logo

trugen jacn

ئانا تىلىمىزنى جان تىكىپ قوغدايلى

 

 

قۇتلۇق ئوردا

 

ئانا تىلىمىزنى جان تىكىپ قوغدايلى

 

يىل  – 2017- 1-سېنتەبىر: تارىخىمىزدىكى يەنە بىر قارا كۈندۇر

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستان تەۋەسىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەكتەپلەردە، ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇردى!

بۇ مەن 2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئاڭلىغان، ۋەتەندىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يامان، ئەڭ قورقۇنۇنچلۇق، قۇبۇل قىلىش ئەڭ تەس بىر خەۋەر ئىدى! خۇددى ئاتا-ئانام ۋە ياكى بىر تۇققان قېرىنداشلىرىمدىن بىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندەك، تۇيۇقسىز، دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك بىر نەرسەمدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك دەت-ئەلەملىك ئىدىم. روھىمدا تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز بىر قورقۇنچ، غەزەپ ۋە چارەسىزلىك نەرە تارتاتتى!

ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە چەكلىنىشى ئەمىليەتتە، ئانا تىلىمىزنىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم ئەتىلىشى ئىدى. بۇ ئاقىۋەتتە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوق بولۇپ كېتىشىدىن دېرەك بېرەتتى!

مەن بۇندىن 20 يىل بۇرۇن ۋەتەندىكى بىر ئۇيغۇر ئوترا مەكتەپتە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم. شۇ چاغدا بىرسى ماڭا «يەنە 20 يىلدىن كېيىن بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى چەكلىنىدۇ» دىسە، «ياق بۇ مۈمكىن ئەمەس!» دىگەن بولاتتىم. چۈنكى مەن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئەزەلدىنلا ئۇيغۇرلارنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ تۈگۈتۈش قارا نىيىتىنىڭ بارلىغىنى بىلىپ تۇرساممۇ، نىقاۋىنى بۇ قەدەر ئوچۇق ۋە بۇنچىلىك تەز ئېچىپ تاشلىشىغا ئىشەنمەيتتىم. «ھىچ بولمىسا خەلقáرا جەمىيەتتىن تەپ تارتىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ» دەپ ئويلايتتىم. خاتالاشقىنىمنى بىلدىم.

2017-يىل 1-سېنتەبىر، ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلى، ئۆزى يارالغان ئانا ۋەتىنىدە چەكلەنەگەن، ئۇيغۇر مىللى مائارىپىغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىلگەن ئېچىنىشلىق قارا كۈن سۈپىتىدە تارىخىمىزغا يېزىلىدۇ!

ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى – بىر تۈرلۈك  تىل ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىغىدۇر!

تىل، بىر مىللەتنىڭ مىللى كىملىگىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ ھالقىلىق ئامىل. بىر مىللەتنىڭ مللى مەۋجۇتلىغىنى ئۇنىڭ ئانا تىلىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.

ئۇيغۇر تىلى، ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق يازما تارىخقا ئىگە، سىناقلاردىن ئوتكەن، سوز بايلىغى مول، ئىپادىلەش كۈچىگە باي، گۈزەل بىر تىل. تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز مۇشۇ تىل بىلەن خاتىرلەڭەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلغان – ئۇيغۇرنىڭ تىلى! ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرلۇقۇمىزنىڭ جەنى!

دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە بىباھا تۆھپە بولۇپ قوشۇلغان مىراسلىرىمىزدىن «قۇتاتقۇ بىلىگ»، ناۋايى ئەسەرلىرى، ئون ئىككى مۇقام تېكستلىرى ۋە يەنە ئەجداتلىرىمىز بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن كۆپلىگەن تارىخى، ئەدەبى، تىبابەتچىلىك ۋە باشقا تۈرلۈك ساھە ھەم جانېرلاردىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلار مۇشۇ تىل بىلەن خاتىرلەڭەن. ئۇيغۇر تىلى، بۈگۈن دۇنيادا ھايات ياشاۋاتقان 10 نەچچە مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ تىلى بولۇپلا قالماي، بىزدىن بۇرۇن ياشىغان تەۋەررۇك ئەجداتلىرىمىز، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، مەھمۇت قەسگقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر ناۋايى، مەلىكە ئامماننىساخان، ئابدۇرېھىم نىزارى، نۇزۇمگۇم، سادىر پالۋان، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، ئابۇرېھىم ئوتكۇر …..لەرنىڭ تىلى، ھەم شۇنداقلا، بىزدىن كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان مىليۇنلىغان ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تەۋەرۇك ئانا تىلى !

