logo

trugen jacn

ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى

ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى

مەمەت ئەمىن

دېكتور: پەرىزات غەيرەت

ئىنگىلىزچىدە  ”motivate“  دەيدىغان بىر سۆز بولۇپ، ئۇنى تۈركچىدە ”motive etmek, herket ettirmek“  دەيدىكەن. ئۇيغۇرچىدا بۇ سۆزگە ئەڭ يىقىن كىلىدىغان سۆزلەر ”ھەركەتلەندۈرمەك، قوزغىماق، رىغبەتلەندۈرمەك، روھلاندۇرماق، ئاكىتىپلاشتۇرماق، ئىلھام بەرمەك“ قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ”ھەركەتلەندۈرۈش“ دىگەن سۆز مەن بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان مەزمۇنغا ئەڭ ماس كىلىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن مەن يازماقچى بولغان ماقالامنىڭ تىمىسىنى ”ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرى“ دەپ ئالدىم.

ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش دىگەندە، ئاساسلىقى قانداق قىلىپ ئىنسانلارنى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغان، چۈشكۈنلەشكەن، قىيىن ئەھۋالدا قالغان، كەلگۇسىگە بولغان ئۈمۈدىنى يوقاتقان ۋە ياكى كۆرىۋاتقان كۈنىگە قانائەت قىلىپ، ھاياتىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىش ئىستىكى بولمىغان، يەنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۇچى كەم بولغان ئىنسانلارنى، ماشىنىغا ئوت ئالدۇرغاندەك ئوت ئالدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز ھاياتىدا كىرەكلىك بولغان ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەركەتكە كەلتۈرۈشنى كۆزدە تۇتماقچى.

ئوخشىمىغان كىشىلەر، ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە ئوخشىمىغان شاراھىت ئاستىدا قوللىنىپ كەلگەن ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇللىرى گەرچە ھەر خىل بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى يىغىنچاقلاپ ”پاسىپ“ ۋە ”ئاكىتىپ“ دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

پاسسىپ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى دىگىنىمىز، ئاساسەن ئىنسانلارنى جازالاش، قامچىلاش، غۇرۇرىنى سۇندۇرۇش، تەھدىت قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىقلار ئارىقىلىق ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى مەغلۇبىيەت، يامان ئاقىۋەت، خانى ۋەيرانچىلىق، ھەتتا ئۆلۈم قاتارلىقلار كۆپرەك تەكىتلىنىدۇ.

ئاكىتىپ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى دىگىنىمىز، ئاساسەن ئىنسانلارنى مۇكاپاتلاش، ئىلھام بىرىش، رىغىبەتلەندۈرۈش، غۇرۇرلاندۇرۇش، ئۈمۈتلەندۈرۈش قاتارلىقلار ئارىقلىق ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ماختاش، مۇئاپىقىيەت، چوڭ نەتىجە، باياشات تۇرمۇش، گۈزەل كىلەچەك، دۇنيانى خوجا بولۇش، ھەتتا ئۆلگەندىن كىيىن جەننەتكە كىرىش قاتارلىقلار كۆپرەك تەكىتلىنىدۇ.

ئۇنداقتا قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرگەندە تىخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ؟ بۇ بىر ئىككى جۈملە سۆز بىلەن ئاسانلا جاۋاپ بەرگىلى بولىدىغان سوئال ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمايى ئورنى، ماددى ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسى، دۇنيا قارىشى، ئىتىقادى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن بۇ سوئالغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى ۋە ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە موھىم رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ توغۇرسىدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى دىگەندە ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق يەنى روھىي ئىھتىياجلىرى كۆزدە تۇتىلىدىغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇ ئىھتىياجلىرى، ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە يەنى ئىنسانلارنى مەلۇم بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە ناھايتى موھىم رول ئوينايدۇ. ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگىيەلىكە ۋە روھىي ئىھتىياجلىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق.

ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى دىگەندە، ئەقلىمىزگە ئالدى بىلەن ئامىركىلىق پىسخىلوگ ئەبرەخەم خارولد مەزلوۋ  (Abraham Harold Maslow)   نىڭ ”ئىھتىياج دەرىجە نەزىريەسى“  (Maslow’s Hierarchy of Needs)  كىلىدۇ. ئۇ نەزىريەدە ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجلىرىنى، تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە دەرىجە ياكى قاتلامغا ئايرىغان.

يۇقارقى پىرامىدالىق رەسسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدايى ۋە بىرىنجى دەرىجىلىك ئىھتىياجى فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجى بولۇپ، ئىنسان ئالدى بىلەن ھايات ياشاشقا ئىھتىياجلىق ۋە ئۇنىڭلىق ئۈچۈن يىمەك ئىچمەك، كىيىم كىچەك ۋە ئۇخلاشقا ئىھتىياجلىق. بۇ خىل ئىھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان بىر ئىنساننى ھەركەتلەندۈرۈشتە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قانداق قىلىپ شۇ ئىنساننىڭ ئۇ ئىپتىدايى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتۇر. بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە، شۇ ئىپتىدايى ئىھتىياجنى قاندۇرۇشتىن باشقا بەك چوڭ غايە سۆزلەش، بەكلا بالدۇر ۋە ئۈنۈم بەرمەيدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئىككىنجى ئىھتىياجى بىخەتەرلىك ئىھتىياجى بولۇپ، ئىپتىدايى ئىھتىياجى قاندۇرۇلغان ئىنسانلارغا نىسبەتەن، شۇ قاندۇرۇلغان ئىپتىدايى ئىھتىياجنى قانداق قىلىپ ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قىلىش، تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە سالامەتلىك ئىككىنجى قەدەمدىكى موھىم ئىھتىياجغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئىھتىياج، ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ئىھتىياجى ھىساپلىنىدۇ. بۇ خىل ئىھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قانداق قىلىپ ئىنسانلار ئىرىشكەن شۇ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تىنچ ۋە مۇقىم بىر موھىت يارىتىش، سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتۇر.

ئىنسانلارنىڭ ئۈچۈنجى ئىھتىياجى ئۆيلىك ئوچاقلىق بولۇش ۋە سۆيگۈ ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ شەخسى مۇناسىۋەت ۋە دوستلۇق ئىھتىياجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ تۆتىنجى ئىھتىجاي ھۆرمەت ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىناۋەت، شان-شۆھرەت، مەرتىۋە، مۇئاپىقىيەت ۋە نەتىجە قازىنىش ئىھتىياجلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ يۇقارقى ئىككى خىل ئىھتىياجى پىسخىكىلىق يەنى روھىي ئىھتىياجى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ فىزىلوگىيەلىك ئىھتىياجىدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى تۇرىدۇ. ئىنسانلار، ئاساس ئىھتىياجىغا ئىرىشكەندىن كىيىن ئاندىن بۇ خىل ئىھتىياجقا ئىنتىلىدۇ. يەنى ئاساس ئىھتىياج كاپالەتكە ئىگە بولغان ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى پىسخىكىلىق ياكى روھىي ئىھتىياجدۇر.

ئىنسانلارنىڭ بەشىنجى ياكى ئەڭ ئالى ئىھتىياجى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈش، ئۆز ئۆزىنى مۈكەممەللەشتۈرۈش ئىھتىياجى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل ئىھتىياجىنىڭ كونكىرىت ئۆلچىمى ۋە ياكى چىكى يوق. ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل ئىھتىياجى ئوخشىمىغان ئىنسانلاردا، ئوخشىمىغان شارائىتتا، ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە ئوخشىمىغان رايۇندا ناھايتى زور پەرىقلىق بولىدۇ. بۇ خىل ئىھتىياج قاندۇرۇلغانسىرى چوڭىيىپ بارىدۇ. بۇ خىل ئىھتىياج مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە ئەڭ چوڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھىساپلىنىدۇ.

