logo

trugen jacn

ئىلھام توختى: شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ

image (1)

مېھرىبان

2015-u0522-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغىنى ئۈچۈن، 2014 – يىلى 23 – سېنتەبىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسى، ئۇنىڭ بىرقانچە يىللىق تەكشۈرۈشى ۋە تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى. بۇ ماقالە 2013 – يىلى 10 – ئاي مەزگىلىدە خىتاي تىلىدا يېزىلىپ تاماملانغان. ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسىرى بۇلتۇر ئۇ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي تىلىدىكى «پىللار سۆھبىتى» ناملىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئەسەرنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسى بۇ يىل 22 – ئاپرىلدىن باشلاپ «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» ChinaChange.org تورىدا بۆلەكلەر بويىچە ئېلان قىلىنماقتا.

ئىلھام ئەپەندىنىڭ شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىنىڭ «بىڭتۈەننىڭ مەۋجۈتلۇقى پەيدا قىلغان مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» قىسمىدا، ئىلھام ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى دەريا – ئېقىنلاردىكى مۇنبەت بوستانلىقلار ۋە چەتئەللەر بىلەن چېگىرىلىنىدىغان چېگرا بويلىرىدىكى ناھىيىلەرنىڭ زېمىنى ئىگىلىۋېلىپ قۇرۇلغان، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساس قىلغان ئاتالمىش «بىڭتۈەن» پەيدا قىلغان رىئال مەسىلىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ بىڭتۈەننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا نارازىلىق كەيپىياتى ۋە پىكىرلىرىنى 7 نۇقتىغا بۆلۈپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ماقالىدە بىڭتۈەن كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي تەتقىقاتچىلىرى ۋە خەلقئارادىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ۋە ئىنكاسلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، بىڭتۈەن ھەققىدىكى تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى 2013 – يىلى 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىڭتۈەن ۋە ئاپتونومىيە قانۇنى ھەققىدە مەخسۇس توختالغان ئىدى. ئەينى چاغدا ئىلھام توختى ئەپەندى پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىلا مەجۇت بولغان «يېرىم ھەربىي، يېرىم ئىشلەپچىقىرىش» تۈزۈمىدىكى ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش پولكلىرى»، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاستە قارايدىغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمىغان يەنى يەرلىك ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارادا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇستەقىل كېنەزلىك» دەپ ئاتايدىغان، خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئاساسىي ئاھالە قىلغان «غەيرىي سىستىما» بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئىلھام ئەپەندى يەنە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەر ئۈستى، يەر ئاستى بايلىق مەنبەلىرىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكىنىڭ زور قىسمىنى ئىگىلىۋالغان بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھوقۇقىنىڭ تارىيىشى، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇندىن باشقا يەنە، بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئاپتونومىيىلىك قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە مىللىي كادىرلار قوشۇنى قاتارلىقلارغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسەتكەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-milliy-mesile-05222015230930.html

Share
1118 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.