ب دت يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى قايدە-قانۇنلىرىدا، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئوز-ئانا تىلىدا ئوقۇش، تەربىيلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئەنىق بېكىتىلگەن. خىتاي ئۆزى تۈزگەن ئاپتونومىيە قانۇنلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. لېكىن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى بۇ قەتىم، نە بدت قانۇنلىرىغا نە ئۆزى تۈزگەن قانۇنلارغا ئەمەل قىلمىدى.

تارىختىن بەرى مۇستەملىكىچى، زالىم ھاكىميەتلەرنىڭ، ئۆز ھوكۈمىرانلىغى ئاستىدىكى مىللەتلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلىپ يوقۇتۇشتا ئىشنى ئۇلارنىڭ تىلىنى يوقۇتۇشتىن باشلىغانلىغى ھىچكىمگە سىر ئەمەس. خىتايلار ھەم شۇلاردىن بىرى.

2000 -يىللارنىڭ بەشىدا جۇ كۇنرېن ئىسىملىك بىر نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارى يېزىپ تەيارلىغان ۋە كېيىن ئاشكارا بولۇپ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقىلىپ كەتكەن «شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى توغرىسىدا يۈزەكى مۇھاكىمە» دىگەن دوكىلاتتا ناھايتى ئەنىق قىلىپ: «تىل بىر مىللەتنىڭ جەنى، بىر مىللەتنى كۆڭۈلدىكىدەك كونتۇرۇل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى – ئۇلارنىڭ تىلىنى ئاستا-ئاستا يوقۇتۇشتىن ئىبارەت. ھۇ ياۋباڭ سادىر قىلغان ئەڭ چوڭ خاتالىق شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئەركىن تەرەقى قىلدۇرۇشىغا يول قويدى…» (1) دىيىلگەن ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قانداق يوقۇتۇش ھەققىدە تەپسىلى تەكلىپ ۋە چارە-تەدبىرلەر ئوترۇغا قويۇلغان. ئاخىرقى 15 يىلدا خىتايلار كۈچەپ يولغا قويغان ئاتالمىش «شنجىئاڭ سىنىپلىرى»، «قوش تىللىق مائارىپ» ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن تامامەن چەكلەش تەكلىپلىرىمۇ ئاشۇ دوكىلاتتا يەر ئالغان.

دىمەك، خىتاي بۇ قېتىم نىقاۋىنى تامامەن يىرتىپ تاشلىدى، ئۇيغۇر تىلىنى، ئۇيغۇر مىللى كىملىگىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنياغا ئاشكارا جاكارلىدى! شۇڭا بۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەكتەپلەردە رەسمى يۇسۇندا چەكلىنىشىنى، خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىميىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە يۈرگۈزگەن بىر قېتىملىق تىل ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىغى دەپ ئاتىساق ھەرگىز ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز!

بۈگۈنكى كۈندە، ھەر خىل مىللەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ دۇنيادا باراۋەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن قەبىلە-مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىللىرىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسۈتۈلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئىلغار دولەتلەر ۋە تەشكىلاتلار، ئادەملەرنىلا ئەمەس، ھەتتا نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ھايۋاناتلار، قۇشلار ۋە ئۆسۈملۈكەرنى قوغداش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ماددى ۋە مەنىۋى كۇچلەرنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر دەۋردە، جاھان مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس توھپەلەرنى قوشقان بىر مىللەتنىڭ تىلى- ئۇيغۇر تىلى ۋە بۇ تىلنى ئەسىرلەر بويى ياشنىتىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىتى، خىتايدىن ئىبارەت بىر مۇستەبىت، زوراۋان ھاكىميەت تەرىپىدىن، زورلۇق بىلەن تارىخ سەھىپىدىن ئۆچۈرۈلسە، بۇ يالغۇز بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانلىق ئالىمى ۋە بۈگۈنكى مەدەنىي دۇنيا ئۈچۈن ھەم بىر تراگەدىيە، بىر زور يوقۇتۇشتۇر!