باشقىلارنى بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغان ھەر قانداق بىر ئادەمگە نىسبەتەن، قانداق قىلىپ باشقىلارنى ئۈنۈملۈك ھەركەتلەندۈرۈپ، پىلانلىغان ۋاقىت ئىچىدە كۆزلىگەن مەخسەتكە يىتىشتە بەكلا موھىم. بولۇپمۇ كۆزلىگەن مەخسەتكە يىتىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى بولمىغان ۋە ياكى قىلماقچى بولغان ئىش ئىنسانلارنىڭ قانۇنى مەجبۇرىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، كۆپچىلىق ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئورتاق بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، كۆپچىلىكنى ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغان شەخىسنىڭ، ئىنسانلارنى قانداق ھەركەتكە كەلتۈرۈشنى ۋە ئۇلارنى قانداق قىلىپ رىغبەتلەندۈرۈشنى بىلىشى بەكلا موھىم.

ئەگەر بىز باشقىلارنى بىر ئىش قىلىشقا ھەركەتلەندۈرمەكچى بولساق، ئالدى بىلەن چوقۇم تاماملىماقچى بولغان كونكىرىت ئىش ۋە ئۇ ئىشنى تاماملاشنىڭ كونكىرىت ۋاقىت جەدىۋىلى بولىشى كىرەك.

ئىككىنجىدىن باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغان شەخىس، ئالدى بىلەن قىلماقچى بولغان ئىشنى ئۆزى باش بولۇپ قىلىشى، ئۆزى قىلىشنى خالىمىغان ياكى ئۆزى ئىشەنمىگەن ئىشنى، باشقىلارنى قىلىشقا چاقىرماسلىقى كىرەك.

ئۈچىنجىدىن ئىنسانلارنىڭ ھىس تۇيغىلىرىدىن مۇئاپىق پايدىلىنىش كىرەك. قورقۇتۇش، تەھدىت سىلىش، غۇرۇرىنى چۈشۈرۈش قاتارلىقلار پاسسىپ، سەلبى ئۇسۇللار بولۇپ، بەزىدە ئۇلار ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە موھىم رول ئوينايدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھىساپلىنىدۇ؛ ئۇلارنى مۇئاپىق قوللانغاندا ئىنسانلارنى ئۈنۈملۈك ھەركەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، بىراق ئەگەر ئىنسانلاردا قورقۇنجا، ۋەھىمە، ئۈمۈتسىزلىك پەيدا بولسا، ئەكسىنچە ئىنسانلار ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ ۋە ھەركەتكە كىلىشتىن ۋاز كىچىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئاكىتىپ ۋە ئىجابى ئۇسۇللارنى ئاساس قىلىپ قوللىنىش، ياكى پاسسىپ ۋە سەلبى ئۇسۇلنى قوللۇنۇش زۆرۈر بولغان، ئۇلار بىلەن ئاكىتىپ، ئىجابى ئۇسۇللار ئارىسىدا ياخشى بىر تەڭپۇللۇقنى ساقلىشى، ئىنسانلار ئارىسىدا قورقۇنجا، ۋەھىمە ۋە ئۈمۈتسىزلىك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

تۆتىنجىدىن ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغان ئىنسانلارغا قىلماقچى بولغان ئىش ياكى يەتمەكچى بولغان مەخسەت، نىشاننىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش كىرەك. مەسىلەن ئەگەر مەلۇم ئىشنى قىلمىساق ۋە ياكى مەلۇم مەخسەتكە يەتمىسەك، بەلكىم بىز خىزمەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمىزنى، ياكى كىلىشىم باكار قىلىنىدىغانلىقنى، شۇڭا قىلماقچى بولغان ئىشنى ۋاختىدا ئورۇنلاشنىڭ ناھايتى موھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش كىرەك. ئەڭ ياخشىسى كۆرسەتكەن سەۋەپلەر بەكلا سەلبى ۋە ياكى تەھدىت شەكىلدە بولماسلىقى، ئۇنىڭدىن قولغا كىلىدىغان ئىجابى نەتىجىنى ئاساس قىلىپ تەكىتلەش كىرەك.

ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرۈشتە، رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش بەك موھىم. ئىنسانلارنى رىغىبەتلەندۈرۈشتە، تۆۋەندىكى 5 قەدەم باسقۇچ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

بىرىنجىدىن، قىلماقچى بولغان ئىشتا ياكى يەتمەكچى بولغان مەخسەتتە، باشقىلارنى ھەركەتكە كەلتۈرمەكچى بولغان شەخىس، ئالدى بىلەن ئۆزى ئۆلگە بولۇش ۋە ئۆزىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشى كىرەك. باشقىلارنى ھەركەتلىنىشكە چاقىرىق قىلغان شەخىسنىڭ، شەخسى ئەخلاق پەزىلىتى، خەلق ئارىسىدىكى ھۆرمىتى ۋە ئىناۋىتى، باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە ۋە ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە بەك موھىم رول ئوينايدۇ. باشقىلاردىن ياخش نەتىجە كۈتۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئالدى بىلەن ئۆزى ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشتۇر.

ئىككىنجىدىن، مۇئاپىقىيەت قازانغانلارنىڭ ھىكايىسىنى ۋە ئىش ئىزلىرىنى سۆزلەش. ھىكايە سۆزلەش غەرچە كىشىلەرگە كونكىرىت نىمە قىلىش توغۇرسىدا كۆپ نەرسە ئۈگەتمىسىمۇ، بىراق باشقىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئويلاش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.

ئۈچىنجىدىن، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە ئىقتىدارى بويىچە ئىش كۆرۈشكە، يەنى ئۆزىگە يارىشا تىرىشچانلىق كۆرۈتىشىگە چاقىرىق قىلىش كىرەك. ئەڭ موھىمى رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسانلارغا، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ناھايتى موھىم ئىكەنلىكىنى، ئەگەر پىلانلىغان ئىش ياكى يەتمەكچى بولغان مەخسەتكە يەتسە، ئۇلارنىڭ جەمىيەتكە تىخىمۇ چوڭ توھپە قوشالايدىغانلىقىنى تەكىتلەش كىرەك، يەنى ئۇلارنىڭ رولىنى جەزمەنلەشتۈرۈش كىرەك.

ئەگەر سىز بۈيۈك ئىشلارنى قىلالمىسىڭىز، كىچىك ئىشلارنى بۈيۈك قىلىڭ

تۆنجىدىن باشقىلارغا ئىشىنىش يەنى ئۆزىنىڭ رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان كىشىلەرگە ھەر زامان ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كىرەك. ئۇلارغا ئۇلاردىن گۇمانلىنىش تۇيغۇسىنى بىرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئۆز ئارا ئىشىنىش ئىنسانلارنى رىغبەتلەندۈرۈشتە ئالاھىدە چوڭ رول ئوينايدۇ.

بەشىنجىدىن، رىغبەتلەندۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنى بەلگۈلۈك دەرىجىدە قىيىنچىلىقتىن غالىپ كىلىشكە، ئۆز ئارا مۇسابىقىلىشقا ئۈندەش كىرەك. ئىنسانلارغا بىرىلگەن ۋەزىپە بىلەن ئۇلارنىڭ قابىلىيىتى ئۆز ئارا ماسلىشىشى كىرەك.

قىيىنچىلىق ھاياتتا قىززىقىش پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن غالىپ كىلىش ھاياتنى ئەھمىيەتلىك قىلىدۇ

ئەگەر باشقىلارغا قابىلىيىتىدىن تۆۋەن ۋەزىپە بىرىلگەندە، ئۇلارغا بىرىلگەن ۋەزىپە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارغا ئىلھام بىرىشنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرىلگەن ۋەزىپە ئۇلارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى قابىلىيىتىدىن كۆپ يۇقۇرى بولغاندا، ئۇلاردا قابىلىيەتسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويىشى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كىتىشى مۈمكىن.

