logo

trugen jacn

ئىسمائىل غاسپىرالى مۇكاپاتى بۇ يىل ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى

62515715721

 

ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالېستلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى مۇراسىمغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىلغار شەخسلىرى، ئۇيغۇر زىيالىلار ۋە ئاكادېمىكلەرمۇ قاتناشتى.

ئىسمائىل غاسپىرالى مۇكاپاتى بۇ يىل ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى
تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر خەلقئارا ژۇرنالېستلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالېستلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى 2015 -يىلى 13 – نويابىر كۈنى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا تارقىتىپ بېرىلدى.
مۇراسىمغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئىلغار شەخسلىرى، ئۇيغۇر زىيالىلار ۋە ئاكادېمىكلەرمۇ قاتناشتى.
ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالېستلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى باھالۇغۇچى ھەيئىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى پاش قىلىشتا كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن «شەرقىي تۇركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى»نى ئىسمائىل غاسپىرالى كىشىلىك ھوقۇق چوڭ مۇكاپاتىغا لايىق كۆردى.
مۇراسىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق -ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 12 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان مۇھاجىرەتتىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىر ۋە ئاكتىپ پائالىيەتچى شۇنداقلا «شەرقىي تۇركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى»نىڭ پىرېزىدېنتى ئەھمەت ئىگەمبەردىمۇ ئىسمائىل غاسپىرالى كىشىلىك ھوقۇق چوڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
fft256_mf12023254

ئەھمەت ئىگەم بەردى مۇكاپاتنى ئېلىش جەريانىدا كۆز يېشىنى تۇتالمىدى. ئۇ قىلغان سۆزىدە، «بىزنىڭ كۆرىشىمىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ھەقىقىي ئىنساندەك ئەركىن ھايات كەچۈرەلىشى ئۈچۈندۇر. بۇ كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىدۇر. ئانادولۇ خەلقى بىزنى ھېچ بىر زامان يالغۇز تاشلاپ قومىدى.» دېدى.
ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالېستلىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى مۇراسىمىدا يەنە ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىك پىروفېسسور دوكتور سۇلتان مەھمۇد كاشغەرى، ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىر ئەھمەتجان ئوسمان، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن نۇر مۇقەددەس، زاينابىدىن ئابدىراشىدوۋ ۋە ئىسمائىل جىنگىز قاتارلىق شەخسلەرمۇ ئىسمائىل غاسپىرالى لاياقەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر خەلقئارا ژۇرنالېستلار جەمئىيىتى باشلىقى گۈنگۆر ياۋۇزئاسلان مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
«جەمئىيىتىمىز 2014 -يىلى بارتىندا نوۋروز بايرىمىدا قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەر يىلى ئىسمائىل غاسپىرالى نامىدىن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. ئالدىنقى يىلى قىرىمنى رۇسىيە ئىشغال قىلىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن ماكاپاتلاش مۇراسىمىمىزنىڭ تېمىسى قىرىم بولغان ئىدى. بۇ يىللىق تېمىمىز «شەرقى تۈركىستان» بولدى. چۈنكى ئىسمائىل غاسپىرالى ھەم ژۇرنالىست، ھەم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىدى. ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزگەن بۇ مۇراسىمىمىز ئارقىلىق مۇكاپاتلارنى ئېگىلىرىگە يەتكۈزگەن بولدۇق. بىز بۇ يەردە رەھمەتلىك ئىسمائىل غاسپىرالىنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز ۋە ئاللاھتىن ئۇنىڭغا رەھمەت تىلەيمىز. تىلدا، پىكىردە ۋە خىزمەتتە بىرلىك يولىدا قەتئىيلىك بىلەن يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»
مۇكاپاتلاش مۇراسىمى جەريانىدا قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى مۇستاپا ئابدۇل جەمىلئوغلۇ ۋە قىرىم تاتار خەلق پارلامېنتى باشلىقى رافەت جاباروۋنىڭ تەبرىك تېلېگىراممىسى بىلەن تۈركىيە ژۇرنالىستلار كونفېدېراتسىيەسى باشلىقى نۇرى قولاي ئەپەندىنىڭ تېلگىراممىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
2131 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.