مىليونلىغان سەبى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى – مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ بىۋاستە قۇربانلىرىدۇر!

يېقىندا ئىجمايى تاراتقۇلاردا بىر نەچچە سەكۇنتلۇق بىر ۋىدېو كۆرنۈشى تارقالدى، ئۇنىڭدا 3-4 ياشلاردىكى بىر ئوماق ئۇيغۇر ئوغۇل بالىنىڭ يەسلىدىكى خىتاي تەربىيچىنىڭ ئۈگۈتىشى بىلەن «گو چى» (دۆلەت بايرىقى) ۋە گۇو خۇي (دۆلەت گېربى) دىگەن خىتايچە سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشتا قانچىلىك قىينىلىۋاتقانلىغىنى، 10 قېتىملاپ تەكرارلاپمۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىنى رازى قىلالمىغان چاغدىكى بىچارە تۇرقىنى كۆرۈپ يۈرگۇۈم ئېچىشىپ كەتتى. مانا بۇ، نۆۋەتتە خىتايلار ناھايتى زور مەبلەغ سەلىپ، ۋەتەننىڭ چەت-يېزا قىشلاقلىرىغىچە تېز سۈرەتتە ئومۇملاشتۇرۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىل» يەسلىسىگە بېرىۋاتقان 3-6 ياش ئارىسىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈن!

بۇ بالىلار، خوتەننىڭ، قەشقەرنىڭ ۋە ئاقسۇنىڭ 100% ئۇيغۇر ياشايدىغان يەزا-مەھەللىلىرىدە تۇغۇلغان، ئانا تىل-ئۇيغۇر تىلىدا تىلى چىققان. ئەمدى ئۇلار 3-4 يەشىدىن باشلاپ يەسلىگە بەرىشقا، يەسلىدە خىتايچە ئۈگۈنۈشكە مەجبۇر! روھى دۇنياسى گويا بىر پارچە ئاق قەغەزگەد پاك، بۇ دۇنيادا مىللى زۇلۇم، ئاسمىلاتسىيە، تەڭسىزلىك، دىگەن نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بىلمەيدىغان ۋە ئۇنى بىلىش ھەم چۈشىنىش يېشىدىن تەخى ئۇزاقتا بولغان بۇ بىغۇبار پەرزەنتلىرىمىز، ئۇيغۇردىن ئىبارەت مەھكۈم بىر مىللەتنىڭ پەرزەنتى بوپ تۆرەلگەنلىگى ئۈچۈن بالىلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ غەمسىز، ئەڭ تاتلىق چاغلىرىى خىتايچە ئۈگۈنۈش بېسىمى بىلەن نابۇت قىلىنىدۇ. بۇ بىر پاجىە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاجىەسى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پاجىەسىدۇر!

بۇندىن 10 يىللار ئىلگىرى، مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر ئالىمى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خىتايلار ئەينى چاغدا ۋەتەندە يولغا قويغان ۋە ياخشى دەپ-تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «قوش تىللىق ماارىپ» ھەققىدە كەڭ ئىزدەڭەن ۋە بۇ ھەقتە بىر قاتار ماقالىلەرنى يەزىپ ۋەتەن ئىچىدىكى تورلاردا ئەلان قىلغان ئىدى.(2) (بۇ يەردە بۇ ماقالىلاردىكى مەزمۇنلارنى تەپسىلى بايان قىلىشقا ئىمكانى يوق، تەخى ئوقۇپ باقمىغانلار ۋە ياكى قايتا ئوقۇشنى خالىغانلار بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇۋالسا ياكى ساقلىۋەلىپ كەيىن ئوقۇۋالسا بولۇدۇ)