ھەرقانداق ئىنساننىڭ مۇئاپىقىيەت قازىنىشى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنى تىخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئەيىتقاندا بىر شەخىسنىڭ ھەر قانداق بىر ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىرىشى ئۇنىڭ تالانتى ياكى تۇغما قابىلىيىتى، شۇ شەخىسنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شەرت شارىھىتقا يەنى تاشقى مۇھىتقا باغلىق. قىلماقچى بولغان ئىش ياكى پىلانغان ۋەزىپە، نىشان، شەخىسنىڭ ئىقتىدارىدىن كۆپ تۆۋەن بولغاندا، زىرىكىشلىك كىلىپ چىقىدۇ. قىلماقچى بولغان ئىش ياكى پىلانلانغان ۋەزىپە، نىشان، شەخىسنىڭ قابىلىيىتىدىن بەك يۇقۇرى بولغاندا، زىيادە كۈچەش، ماغدۇرسىزلىق كىلىپ چىقىدۇ؛ نەتىجىدە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك، ئۈمۈتسىلىك پەيدا بولىدۇ.

ئىنسانلارنى ئۈنۈملۈك ھەركەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىقەت قىلىش كىرەك.

ئالدى بىلەن ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ مەسۇليىتىنى ئىنىق بىلدۇرۇش كىرەك. مۇكاپاتلاشنى ۋە تەقدىرلەشنى تەكىتلىگەندە، پۇلغا ۋە مەلۇم پايدىغا بەك زورلاپ كەتمەسلىك كىرەك. چۈنكى ئەگەر مەلۇم مىقداردا پۇل ۋە ياكى پايدىنى باشقىلارنى قوزگۇتۇشنىڭ ئاساسلىق ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى قاتارىدا قوللانغاندا، مەخسەتكە يەتكەندىن كىيىن يەنى شۇ پۇلغا ۋە ياكى شۇ پايدىغا ئىرىشكەندىن كىيىن، ئوخشاش مىقتاردا پۇل ياكى پايدا بىلەن ئۇلارنى داۋاملىق ھەركەنلەندۈرۈش مۈمكىن بولماي قالىدۇ، ۋە ياكى تەلەپ ئۈزلۈكسىز يۇقۇرلاپ ماڭىدۇ. شۇڭا ئىنسانلارنى ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغاندا، ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇئاپىق تاللاش، ئۇلارنى پايدا ئۈچۈنلا بىر ئىش قىلىشقا كۆندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش كىرەك. ئەڭ موھىمى ئۇلاردا مەسۇلىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىش كىرەك.

مەسىلەن مۇكاپات ئىنسانلارنى پەقەتلا شۇ مۇئاكاپاتقا ئىرىشىش ئۈچۈنلا ھەركەتلەندۈرىدۇ. مۇكاپاتقا ئىرىشكەندىن كىيىن، ئۇلار ھەركەتتىن توختايدۇ. مۇكاپات تۈگىگەندە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچمۇ يوقايدۇ.

ئىككىنجىدىن ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغان ئىنسانلارغا ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ موھىملىقىنى ھىس قىلدۇرۇش كىرەك. ئىنسانلار ئوزلىرى ھىس قىلمىغان، كۆرمىگەن ۋە تۇيمىغان ئىشلار ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيدۇ. ئىنسانلار پەقەت قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ، يەتمەكچى بولغان نىشاننىڭ موھىملىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ نىشانغا يىتىشتە ناھايتى موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھىس قىلغاندا، تۇيغاندا ۋە ياكى ئۇنى تونۇپ يەتكەندە، ئاندىن ئۇ ئىشنى قىلىش ياكى ئۇ نىشانغا يىتىش ھەرقانچە قىيىن بولسىمۇ، ئۇنىڭگا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ دەردىگە قۇلاق سىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش، ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە ناھايتى موھىم رول ئاينايدۇ. بىزدە ”ياخشى سۆز تاشنى ئىرىتەر“ دەيدىغان ئاتا سۆزى بار بولۇپ، ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇلارنى قوزغاشنىڭ كۈچلۈك قوزغاتقۇچى كۈچى ھىساپلىنىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئەيىپلەش، تەنە قىلىش ۋە باشقىلارنى ئوسال ھالەتكە چۈشۈرۈش كۆپۈنچە ھالدا سەلبى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۈچۇنجىدىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئورتاقلىشىش، باشقىلارنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ تۇرۇش كىرەك. تۈزۈلگەن قىسقا، ئوتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك پىلانلارنىڭ ھەر بىر باسقۇچى تاماملانغاندا، ئۇنى تەبىرىكلەش، ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش، ۋە ئۇ نەتىجىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئاكىتىپچانلىقىنى قوزغاش بەك موھىم.

