logo

trugen jacn

ئاللاھ، مىللىي مۇناپىقلارنى خىتاينىڭ قولى بىلەن قانداق جازالاۋاتقانلىغىغا قاراڭ

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

ئاللاھ، مىللىي مۇناپىقلارنى خىتاينىڭ قولى بىلەن قانداق جازالاۋاتقانلىغىغا قاراڭ

 

ئاپتونۇم رايۇننىڭ رەئىسىدىن باشلاپ، ناھىيىلەرنىڭ ھاكىملىرىغىچە، ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسوردىن، باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرلىرىغا قەدەر، ئاتاقلىق يازغۇچىلاردىن، يېزىلاردىكى قوشاقچىلارغىچە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن مىللىي مۇناپىقلار ”خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىگە كۆڭۈل ئىزھارى“ ئىپادىلەنگەن ماقالىلارنى، شىئېر، قوشاقلارنى ئېلان قىلماقتا. مىللىي ئىپپەت – نۇمۇسىمىزنىڭ ئاياق – ئاستى قىلىنىشى باشلانغان ئاسارەت ئاستىدىكى تارىخىمىزدىن بۈگۈنگىچە، ھەر قېتىملىق سىياسى ھەركەت ۋەياكى مىللىي قىرغىنچىلىق دەۋرلىرىدە ئۇيغۇر مىللى قەھرىمانلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى، يۇقىرى ئۆرلەشتىكى پەلەمپەي سۈپىتىدە پايدىلانغان ئۇيغۇر مۇناپىقلار بۇ قېتىممۇ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ قەدىردان كىشىلىرى، مۇقەددەس ئىسلام دىنى، ئىسلام دىنى بىلەن گۆش ۋە تىرناققا ئوخشاش بىرلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ – ئادىتى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇمۇمىي يۈزلۈك ۋە تارىختا ھېچ كۆرۈلمىگەن شىددەت بىلەن ھۇجۇم ۋە بومباردىمانغا ئۇچراۋاتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىن چىققان مىللىي مۇناپىقلار خۇددى قان ھىدى ئالغان ئىتلارغا ئوخشاش توشمۇ توشتىن قاۋاپ چىقىشقا باشلىدى. بۇلار ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خوجايىنلىرى ئالدىدا قۇيرۇق شىپپاڭشىتىپ، پۇت – قولى باغلىنىپ ئالدىغا تاشلاپ بېرىلگەن ئولجىنىڭ قېنىغا تەشنا ئىككى پۇتلۇق، گەپ قىلالايدىغان ھايۋان تۈرلىرىدۇر. بوينى باغلانغان بۇ ئىتلارغا ئۆز نەسلىنى چىشلىتىش ئۈچۈن خىتاي قانداق ئىستىراتېگىيە ئىشلەتتى؟

مەن سىزگە قىزىقارلىق بىرلا ھېكايە ئاڭلىتاي؛ بۇ يىل 4. ئايدا ئۇيغۇر قاتىلى چىن چۇەنگو، كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە خىتاي مىللىتىگە ئەڭ سادىق بولغان بىر قانچە ئۇيغۇر ئەمەلدارنى ”ئىككى يۈزلىمىچى“ جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ تۇيۇقسىز تۇتۇپلا تۇرمىغا ئاتتى. بۇلارنىڭ بىرسى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مەمتىمىن ئابدۇللا ئىدى. مەمتىمىن ئابدۇللا 7 يىلدىن بېرى لوپ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا، ناھىيە تەۋەسىدىن 10،000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇرمىغا سولىغان ۋە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تۇرمىلاردا قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بىر جاللات ئىدى.ئۇ، بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن مۇكاپاتلىنىپ ئۆستۈرۈلگەن. لوپ ناھىيىسى تەۋەسىدە تىلەمچىلىك قىلىپ جان بېقىشقا مەجبۇر بولغان يېتىم بالىلار، تۇل ئاياللارنى دوقمۇش – دوقمۇشتا كۆرۈپ چىداش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. لوپ خەلقى ”ئاللاھ مەمتىمىن ئابدۇللادىن ئىنتىقامىمىزنى كاپىرلارنىڭ قولى بىلەن ئېلىپ بەردى.“ دېيىشىپ خوشال بولۇشماقتا