بۇ ماقالىلاردا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە يولغا قۇيلىۋاتقان ئاتالمىش « قوش تىللىق ماارىپ»نىڭ ئەمىليەتتە يەككە تىللىق، يەنى خىتاي تىلى ماارىپى ئىكەنلىگى، بۇنداق قىلىشنىڭ ئىلمىلىككە تامامەن يات بولغان خاتا بىر ئۇسۇل ئىكەنلىگى، بۇنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلى تەرەققىياتى، دەرسلەرنى ئۆزلەشتۇرىشىگە توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى بالىلارنىڭ روھى دۇنياسىنىمۇ ئەغىر دەرىجىدە زىدىلەيدىغانلىغى ، بالىلارغا ئىككىنچى يات تىلنى ئەڭ ياخشىسى باشلانغۇچ 4-سىنىپتىن باشلاپ ئۈگەتسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىغى….سۆزلەڭەن ۋە بۇ نۇرغۇن دەلىل – پاكىتلار بىلەن شەرھىلەپ شۈشەندۈرۈلگەن. ئەيەنى چاغدا بۇ ماقالىلار ۋەتەندىكى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا زىلزىلە پەيدا قىلىپ، بىر قەتىملىق ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر كىملىگى بۇيىچە مىللى ئويغۇنۇش دولقۇنىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر تور بەتلەردە قوش تىللىق مائارىپنىڭ سەلبى ئاقىۋەتلىرى ۋە ئانا تىلمىزنى قوغداشنىڭ مۇھىملىغى ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەر مەيدانغا كەلگەن ئىدى. مانا بۈگۈن ئارىدىن 10 يىل ئۆتۈپ، ئۇيغۇر تىلى مائارىپتىن تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلاندى.

تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەسكى، بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىۋاتقان 100% خىتايچىلاشقان مائارىپ ۋە ئۇنىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، بەسىملار ھەم بۇنىڭدىن پەيدا بولغان روھى زەخمە، بۇندىن 9 يىل بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئەغىر بولۇدۇ. ئەيەنى چاغدا نامدا بولسىمۇ «قوش تىللىق ماارىپ» ئىدى. ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسى بولسىمۇ ئۇيغۇرچە ئوتۇلەتتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، ھىچ بولمىسا ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىش، «چىن تۈمۈر باتۇر»، «ئۇر توقماق» قا ئوخشاش بىر قىسىم مەشھۇر ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، مەسەللىرى، نەسىردىن ئەپەندى ۋە سەلەي چاققان لەتىپىلىرى، سادىر پەلۋان قوشاقلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى ئوقۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر تۇرمۇش كۆرنۈشلىرى، ئەنەنىلىرى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئاز-تولا بولسىمۇ تونۇشۇش ۋە ئۇنى چۈشىنىش پۇرسىتى بولاتتى. ئەمدى ئەشۇ كىچىككىنە ئىمكانىيەتمۇ يوق قىلىندى!

 

مۇشۇلارنى ئويلىغاندا، شەرقىي تۇركىستانكى يەسلىلەر، باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوترا مەكتەپلەردىكى مىليۇنلىغان سەبى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە قىلىش چوڭ سىياسى سۈيقەستىنىڭ بىۋاستە قۇربانلىرى، ئەڭ ئەغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچىلىرىدۇر!

بۇ قەبىھ سۈيقەستنىڭ نوۋەتتىكى يەنە بىر بىۋاستە قۇربانلىرى – ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلاردۇر! ئالدىنقى 10 نېچچە يىل داۋامىدا يۈرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، نۇرغۇن تەجىربىلىك، قابىل ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىتايچە دەرس بەرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچى ھېساپلىنىپ، ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن مەجبۇرى قوغلانغان. ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆز كەسپىگە ھىچ ئالاقىسى بولمىغان كەسپلەرگە ئالمىشىشقا، بالدۇر پەنسىيەگە چىقىشقا، ھەتتا ئىشتىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغان. ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلار سەپلەڭەن. ئەمدىلىكەتە پۇتۇن دەرسلەر خىتايچە ئوتيۇلىدىغان بولغان شاراىتتا، قېپ قالغان ئاز بىرقىسىم ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ پەيدىن-پەي ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىن ئايرىلىشى، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئىچكى ئۆلكىلىردىن خىتايلار كېلىپ ئورۇنلايدىغانلىغى ئېنىق.