ئىجابى ۋە سەلبى ئۇسۇل ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ياخشى ساقلاپ، بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ قايسىسىنى قوللىنىشنى كونكىرىت ئەھۋال ۋە كونكىرىت ئىنسانلارغا قاراپ كونكىرىتلاشتۇرۇش كىرەك. مەغلۇبىيەتلەرنى بەك تەكىتلەپ، كىشىلەر ئارىسىدا ۋەھىمە، قورقۇنجا پەيدا قىلىشتىن ۋە ياكى باشقىلارغا تەھدىت سىلىشتەك سەلبى ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئۈمۈتسىزلىك ۋە روھىي چۈشكۈنلۇك پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

غۇرۇرلۇق ۋە ھەر زامان ئۆزىنى ئەڭ كۈچلۈك قابىلىيەتلىك سانايدىغان ئىنسانلارغا نىسبەتەن، پاسسىپ ۋە سەلبى ئۇسۇللارنىڭ سالمىقىنى بەلگۈلۈك دەرىجىدە ئاشۇرۇش، ئۇلارغا مەغلۇبىيەتنىڭ ئاقىۋىتىنى ھەر زامان ئەسلىتىپ تۇرۇش كىرەك. ئاللا بۇرۇن روھىي چۈشكۈنلەشكەن ۋە ئاسان ئۈمۈتسىزلىنىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئەڭ ياخشىسى ئاكىتىپ ئۇسۇللارنى ئاساس قىلىپ قوللۇنۇپ، ئۇلارنى ئۈمۈتلەندۈرۈپ تۇرۇش كىرەك؛ پاسسىپ ۋە سەلبى ئۇسۇللارنى كۆپ قوللۇنىشتىن ساقلىنىش كىرەك.

ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە ئەڭ موھىمى، ئىتىقادنى كۈچلەندۈرۈش، ئورتاق نىشان تۇرغۇزۇش ۋە ئۈمۈتۋار بولۇش كىرەك. ئۈمۈت دىمەك ئەتىراپنى قاراڭگۇلۇق باسقاندا بىر تال چىراقنىڭ نۇرىنى كۆرەلىمەك دىمەكتۇر. ئۈمۈت دىمەك تىز ئىقىۋاتقان دەريادا قولىمىزغا ئىملاشقان بىر تال ياغاچتۇر.

************************

ئەمدى ئۆزىمىزدە مەۋجۇت ئەھۋاللارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممىمىز مەلۇم بولغاندەك ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە ۋە غەرىپ دۆۋلەتلىرىدە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسى تىخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، بۇرۇن داۋاغا يىقىن كىلىپ باقمىغان كۆپلىگەن خەلق داۋا سىپىگە قىتىلدى. نۇرغۇن دۆۋلەتلەردە ھەر خىل پالىيەتلەر ئىلىپ بىرىلماقتا. گۇۋالىق بىرىش، لىكسىيە سۆزلەش قاتارلىقلار كۈچەيتىلمەكتە. بىراق بۇلارنى ئەركıن دۇنيادا ياشۋاتقان ئومۇمى نوپۇسىمıز بىلەن سىلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ ھەركەتكە كىلىش ئەھۋاللىمىز يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس.