 

چىن چەۋەنگونىڭ كۆڭلىدىكى ھېساب بولسا باشقا ئىدى.ئۇ، بىرنى قۇربان قىلىپ، مىڭغا ئىبرەت قىلىش تاكتىكىسىنى ياخشى بىلەتتى.ئۇنىڭ مەقسىتى، مۇناپىق ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ قەلبىدە زەررىچىلىكمۇ مىللىي ھېسسىيات قالدۇرماسلىق، ھەتتا ئۆز مىللىتىدىن نەپرەت قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئىدى. ئاللاھتىن قورقمايدىغان، ئۆز خەلقىدىن ئەيمەنمەيدىغان، پەقەتلا خىتاي باشلىقلىرى ئالدىدا “خوش، خوش” دەپ تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بۇ توشقاندىنمۇ قورقاق مۇناپىقلارنىڭ پۇت – قولىدا جان قالمىدى. مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا خىتاي خوجايىنلىرى بۇلارنى پارتىيىگە، خىتاي مىللىتىگە بولغان ساداقىتىنى گېزىت ۋە تىلىۋىزورلاردا ئىپادىلەشكە چاقىردى. قورقۇپ ئىشتاننى ھۆل قىلىۋەتكەن خوتەننىڭ قورچاق ۋالىيسى ئېزىز مۇسا 5.ئاينىڭ 27. كۈنى خوتەننىڭ 7 ناھىيىسىدە 100 مىڭ كىشىلىك قەسەمياد يېغىنى ئېچىپ ”ئىككى يۈزخلىمىچىلەرگە قارشى قەسەمياد يېغىنى“ ئاچتى. باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئېزىز مۇسا 2 ئاي ئىچىدە 3 قېتىم خىتايچە، ئۇيغۇرچە تۆۋۋەنامىسىنى ئېلان قىلدى. بۇگۈن (7.ئاينىڭ 12.كۈنى) تەڭرىتاغ توردا ئېلان قىلغان ”دىننى دەستەك قىلىۋالغانلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەيلى“ سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدا “دىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا بارغاندىكى تارىخىي ھادىسە، ئۇنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىش جەريانى بولىدۇ.” دەپ يازغان. بۇ مۇناپىقنىڭ ”دىن يوقىلىدۇ“ دېيىشى، خىتاينىڭ دىننى يوقۇتۇش ئىرادىسىنى ئۇچۇق ئىپادىلىگەن. خىتايلار شۇنى تونۇپ يەتتىكى، ئىسلام دىنىنى يوقاتماي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىراق ئاللانىڭ دىننى قوغدايدىغانلىغى توغرىسىدا ۋەدىسى بارلىقىنى بۇ مۇناپىق بىلمەيدۇ ياكى ئاقىۋىتى مەمتىمىن ئابدۇللادەك بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدۇ

خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىگە ساداقەت بىلدۈرۈشكە، پىنىسسىيەگە چىققان، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارمۇ مەجبۇرلانماقتا. ”تەڭرىتاغ تورى“ تۈنۈگۈن ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ ”ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايلى“ دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىنى چىداپ ئاخىرغىچە ئوقۇپ چىقتىم. ”ئىتتىپاقلىق“ دېگەن سۆز 21 يەردە تەكرارلانغان. ئامما ”تەڭ – باراۋەرلىك“ دېگەن سۆز ھېچبىر يەردە تىلغا ئېلىنمىغان. ئىسمائىل ئەھمەت مۇنداق دەپ يازىدۇ ”مېنىڭدەك بىر كەمبەغەل ئائىلىدىن چىققان ئادەمنىڭ دۆلەت كادىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىم پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەربىيەسىدىن بولدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1960 – يىلى مەركىزىي ئالىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىغا ئىشتىن ئايرىلىپ ئىككى يېرىم يىللىق ئوقۇشقا باردىم، پارتىيە مەكتىپى سىنىپىمىزغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزگە مەخسۇس تەرجىمان، ماشىنىست، ئاشپەز قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەردى. ئاساسلىق دەرسلەرنى ئىنتايىن داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۆتتى، بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ نەزەرىيە، بىلىم سەۋىيەم سىستېمىلىق ئۆستى.“ ئىسمايىل ئەھمەتنىڭ ئەقلىگە “ نىمىشقا كومپارتىيە ئۇنۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن، بىلىملىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى بېيجىڭدىكى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتماي، نىمىشكە خوتەن چىرىنىڭ چەت يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ پۈتتۈرۈپ بولالمىغان مەن ئىسمايىل ئەھمەتنى تاللاپ بېيجىڭغا ئاپىرىپ تەربىيىلىدى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ ئالى ھوقۇقىغا قەدەر كۆتۈردى؟ سەۋەپ نېمە ئىدى؟دەپ ئويلاپ باقتىمۇ؟ ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ راھەت كۆرۈۋاتقانلىغى راست. ئامما خوتەن خەلقى، بولۇپمۇ چىرا خەلقى نىمىشقا يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن 2017. يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا چىرىدا ئىشسىز قالغان 1000 نەپەر ئىشسىز ئۇيغۇر قىز- يىگىت ياللانما ئىشچىلىق ئۈچۈن توغۇلغان يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلدى؟ نىمىشقا چىرا ناھىيىسىنىڭ ئانار، چىلان باغلىرى خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىندى؟ ئىسمايىل ئەھمەتنىڭ بۇنى ئويلىغۇچىلىك ئەقلى يوقمۇ؟ بار. ئىسمايىل ئەھمەت ۋە ئۇنىڭ ئىزىدىن كېلىۋاتقانلاردا بىر نەرسە يوق. يوق نەرسە ۋىجدان

ئاللاھ بەزى مۇناپىقلارنى خىتاينىڭ قولى بىلەن جازالىغان بولسا، بەزى مۇناپىقلارنى، ئۇيغۇر مىللىتىدىن چەك – چېگرا ئايرىلغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈرۈپ جازالاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر مۇناپىقلار، ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىۋاتىدۇ.بەكلى خىتايلار، پارتىيە ئەزاسى ئۇيغۇرلار ئۆلگەندە مازارغا كۆمۈشكە بولمايدۇ. خىتايلارغا ئوخشاش جەسىدى كۆيدۈرۈلۈپ كۈلى ئائىلىسىگە بېرىلىدۇ، دەپ ھۆججەت چىقىرىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئاللاھ بەلكى خىتايلارنىڭ قولى بىلەن ”بىز مۇسۇلمان ئەمەس“ دەپ بەسلىشىپ بايانات ئېلان قىلغان مۇناپىقلاردىن خەلقنىڭ ئىنتىقامىنى   ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا بۇ كۈنلەرمۇ ئۇزاق ئەمەس

بۇگۈنكى دەۋىردە چەتئەلدە كومپيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىتاينىڭ تورلىرىنى ئوقۇيالايدىغان، ئىگىسىز قالغان ئۇيغۇر مىللىتىنى سېتىپ خەجلەۋاتقان، ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى چاي ئورنىدا ئىچىۋاتقان مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى ۋە قىلمىشلىرىنى تارىخقا خاتىرە قىلىپ يېزىپ قويالايدىغان يۈز مىڭلىغان ۋىجدانلىق ئۇيغۇر ئەۋلادى مەۋجۇت. بەلكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆمرى ئىسمائىل ئەھمەتنىڭ ئۆمرىدىن قىسقا بولىشى مۇمكىن. ئۇ كۈنلەردە بۇ مۇناپىقلار ئۆز خەلقىنىڭ غەزەپ ئوتىدا كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشىنى ئويلاپ باقتىمۇ؟

 

Share
3674 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.