يەنە 50 يىلدىن كېيىن، ۋەتەندە ئۇيغۇرچە سوزلىيەلەيدىغان ئۇيغۇردىن قانچىلگى قالار؟

ماارىپتا ئىشلىتىلمەيدىغان، مەكتەپلەردە قوللۇنۇلمىغان تىلنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۇزۇنغا بارمايدۇ. خىتاينىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان، ئاتالمىش شىنجىاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ مائارىپ تەرەققىيات پىلانىدا كورسىتىلىشچە، خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە شەرقىي تۇركىستاندا 15 يىللىق مەجبۇرى ماارىپنى ئومۇملاشتۇرىدىكەن. بۇنىڭ 3 يىلى يەسلى، 12 يىلى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوترا مەكتەپ بولۇپ، 2020-يىلغىچە يەسلىگە كىرىش نىسپىتىنى 98% كە، تولۇق ئوترىدا ئوقۇش نىسپىتىنى 90 % كە يەتكۈزمەكچىكەن. (3) بۇ دىگەنلىك، ھازىر ئوقۇش يەشىغا يەتكەن ۋە بۇندىن كەيىن تۇغۇلىدىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ 90% تىن كوپى 3-4 يەشىدىن باشلاپ 15 يىل مەجبۇرى خىتايچە ئوقۇيدۇ، تەربىلىنىدۇ دىگەن سۆز!
تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر ھەممە ئىشلار خىتاي پىلان قىلغاندەك بولسا، يەنە 20 يىلدىن كەيىن، ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ خېلە زور قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلار چوڭ ئادەم بولۇپ جەمىيەتكە قەدەم قويۇدۇ. ئۇلار خىتايچە سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان ياكى يەرىم-ياتا سۆزلەيدىغان، ئۇيغۇرچە ئوقۇشنى ۋە يېزىشنى بىلمەيدىغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىززىقمايدىغان، تامام يەڭى بىر ئەۋلات ئۇيغۇر، تەخىمۇ توغرىسى يەڭى بىر ئەۋلاد خىتايلاشقان ئۇيغۇر بولۇپ يەتىشىپ چىقىدۇ! ئۇ چاغدا كورۇدىغان ئادەم يوق –دەپ ئۇيغۇرچە تەلۋىزور قاناللىرى يەپىلىدۇ، ئۇيغۇرچە ئوقۇيالايدىغانلار ئازلاپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە گەزىت-جورنال، كىتاپلار بىر-بىرلەپ نەشىر قىلىنىشتىن توختايدۇ.

يەنە 50 يىلدىن كەيىنچۇ؟ ھازىر ھايات ياشاۋاتقان، ئۇيگۇرچە سۆزلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆلۇپ تۈگەيدۇ، ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كوپچىلىگى ئۇيغۇرچە سوزلىيەلمەيدىغان بولۇدۇ، 100 يىلدىن كەيىنچۇ؟ …

بىپەرۋالىقمۇ ياكى چارىسىزلىكمۇ؟

1952-يىلى 21 –فەۋرال كۈنى، ئەينى چاغدا پاكىستاننىڭ بىر قىسمى بولغان شەرقىي بەڭال (ھازىرقى بېڭال دۆلىتى) نىڭ مەركىزى داكادىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بېڭال تىلىنىڭ ئوردۇ تىلى بىلەن باراۋەر دۆلەت تىلى سۇپىتىدە ئەتىراپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ تىنچلىق نامايىشى ئەلىپ بارىدۇ. ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ نەق مەيداندا بىرقانچە نامايىشچى ئوقۇغۇچىنى ئەتىپ ئولتۈرىدۇ. بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا خەلقارادا ئىنتايىن چوڭ تەسىر قوزغىغان بولۇپ، شۇندىن كېيىنكى زامانلاردا ئانا تىلنى قوغداش كۈرىشىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە دۇنياغا تۇنۇلۇدۇ. 1999 –يىلى ب دت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى (UNCO) ئەشۇ ۋەقەنى، ۋەقەدە ھاياتىنى قۇربان قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرلەش يۈستىدىن، 21-فەۋرالنى خەلقارا «ئانا تىل» كۇنى قىلىپ بەكىتتى. «ئانا تىل» كۈنىنىڭ يەنە بىر مەقسىدى، كوپ خىل تىللارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، باراۋەر تېرەققىي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، شۇنىڭدەك، ئوخشىمىغان تىل ۋە مەدەنىيەتلەر ئارىسىكى ئۆزارا چۈشۈنۈش، ھۆرمەت ۋە ئالاقىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئىدى. 2000-يىلدىن باشلاپ «ئانا تىل» كۇنى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرلىنىپ كەلمەتكەتە.

ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋەتىنىدىكى مەكتەپلەردە چەكلەڭەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر دۇنياغا مەلۇم بولغىلى ئۈچ ئاي، رەسمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغىل ئاي بوپ قالدى.  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەن ئىچىدە خۇددى بۇندىن 65 يىل بۇرۇن داكادا يۈز بەرگەندىكىدەك بىرەر نامايىش، نارازلىق ھەركىتى يۈز بەرگىنى يوق. ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي دولەت تەرورى قاپلىغان بۈگۈنكىدەك كۈندە بۇنداق بىر ئىشنى ۋەتەندىكىلەردىن كۈتۈش تازا ئادىللىق بولماسلىغى مۈمكىن. ئەمما تامامەن سۈكۈت قىلىش ۋە جىم-جىتلا قۇبۇل قىلىشمۇ ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ. ھازىر ۋەتەندە ئۇيغۇر بولۇشتىن باشقا ھىچ بىر گۇناھى بولمىغان 10 مىڭلارچە ئۇيغۇر بىگۇناھ قامىلۋاتقان ئەھۋالدا، «يەتىپ ئۆلگۈچە ئەتىپ ئۆل» دىگەندەك، ئازدۇر كۆپتۇر بىر نارازلىق، بىر قارشىلىق ئىنكاسىنى بىلدۈرۈش زۆرۈر ئىدى. ناۋادا شۇنداق بىر ئىش بولغان ۋە بۇ ئىش دۇنياغا ئاشكارا بولغان بولسا، بۇنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلىۋاتقان ئېغىر ۋە خەتەرلىك ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خىتاينىڭ قارا نىيىتىنى پاش قىلىشتا مىسلىسىز رولى بولغان بولاتتى! ئۇندىن باشقا بۇنداق بىر نارازلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن چىقسا، بۇنىڭ تەسىرى، بىز چەتەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشتىن 100 ھەسسە ئارتۇق بولاتتى!

تولىمۇ ئەپسۇس، 2017-يىلى 1-سەنتەبىر- يەنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى، ئۇيغۇر ئانا تىلىمىزنى ئۆز ئانا ۋەتىنىمىزدە چەكلىگەن، ئۇيغۇر تىللىق مائارىپىمىز ئۈزۈل-كېسىل بەربات قىلىنغان مۇشۇسنداق بىر ئەچىنىشلىق قارا كۈن –  ئادەتتىكى بىر كۈندەك، ھىچ ئىش بولمىغاندەك، جىم-جىتلا ئوتۈپ كەتتى!

ئەسلى بۇ كۈن، ئۇيغۇر تارىخىغا قان-ياش بىلەن يەزىلىدىغان بىر كۈن بولۇشى كەرەكتى! بۇ كۈن، بۈگۈن ھايات ياشاۋاتقان، ئۆزىنى ئۇيغۇرمەن دىگەن ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلۇق يۈرىكىگە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانىغا بىر قارا ھەنجەر ئۇرۇلغان كۈن ئىدى! ۋە بۇ زەربىدىن ھەر بىر ئۇيغۇر سىلكىنىپ قايتا ئويغىنىدىغان، دۇنياغا ئۇيغۇر بولۇپ قايتا كۆز ئاچىدىغان بىر كۈن بولۇشى كەرەكتى!!

ئەپسۇسكى، چەتەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىمۇ بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىغىدا بولدى. ھازىرغىچە بۇ ھەقتە تورلاردا بىرقانچە پارچە يازما ئەلان قىلىش، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بدت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورغانلىرىغا ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىش ۋە بۇ ھەقتە ئىمزا توپلاش ئىشلىرى قىلىندى.