مىنىڭ پەرىزىمچە، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىموكىراتىك ۋە غەرىپ دۆۋلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ تۆۋەن مۆلچەرلىگەندىمۇ 50 مىڭدىن ئارتۇق بولۇشى مۈمكىن. بىراق دىموكىراتىك ئەركىن دۆۋلەتلەردە بولىۋاتقان نامايىش ۋە ھەر خىل پالىيەتلەرگە قاتنىشىپ داۋادا بەلگىلىك رول ئويناۋاتقانلار يۇقارقى ساننىڭ 10% نى ئىگەللىشى، يەنى 5000 ئەتىراپىدا بولۇشى مۈمكىن؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئاكىتىپ رول ئويناۋاتقانلارنىڭ سانى ھەممىمىزگە ئايان. مۇنداقچە ئەيىتقاندا 80-90% خەلق تىخى ئاساسەن ھەركەتكە كەلگىنى يوق. ئۇنداقتا ۋەتەندىكى ۋەزىيەت كۈنسايىن ئىغىرلىشىۋاتسا، ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان شۇنچە كۆپ كىشىلەر نىمە ئۈچۈن تىخىچە ئويغانمايدۇ؟ ئۇلار نىمە ئۈچۈن ھەركەتكە كەلمەيدۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىغىرلىقىنى تىخىچە تونۇپ يەتمەيۋاتامدۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن بىز جىم ئولتۇرساق ۋەزىيەت ياخشىلىنىدۇ، ئۇرۇق تۇققانلارغا زىيان كەلمەيدۇ دەپ قارامدۇ؟

مىنىڭ قارىشىمچە ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىغىرلىقىنى تونۇپ يەتمىگەنلەر كۆپ ئەمەس. جىم ئولتۇرساق ۋەزىيەت ياخشىلىنىدۇ، ئۆيدىكىلەرگە زىيان كەلمەيدۇ دەپ قارايدىغانلارمۇ كۆپ ئەمەس.

كۆپ بولغىنى، بىرى روھىي ئاسارەتتە ياشاۋاتقانلار يەنى روھىي قۇللۇقتىن تىخى قۇتۇلالمايۋاتقانلاردۇر. بۇ ھەرگۈزمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز خاھىشىدىن بولغان ئىش ئەمەس. ئۇ يىقىنقى 60-70 يىل جەريانىدا 2، 3 ئەۋلات ئۇيغۇرلار ئىچىدە يۈز بەرگەن روھىي زەخمە (tiramma)  دىن كىلىپ چىققان روھىي زەخمىدىن كىيىنكى بىنورماللىق (post traumatic disorder) بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ روھىي ھالىتى ناھايتى زىدىيەتلىك ۋە ئىھتىياتچان بولۇپ، بەزىدە ئۇشتۇمتۇت جاسارەتلىنىپ كىتىدۇ، بىراق ئۆزىنى توختىتىۋىلىپ، ئوبدان ئويلانغاندىن كىيىن قىلغان ئىشىدىن پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىدىن ئۆزى ئەندىشە قىلىشقا باشلايدۇ. بەزىدە ھەتتا تاسادىپى يۈز بەرگەن مۇناسىۋەتسىز كىلىشمەسلىك ۋە يامان ئاقىۋەتنى ئۆز قىلمىشىغا باغلاپ، ئۇ كىلىشمەسلىكنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ سەۋەنلىكىنى ئۆزىدىن كۆرىدۇ. ئۆز ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ ئىھتىيات قىلىشقا ۋەدە بىرىدۇ. ھەتتا نورمال ئىجتىماي ئالاقە قىلىش ۋە ۋەزىيەت توغۇرسىدا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتۇرغا قويۇشتىمۇ ئالاھىدە ئىھتىيات قىلىدۇ.

