاسى ۋە بىلىم ساپاسى بالىلارنىڭ مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىدە ئاساس سالغۇچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرچىدىن ساۋاد چىقىرىش سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمدىن كۆزىتىشىمچە ئانىلىرى كىتاب ئوقۇشقا ھىرىسمەن، جەمئىيەت ۋە ۋەزىيەتكە مۇستەقىل باھا بىرەلەيدىغان بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ ساۋادى قۇرداشلىرىدىن ئاسان چىقتى. ئۇيغۇرلاردىكى «ئالتۇن باش دادام بىلەن قالغىچە، پاخما باش ئانام بىلەن قالسامچۇ» دېگەن ماقال ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئىستىقبالىدىكى مۇھىملىقىنى مۇجەسسەملىگەن بولسا كېرەك. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا ئۇيغۇرلاردىكى ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش بولماسلىقىدا ئانىلارنىڭ رولى ئىنتايىن موھىمدۇر.
ئۇيغۇرلاردىكى پەرزەنت ئۈچۈن ياشايدىغان بۇ روھ كىشىنى بۇ قەۋمنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئۈمىدكە تولدۇرىدۇ. پەرزەنت ئۈچۈن ياشاش كەلگۈسى ئۈچۈن ياشاشتۇر، كەلگۈسى ئۈچۈن ياشاۋاتقان كىشىلەردە رىياللىقنىڭ دىشۋارچىلىقلىرى ئالدىدا ئۈمىدسىزلىك بولمايدۇ. كەلگۈسى ئۈچۈن ياشاۋاتقان كىشىلەردە كۆز ئالدىدىكى قىسىلىشلاردىن ئالدىدا ھودۇقۇش ئاز بولىدۇ. پەرزەنتى ئۈچۈن ياشاش بۇ مىللەتنى مۈشكۈلاتلار ئىچىدە تاۋلاپ باش ئەگمەس غالىپلاردىن قىلىپ چىقىشى مۇمكىن. 2013-يىللىق ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتىدىن بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاشتى تەۋەسىدىكى مۇنەۋۋەر ئانىلارنى مۇكاپاتلىدۇق. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئانىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كەچۈرمىشلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. بۇ جەرياندا يەتتە بالىنى يالغۇز بىقىپ چوڭ قىلغان بىر ئانىنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشتىم. مەزكۇر ئانىدىن 60-يىللارنىڭ بىشىدىن باشلانغان ئاچارچىلىق يىللىرىدا بالىلىرىنى قانداق باققانلىقىنى سورىغىنىمدا « بالىلىرىمنى باقىمەن دېمىگەن بولسام ئۆزۈممۇ ئاچ قېلىپ ئۆلگەن بولاتتىم» دېدى. مەكتىۋىمىزگە ئېنگىلىزچە، تۈركچە ئۆگەنگىلى كېلىۋاتقان ئانىلار دائىم بىر جۈملىنى تەكرارلايدۇ. «بالىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆگىنەيلى.»
    ئۇيغۇرلار مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلاردىن ئاسمان زېمىن پەرقلىق موھىتتا بالىلار ئۈچۈن تىرمىشىپ ياشايدۇ. پەرزەنت ئۈچۈن ياشاش كەلگۈسى ئۈچۈن، ئۈمىد ئۈچۈن ياشاشتۇر. چەكلىك ھاياتتا كەلگۈسىگە بولغان چەكسىز ئۈمىد ۋە مۇھەببەت ئچىدە ياشاۋاتقان بۇ خەلق ئۆز نەپسى ۋە ماددىي پاراغەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلار ھىس قىلالمايدىغان چىدامچانلىق، ئىزچىللىق ۋە پىداكارلىققا نائىل. ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى ئەزىز قىلغىنىغا شەكسىز ئىشىنىدىغان بۇ مىللەتنىڭ ھىچ بىر قارا كۈچنىڭ كۆز قارچۇقلىرىنى خار قىلالمايدىغانلىقىغا ئىمانى كامىل. ئۇيغۇر يۈرەك پارىلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەلنى تۆلەشكە تەييار. بۇ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ شەخىس سۈپىتىدىكى ئاخىرقى ھوقۇقى ۋە پۇرسىتى. ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن ئائىلىسىنى ۋە ئۆزىنى ئۆزگەرتىش، قوغۇداش ۋە قۇتقۇزۇش كېلىدۇ. ھىچكىم بالىمىزنى ئىلكىمىزدىن يۇلۇپ ئالمىدى، ئالالمايدۇ. ھىچقانداق ھۆكۈمران ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئاخىرقى قورغىنىمىزغا ھاكىم بولالمايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ بەختىيار، تەلەيلىك، ئۈمىدۋار پەرزەنتلىرى ھامان چىداملىق ئاتىلارنىڭ ئارمانلىرى ئۈچۈن بۇ قورغاندىن غەلىبىلەرگە ئاتلىنىدۇ. بۇ قەۋمنىڭ قورقۇمسىز، جەسۇر، چىداملىق ئەۋلادلىرى ھامان مىھرىبان ئانىلارنىڭ چىھرىنى كۈلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئىللىق باغرى بۈركۈتلىرىمىزنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانسا، ئۇيغۇر ئاتىلارنىڭ چىداملىق مۆرىسى غالىپ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت شوتىسىغا ئايلىنىدۇ. چۈنكى بۇ پەرزەنتلەر بالىسى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان ئاتىلار ۋە يۈرەك پارىلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى بىغىشلىغان ئانىلارنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدىدۇر
http://bbs.bagdax.cn/thread-29370-1-1.html

 

Share
1800 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.