logo

trugen jacn

ئاقسۇ شاياردا يۈز بەرگەن «15-يانۋار بايراق كۆيدۈرۈش ۋەقەسى» نىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئايدىڭلاشتى

29177280-06ba-43e3-aa8f-64b72f7b43a6

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇلتۇر ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىنى زىلزىلىگە سالغان بايراق كۆيدۈرۈش ۋەقەسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى ئايدىڭلاشتى. ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ساقچى خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە شايا ناھىيىسىنىڭ يېڭى مەھەللە يېزا سېرىقئېرىق كەنتىدىكى خانىقا مەسچىتىدە يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 15-يانۋار كۈنى سەھەر سائەت 3 بىلەن 5 ئارىسىدا خانىقا مەسچىتىنىڭ يېنىغا ئاپتوموبىل بىلەن كەلگەن 3 كىشى، مەسچىتنىڭ قورۇسىغا تىكلەنگەن خىتاي دۆلەت بايرىقىنى يىقىتقان ۋە بايراقنى يىرتىپ مەسچىت قورۇسىدىكى ئۈزۈم دەرىخىنىڭ شېخىغا ئارتىپ قويغان. ئارقىدىن ئۇلار نامەلۇم ئەسۋاب بىلەن ئاياق ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈپ، مەسچىتتىن ئۇزاقلاشقان. بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايراق ئوغرىلاش ۋەقەسى، خەلق ئىچىدە بولسا بايراق كۆيدۈرۈش ۋەقەسى دەپ ئاتالغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/bayraq-koydurush-04082015141527.html

Share
1310 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.