كۆپ بولغانلارنىڭ يەنە بىرى “تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغىلى بولمايدۇ” دەپ قارايدىغانلار، يەنى كەلگۈسىگە ئىشەنچىسى يىتەرلىك ئەمەس، ئۈمۈتسىز ۋە روھىي چۈشكۈنلەشكەنلەردۇر. بۇ خىلدىكى ئىنسانلار كۆپۈنچە ئەھۋالدا جامائەتكە كۆپ ئارىلاشمايدىغان، كۆپ سۆزلىمەيدىغان بولىدۇ. ئۇلار داۋاملىق ھارغىن ھىس قىلىدۇ، روھىي كەيپىياتى تۆۋەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈگۈنۈش ۋە خىزمەت ئۈنىمى تۆۋەن بولىدۇ. ئەھۋالى ئىغىر بولغانلار، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى دۇچ كەلگەن پاجىيەلەرگە قارىتا ھىچ ئىش قىلالماي قولىنى قوراشتۇرۇپ تۇرغانلىقىدىن قاتتىق ئازاپلىنىدۇ ۋە ئۆزىنى گۇناكار ھىساپلاپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىپ، ھەممە ئىشتىن بىراقلا قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ.

مەن ئۆتكەن يىل توردا  ئىككى قىتىم راي سىناش ئىلىپ بارغان ئىدىم (كۆك رەڭ، 2018 – يىلى 4 – ئايدا ئىلىپ بىرىلغان، قىزىل رەڭ، 12 – ئايدا ئىلىپ بىرىلغان). ئۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزنى ئۆتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ دەيدىغان بىر سوئال بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىرىلەەن جاۋاپ تۆۋەندىكىچە:
1. ئەزەلدىن ئۆزۈمنى ئۆلۈرۋىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم
2. بەزىدە ئۆزۈمنى ئۆلۈرۋىلىشنى ئويلايمەن
3. داۋاملىق ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايمەرن
4. جاۋاپ بەرمىگەنلەر


يۇقارقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، داۋاملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايدىغانلار 4% بولۇپ، بەزىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلايدىغانلار 8 ئاي ئىچىدە بىرىنجى قىتىملىق راي سىناش (كۆك رەڭلىك) تىكى 14% دىن ئىككىنجى قىتىملىق راي سىناش (قىزىل رەڭلىك) تىكى 19% گە كۆپەيگەن. راي سىناشقا قاتناشقانلار ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققانلار جەمى 23% گە يەتكەن. ئامىركىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققانلارنىڭ نىسبىتى 3.9% بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشنى ئويلاپ باققانلارنىڭ نىسبىتى ئۇ نىسبەتتىن 6 ھەسسە يۇقۇرى بولغان.

مەيلى روھىي ئاسارەتتە ياشاۋاتقانلار بولسۇن ۋە ياكى روھىي چۈشكۈنلەشكەن ئىنسانلار بولسۇن، بۇنداق ئىنسانلارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈشتە، ئەگەر بىز ھىسياتىمىزغا تايىنىپ ئۇلارنى ئەيىپلىسەك، ھاقارەتلىسەك، ئۇلارغا تەھدىت قىلساق ۋە ياكى قورقۇنۇشلۇق ئاقىۋەتلەرنى كۆپ تەكىتلىسەك، ئۇلارغا پاسسىپ ۋە سەلبى ئۇسۇللارنى كۆپ قوللانساق، ھەرگۈزمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئىرىشەلمەيمىز.

ئۇلار بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزگە، ھىسىداشلىق قىلىشىمىزغا، كۆيۈنىشىمىزگە ۋە سەمىمى ياردەم قىلىشىمىزغا مۇختاج. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇ ئاجىزلىقىنى تونۇپ يىتىشكە ۋە ئۇلاردىن ئاستا ئاستا غالىپ قىلىشكە ئىھتىياجلىق. ئۇلار ئۈمۈتلۈنىشكە، ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتىدىن تىكلەشكە ئىھتىياجلىق.

ئۈمۈتۋارلىق ئىنساننى مۇئاپىقىيەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئىشەنچدۇر. ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بولمىسا ھىچنىمىنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ.

بىز چوقۇم ئۆز ئارا ئەيىپلەشنى ۋە ئۆز ئارا دۈشمەنلىك قىلىشنى توختۇتۇشىمىز، تارىختىكى ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلىشىمىز، ئۆز ئارا ئىتىپاقلىق ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كىرەك.

2019 – يىلى 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

 

https://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2019/01/insanlarni-herketke-kelturushning.html

Share
1732 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.