logo

trugen jacn

ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرى سوتنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى

image

 مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىلھام توختى سوتىدىن ئىلگىرىكى يىغىن ئۈرۈمچىدە 7-سېنتەبىر كۈنى

ئېچىلغان بولۇپ، ئادۋوكاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىلھام توختى سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرى لى فاڭپىڭ ۋە ليۇ شاۋيۈەنلەر يەكشەنبە كۈنى ئېچىلغان سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىننىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىش بىلەن بىللە، دائىرىلەردىن ئىلھام توختىنىڭ پۇتىغا سېلىنغان كىشەننى ئېلىۋېتىشنى ۋە ئىلھام توختى سوتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىرىدىن لى فاڭپىڭ ئەپەندى ۋە ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندىلەر رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئىلھام توختى سوتىدىن ئىلگىرىكى يىغىننىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلدى.

لى فاڭپىڭ ئەپەندى يەكشەنبە كۈنىدىكى يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، «سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىن يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 يېرىمدا باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن بىردىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئاياغلاشتى. بىزنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشىمىز نەتىجىسىدە يىغىنغا ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ قاتناشتۇرۇلدى. بۈگۈن ئۇنىڭ پۇتىدىكى كىشەن ئېلىۋېتىلىپتۇ. 3 سائەت داۋاملاشقان يىغىندا ئىلھام توختى ھەققىدىكى ئەيىبلەش ماتېرىياللىرىنى 4 نەپەر ئەيىبلىگۈچى ئوقۇپ چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، سوت ئېچىلغاندا قاتنىشىدىغان ئەيىبلىگۈچىلەر سانى 5 ئىكەن. قارىغاندا ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلار سانىنىڭ ئىككىدىن ئاشماسلىقى شەرتىنى قويغان بىلەن، ئەيىبلىگۈچىلەر سانىغا چەك قويمىغان. يىغىندا ئىلھام توختى ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلدى، شۇنداقلا سوتنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختى سوتىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىشىغا قوشۇلۇش ئېھتىمالى يوق دېيەرلىك، لېكىن بىز تىرىشىمىز» دېدى.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىندا ئىلھام ئەپەندى ئەيىبلىگۈچىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتىنى ئارتىپ، بۇ جىنايەتنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئۇ ئېلان قىلغان 200 دىن ئارتۇق ماقالىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىدە «دۆلەتنى پارچىلاش ئىدىيىسى ئەكس ئەتكەن» دەپ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، «بۇ سۆز ئارقىلىق جىنايەت بېكىتىش. مەن بۇنى ئىدىيىۋى-پىكىر جىنايىتى دەپ قارايمەن» دېگەن.

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەپەندى ئىلھام ئەپەندى ئۈستىدىن سوتقا سۇنۇلغان ئەيىبلەش ماتېرىياللىرىغا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قايىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭمۇ ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە ئىسپات قىلىپ كۆرسىتىلگەن بۇ ماتېرىياللارنى ئىلھام ئەپەندىگە ئارتىلغان ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتىگە تولۇق ئىسپات بولالمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بولۇپمۇ ئىلھام ئەپەندى ۋە ئۇيغۇربىز تورى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقرارنامىسىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەلۇم تەھدىت ۋە تەن جازاسى ۋاسىتىسى قوللىنىلغان شارائىت ئاستىدا ئىقرارنامىگە قول قويغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى

لى فاڭپىڭ مۇنداق دېدى: «ئەيىبلەش ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ چىقتۇق. ئۇلار ئىلھام توختىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ ئەيىبلەپتۇ. ئەمما بىز بۇ ماتېرىياللاردىن دۆلەتكە زىيان يەتكۈزىدىغان نەتىجىنى كۆرمىدۇق. سوتقا سۇنۇلغان ئەيىبلەش ماتېرىياللىرىنى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ كۆرۈپ چىقتى. بايقىشىمىزچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى سۆزلىرى بىلەن كېيىنكى ئىقرارنامىسىدە پەرق بار ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى سۆزلىرىدە ئۇنى ئاقلاپتۇ، ئەمما ئىككى ئاي كېيىنكى ئىقرارنامىلەردە ئۆزگىرىش بولۇپتۇ. ھەتتا ئىلھام توختىنى ئۇلارنى ئۇيغۇربىز تورىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىغانلىقى، تەھدىت سالغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارمۇ بار ئىكەن. ئەمما مەن شۇنداق قارايمەنكى، ئوقۇغۇچىلار نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئەھۋالىنى چۈشىنىمەن. ئوقۇغۇچىلار سوراق جەريانىدا تەھدىتكە ئۇچرىغانلىق ئېھتىمالى بار. مەن ئىسپات بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتتا يۈزلىشىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىرى ئاتالمىش سەككىز كىشىلىك بۆلگۈنچىلىك تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىلھام توختىنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى قىلىپ كۆرسىتىلىپتۇ. ئىلھام ئەپەندى بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلدى.»

ئادۋوكات لى فاڭپىڭ ئەپەندى ۋە ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندىلەر يەنە يەكشەنبە كۈنى ئېچىلغان سوتتىن ئىلگىرىكى يىغىندا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ پۇتىدىكى كىشەن ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام ئەپەندىنىڭ پۇتىدا يارا ئىزلىرىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلدى

ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئىلھام ئەپەندى پۇتىدىكى كىشەننىڭ بۇ قەدەر ئۇزۇن سېلىنىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، ئادەتتە تۈرمىلەردە تۈرمە ئىنتىزامىنى بۇزغان مەھبۇسلارنىڭ پۇتىغا سېلىنىدىغان كىشەننىڭ ئىككى ھەپتىدىن ئاشمايدىغانلىقىنى، ئەمما تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام ئەپەندىنى «پوزىتسىيىسى ياخشى بولمىدى» دېگەن باھانىدە ئۇنىڭ پۇتىغا سېلىنغان كىشەننىڭ ۋاقتىنى يەنە 15 كۈن ئۇزارتقانلىقى ئۈچۈن، 9-ئاۋغۇست كۈنى سېلىنغان كىشەننىڭ بىر ئايدىن بۇيان ئېلىۋېتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن

مەلۇم بولۇشىچە، ياردەمچى ئادۋوكات ليۇ شاۋيۈەن 4-سېنتەبىر كۈنى ئىلھام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئۇنىڭ پۇتىغا سېلىنغان كىشەن ھەققىدە تۈرمە دائىرىلىرى بىلەن سۆزلەشكەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ليۇ شاۋيۈەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۈرمە دائىرىلىرىدىن ئىلھام ئەپەندىنىڭ پۇتىدىكى كىشەننى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندىنى ۋە ئۇنىڭ 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، 25-يانۋار كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ«دۆلەتنى پارچىلاش، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان» دېگەن جىنايەت گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دائىرىلەر 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىلھام توختىنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىغا قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇ كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان. ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغان كۈندىن باشلاپلا، خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي دائىرىلىرىدىن تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا 6-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇنجى قېتىم ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىلھام توختى ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ ئۆزىگە ئارتقان بارلىق جىنايەتلىرىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش»جىنايىتى بىلەن رەسمىي ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەيىبنامىنىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە يوللانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-09082014155200.html

 

Share
1721 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.