8-ئۆكتەبىر كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى بىلەن ئامېرىكانىڭ فىلادىلفىيە شتاتىدىكى درېكسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلىكەتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ۋەتەندە چەكلىنىش مەسىلسىسى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېما مۇھاكىمە قىلىندى. بەلكىم بۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەڭەنلىكىگە قارتا، يەقىنقى ئىككى ئايدىن بەرى چەتلەدە قىلىنغان مۇشۇ ساھەدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر پالىيەت بولسا كەرەك.

تىلىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۇن نىمە قىلىشىمىز كېرەك ۋە نىمە قىلالايمىز؟

 

نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى چەتەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، بىرەر ئىش قىلىش ئارقىلىق خىتاينى، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش قارارىنى بىكار قىلىشقا مەجبۇر قىلالايدىغان بىر ئىمكانىيەتكە ئىگە ئەمەس. بدت ۋە باشقا خەلقارا ئورغانلار، ئامرەكا ياكى ياۋروپا ئىتپاقى دولەتلىرىنىڭمۇ بۇ مەسىلىدە خىتاينى ئوچۇق تەنقىت قىلىش ۋە خىتايغا «بۇ قىلمىشىڭنى توختات» دىيشىدىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولمايدۇ.

ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن بەل قويىۋەتمەسلىگىمىز، ئۈمۈتسىزلەنمەسلىگىمىز، تىلىمىزدىن ۋاز كەچمەسلىگىمىز كەرەك! چۈنكى، ئۇيغۇر تىلى بىزنىڭ تىلىمىز، ئۆزىمىزنىڭ مۇققەددەس ئانا تىلى! مەيلى ۋەتەن ئىچىدىكى ياكى چەتەلدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قەلىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىش مەسئۇليىتىمىز ۋە مەجبۇريىتىمىز بار.

(1) بۇنىڭ ئۈچۇن، ھەر بىر ئۇيغۇر ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىر قەتىملىق روھى تەيارلىق باسقۇچىدىن ئۆتكۈزىشى كەرەك. بۇ دىگەنلىك، ھەر بىر ئۇيغۇر مىللى كىملىگىمىز، يەنى ئۇيغۇرلىغىمىز ئۈستىدە قايتا بىر ئويلىنىشى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر مىللى كىملىگىنىڭ جەنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىگىنى بىلىشى، ئۆزىدە مىللى بۇرچ، مەسۇليەت تۇيغۇسى يەتۇلدۇرۇشى كەرەك!،

مەسىلەن، ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنى ئەيتساق، خىتاي تىلىمىزنى مائارىپ-مەكتەپلىرىمىزدە چەكلىگىنى بىلەن، ئۆيدە، كوچا-كوي، يىغىلىشلار..دا چەكلىگىنى يوق. شۇنداق بىر كۈن، يەنى خىتايلار ئانا تىلىمىزدا سۆزلەشنى ئاىلىلەردىمۇ چەكلەيدىغان- كۈن كەلىشتىن بۇرۇن، ھەر بىر ئۇيغۇر ئالىلىسى ئانا تىلىمىزنى قوغدايدىغان، ساقلاپ قالىدىغان بىر مۇستەھكەم قورغانلىق رولىنى ئوينىشى كەرەك! بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانا، ئۆيدە بالىرىغا ئانا تىلدا سۆزلەشنى، ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۈگۈتىشنى باش تارتىپ بولماس مەسۇليىتىم ۋە مەجبۇريىتىم دەپ بىلىشى لازىم!

(2) بۇنداق بىر مەسۇليەت ۋە مەجبۇرىيەت ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. بۇنىڭدىن سىرت، ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۆزلىرى باشلامچى بولۇپ ئاىلىدە، پەرزەنتلىرى بىلەن، ئۇيغۇرلار يىغىلغان باشقا سورۇنلاردا باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن چۇقۇم ئۇيغۇر تىلىدا سوزلەشنى، بىر مىللى مەسۇليەت دەپ قارىشى، ئوزلىرى تۇرىۋاتقان دولەتلەردىكى، مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدىغان جايلاردا چۇقۇم بىر ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىۋى/سىنپى ئېچىپ، پەرزەنتلىرىنى شەنبە –يەكشەنبە ۋە دەم ئەلىش كۈنلىرىدە شۇ ئانا تىل مەكتىۋىگە ئاپىرىشى كەرەك. بۇ ئىشنى ھەربىر دۆلەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى دەپ تۇنۇشى ۋە مەسۇل بولۇشى لازىم. ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولمىغان دۆلەت ياكى جايلاردا ئۇقۇمۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىلىرى، جاماەت ئەرباپلىرى، چوڭلىرىمىز باش بولسا بولۇدۇ.

