logo

trugen jacn

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس شائىر تاھىر ھامۇتنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس «دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» غا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەرنى ئايرىم قوبۇل قىلغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇر ۋەكىل تاھىر ھامۇتمۇ بار بولۇپ، ئۇ مۇئاۋىن پرېزىدېنت پەنسكە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەر بويىچە بىرقانچە تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىكى نۇتقىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى.

24-ئىيۇلدىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىدە چاقىرىلىۋاتقان دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 3-كۈنىگە كەلگەندە ئۇيغۇر مەسىلىسى يەنىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى قىسمى ئاياغلىشىش ئالدىدا يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتنى مايك پەنس يىغىن كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

دىنىي ئەركىلىكنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ساناپ ئۆتكەن مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ خىتايدا بارغانچە كۆلەملىشىپ ۋە ئېغىرلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەندە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا باشقا دىنىي گۇرۇپپىلار بىلەن بىر قاتاردا بۇددىستلار، مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلار دائىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلدى. ئېچىنىشلىق يېرى، ھازىر بىز بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان دەملەردە بېيجىڭ دائىرىلىرى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان، بەلكى مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئاتالمىش ‹قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى› دا قاماپ تۇرماقتا. ئۇلار ئۇ يەردە ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنى ئەيىبلەش مەقسەت قىلىنغان ئىدىيە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانماقتا.»

يىغىننىڭ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىكىدە ئېچىلغان ئاخىرقى بۆلىكىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا بولسا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيونىڭ يىغىن ۋەكىللىرىدىن 10 كىشىنى تاللاپ ئايرىم قوبۇل قىلىشى بولدى.

بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەزكۇر يىغىن ۋە ئۇنىڭغا يانداش ئۆتكۈزۈلگەن ھەر تۈرلۈك پائالىيەتچىلەرگە 4 كۈندىن بۇيان ئىزچىل ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر شائىر تاھىر ھامۇتمۇ بار ئىدى.

مايك پەنس ۋە مايك پومپىيو بىلەن بولغان ئۇچرىشىش ھەققىدە توختالغان تاھىر ھامۇت، ئۆزىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسكە 3 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاھىر ھامۇت نېمە ئۈچۈن ئۆز تەلەپلىرىنى يۇقىرىقى ئۈچ نۇقتىغىلا يىغىنچاقلىغانلىقىدىكى سەۋەبلەرنى نۆۋەتتىكى ئەمەلىي شەرت-شارائىت ۋە بۇ نۆۋەتلىك يىغىندىن ئالغان تەجرىبىسىگە باغلاپ چۈشەندۈردى.

تاھىر ھامۇتنىڭ ئېيتىشىچە، يىغىن ۋەكىللىرىنى ئايرىم-ئايرىم قوبۇل قىلىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس ئامېرىكىنىڭ دائىم ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيۇشتۇرغان دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 26-ئىيۇل كەچقۇرۇن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى» دىكى پائالىيەتلەر بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ.

يىغىن ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىكىدە رەسمىي ئېچىلىشتىن بۇرۇن يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى پائالىيەتلەرمۇ مەزكۇر مۇزېيدا باشلىغان ئىدى.

«ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى» 1940-يىللىرىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە بۇ جەرياندا قىرغىن قىلىنغان يەھۇدىيلارنىڭ پاجىئەسى باش تېما قىلىنغان مۇزېي.

مۇزېيدىكى پائالىيەت بېشىدا سۆزگە چىققان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىككە مەسئۇل ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەك بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ دۇنيادا يەنە مۇشۇنداق چوڭ تىپتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/Mike-Pens-Tahir-Hamut-07262018212229.html

Share
4741 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.