logo

trugen jacn

ئاقسۇ ئايكۆلدىكى «قاتتىق زەربە بېرىش» تە بىر ئائىلىدىن ئىككى جان ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككىسى تۈرمىگە تاشلانغان

9fc3f7d7-0e83-4e7f-b2eb-5eaf824d9158

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 

ئايكۆل پەيشەنبە بازاردىكى سىياسىي تۇتقۇنلار (5)

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى بۈگۈن مۇخبىرىمىزغا مەكتۇپ يوللاپ، ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا ئاقسۇ ئايكۆلدىكى بىر ئائىلىدىن 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئىككى كىشىنىڭ بولسا تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى پاش قىلدى. مۇخبىرىمىز ئايكۆل ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچى خادىمى ئەھۋال ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنداق بىر پاجىئەنىڭ تەۋەلىكتە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. مۇخبىرىمىز يەنە ھۆكۈمەت خادىملىرى تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرىغا ئاساسەن، مەزكۇر ئائىلىدە 5 نارەسىدە بالا بىلەن يار-يۆلەكسىز قالغان چارىسىز ئانا خاسىيەت خانىم بىلەن كۆرۈشكىنىدە، مەكتۇپتا دېيىلگەن ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، ئايكۆلنىڭ پەيشەنبە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلىرىدىن تۇرسۇن مامۇت ۋە 17 ياشلىق ئوغلى ئابلىكىم تۇرسۇن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان.

خەتتە دېيىلىشىچە، تۇرسۇن مامۇت يەتتە يىللىق كېسىلگەن، ئەمما ئابلىكىم تۇرسۇننىڭ ئۆسمۈرلەر تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، قانچە يىل كېسىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

مەكتۇپتىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇرسۇن مامۇت بىلەن ئوغلى ئابلىكىم تۇرسۇن ئۈستىدىن 2015‏- يىل بېشىدا سوت ئېچىلغان، سوتتا بۇ ئاتا-بالىنىڭ مەھەللىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە، مەسچىت سىرتىدا توپلىشىپ ناماز ئوقۇغانلىقى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن. سوتتا ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتى بولمىغان.

مەكتۇپتا يەنە دېيىلىشىچە، تۇرسۇن مامۇت ۋە ئوغلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇلاردىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىنالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار، تۇرسۇن مامۇتنىڭ ئېغىرئاياغ قىزى خەيرىگۈلنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. تۇرسۇن مامۇتنىڭ سوتى ئېچىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، قىزى خەيرىگۈل ئۆيىدە تۇغۇتتا ۋاپات بولغان. بۇنىڭغا ئۇنى ئائىلىدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىدىغان ئەر كىشى بولماسلىق ئاساسلىق سەۋەب بولغان. بۇنىڭدىن يەنە بىر ھەپتە كېيىن، مەھبۇس تۇرسۇن مامۇتنىڭ 5 ياشلىق نەۋرىسىمۇ ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ داۋالىتىشقا ئۈلگۈرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بىز مەكتۇپتىكى بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئايكۆل بازارلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تەۋەلىكتە مۇشۇنداق بىر ئائىلە پاجىئەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

بىز ئارقىدىن ئايكۆل بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ئائىلىدىكى چارىسىز ئانا خاسىيەت خانىمنىڭ تېلېفونىغا ئېرىشتۇق. خاسىيەت خانىم مەكتۇپتا يېزىلغانلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/aykol-zerbe-02252016141920.html

Share
1276 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.