(3) دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا مەركىزى تەشكىلاتلىرىمىز، بدت ۋە باشقا ھەرقايسى خەلقارا تەشكىلاتلار، ئورگانلارغا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلىۋاتقان خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىشى، بۇ ھەقتە دوكىلاتالرنى يوللىشى، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئانا تىلىمىزنى چەكلەش قىلمىشىنى ئەيىپلەشكە چاقىرىشى، بۇ ئورگانلاردا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەققىدە بەزى قارارنامىلەرنىڭ ئەلىنىشىنى قولغا كەلتۇرىشى كەرەك.

(4) ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دولەتلردىكى خىتاي ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا نارازلىق نامايىشلىرىنى ئەلىپ بەرىشى، شۇ دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت، پارلامەنت ۋە مۇناسىۋەتلىك تەشكىلات-ئورگانلارغا ئەھۋالنى ئاڭلىتىشى، دوكىلاتالرنى يوللىشى، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قەلىش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشى، بۇ ئارقىلىق ھوكۇمەت ۋە تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغان كىشلەرنى خىتاينىڭ ئانا تىلىمىزنى چەكلەش قىلمىشىنى ئەيىپلەشكە چاقىرىشى، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ھەققىدە بەزى قارارنامىلەرنىڭ ئەلىنىشىنى قولغا كەلتۇرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشى كەرەك.

(5) چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بارچە ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر زىيالىلىرىمىز، ئۇيغۇر مىللى كىملىگى ھەققىدە، ئانا تىلىمىزنى سۆيۈش، ئۇنى قوغداش ۋە ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ماقالە، نۇتۇقلارنى تەيارلاپ، ئۇنى ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا، تورلاردا، جاماەت يىغىلغان چوڭ-كىچىك سورۇنلاردا كەڭ تارقىتىشى، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق چەتئەلدى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە قۇتقۇزۇشنى مەركەز قىلغان بىر قەتىملىق مىللى ئويغۇنۇش ھەركىتىنى مەيدانغا كەلتۈرشى لازىم. مۈمكىن بولسا، بۇ خىل تەشۋىقاتنى ۋەتەن ئىچىگىمۇ يەتكۈزۈشنىڭ ئىمكانلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك.

خۇلاسسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈن، ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ قورقۇنۇچلۇق، ئەڭ ئەغىر بىر ھەتەرگە، يەنى مىللەت سۈپىتىدە يوق بولۇپ كەتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى! بۇنداق بىر ھەتەر بىزگە، ھىچقاچان بۈگۈنكىدەك يېقىن ۋە بۇ قەدەر كۈچلۈك بوپ باققان ئەمەس.

ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قەلىش، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ھەتەردىن قۇتۇلۇپ قېلىش ياكى قالالماسلىقنىڭ ئاچقۇچى. شۇنداق ئىكەن، قەتئى ۋاز كەچمەسلىك، جىددى ھەركەتكە ئۆتۈش ۋە قولىمىزدىن كەلىشىچە بىر ئىش قىلىش ياكى ئۇنىڭ ئەكسچە ۋاز كەچىش، پەرۋاسىزلىق ۋە ھىچ ئىش قىلماي تۇرىۋېلىش –  ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانىنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھاندۇر، ھالاس!

 

ئىزاھلار: (1) «ئۇيغۇرلارنى باشتۇرۇش ۋە يوقۇتۇشقا ئاىت ئىچكى ھۆججەتلەر»

(2) http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinc6_QoshTil2.htm

http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinb2.htm)

(3)  http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-15yilliq-maarip-

10072017233949.html

 

يىل 2017-25-ئوكتەبىر

 

 

Share
1593 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.