logo

trugen jacn

ئاتام ئېيتقان بايىقى – زۇلپىقار بارات ئۆزباش

祖力菲克尔先生

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

 

باھارنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرى يەنىلا بىز تالاي قېتىم كۆرگەن ۋە پۇرىغان گۈللەر…
ئەسىرلەرئۆتتى، «گۈل ۋە  بۇلبۇل كۈيى» نى تەكرارلاپ كەلدۇق، يېڭىلىق يوق…
بىز كونا نەرسىلەردىن يېڭى تېما ئىزدىدۇق. خۇددى مومايلارغا يېڭى چۈمبەل تارتقاندەك.
بۇ يەردە ئانىلار يېڭى ئىنسانلارنى تۇغدى، لېكىن ئۇلارنىڭ مېڭىسدە يېڭى ئىدىيە تۇغۇلمىدى.
…..
ئۆيلەر يېڭى، ئىدىيىلەر كونا. ئۇلار يېڭى ئۆيدە تۇرسىمۇ يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى پىكىرلەر بولمايدۇ.
                           —-ئورفات (ئاففانىستان) نىڭ  «يېڭى ئىدىيە» ناملىق ئەسىرىدىن («ئاسماننىڭ ئاخىرى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىېتى نەشرىياتى، 2008-يىل نەشرى،128-بەت)
(1)
    بەدىنىمىز بىز ياشاۋاتقان مۇھىتتىكى مىكروپلاردىن ئاستا-ئاستا يۇقۇملانغان كەبى تەپەككۇرىمىز ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرنىڭ ،چىرىگەن ئۇقۇملارنىڭ، كونا بىلىملەرنىڭ، ۋاشاڭ قىلىنغان ماۋزۇلارنىڭ ئسىكەنجىسدە زەخمىلىنىدۇ؛ ئەقلىمىز كونا ئىدىيىلەرنىڭ ۋە توكسىنلىق تونۇشلارنىڭ تەسىرىدە بۇلغىنىدۇ. بىلىش قۇرۇلمىمىزنى يېڭىلاشتا بىزگە ئەڭ چوڭ خەۋپ ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەردىن  ۋە ئۆزىمىز تۇيماي كانىدەك چىڭ چاپلاشقان ئەبجەق بىلىملەردىن كېلىدۇ. مۇشۇكۈنلەردە مېنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ خېلى بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپ قاينىمىدا، شۇنچە كۆپ بىلجىرلاش ۋە خاتا تونۇش ئىچىدە  تۇرۇپمۇ خۇددى ھەممىنى بىلىدىغاندەك ئەلپازدا ياشىشىدۇر.  تۇرۇپ ئۆزۈمگە سوئال قويىمەن: ياپىرىم، 21-ئەسىر بىلجىرلاش قىيامىغا يېتىپ ئاكيۇچە ئۆزلۈككە مەدھىيە ئوقۇيدىغان بىردەۋر بولۇپ قالامدۇ نېمە؟
بىز كۆنگەن بۇ رېئاللىق بىنورمال رېئاللىقتۇر، بۇنداق بولماسلىققا تېگىشلىك رېئاللىقتۇر. بىز كۆنگەن بۇ رېئاللىق تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزدا ، ئۆزىمىزنى تونۇشىمىزدا، ياشاش ئۇسۇلىمىزدا  مەسىلە كۆرۈلۈۋاتقان رېئاللىقتۇر. شۇڭا ئازابلىرىمىزنىڭ، تراگېدىيەلرىمىزنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. بىزنى  كۆندۈرگەن نەرسە زەھەرلىكتۇر، بىز كۆنۈپ قالغان نەرسىلەرئەمەلىيەتتە تەپەككۇرىمىزنىڭ زەخمىلىنىشى، تۇيغۇلىرىمىزنىڭ ئۆلۈشى بەدىلىگەئاشۇنداق ھالغا كەلگەن نەرسىلەردۇر. ئۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان، جەمئىيەتنىڭ مەھبۇسلىرىغا ئايلىنىشىنى خالىمىغان ئادەم بۇنداق كۆنۈككە سوئال قويىدۇ. سوئال قويغانىكەن، دېمەك ئۇ بۇنداق بىنورماللىقلارنى قوبۇل قىلالمايدۇ.
نادانلىقتىمۇ لەززەت بولىدۇ، ئادەمنىڭ ئازابى بىلگەنسىرى كۈچىيىدۇ. چوڭقۇر پىكىر ئىگىلىرى كۈلەلمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئازابنىڭ مەنبەسىنى ھەم ئۇنى تەلتۆكۈس يوقىتشىنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ. «قاراڭلار، ئاۋۇ ئادەمگە! ئۇھەمىشە ئۆزى جاۋابىنى تاپالايدىغان سوئاللارنىلا سوراشقىلا ئامراق.» چوڭقۇر پىكىر ئىگىسى، تراگېدىك ئېڭى  كۈچلۈك گرمان پەيلاسوپى نىچشې ئۆزىنىڭ «سەرخۇش ئىلىم» ناملىق ئەسىرىدە ئاتام ئېيتقان بايىقىغا، كونا ئىدىيەگە، كونا بىلىمگە، كونا سوئالغا، كونا جاۋابقا  كۆنۈپ كەتكەن؛  تەپەككۇرى ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلانغان ئادەملەرنى شۇنداق مەسخىرە قىلغانىدى. نىچشى مەسخىرە قىلغان،ئاددىي ئەقىلگە كۆنۈپ كەتكەن  بۇنداق كىشىلەر ئارىمىزدا تۈركۈملەپ تېپىلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە ئېرىشكەن ھەم ئۆزلىرىچە بىلىم دەپ قارىۋالغان ئۇچۇرلىرىدىن گۇمانلانمايدۇ. ئەمەلىيەتتەئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھېچ گۇمانلانمىغان شۇ تونۇشلىرى ئاتام ئېيتقان بايىقىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭىلىق، چوڭقۇر پىكىر ھەم ماھىيەتلىك مەزمۇنلار كەمچىل. تېخىمۇ بىمەنە يېرى، بۇنداق كشىىلەرنىڭ ئارسىىدا ئۇ يەر بۇ يەردىن ئاڭلىۋالغان ياكى پاخال كىتابلاردىن كۆرۈۋالغان ئۇچۇرلىرى بىلەن سورۇنلاردا قازىلىق قىلىدىغان يېڭىچە ئاكيۇلارمۇ يوق ئەمەس.
بۇ خىلدىكى كىشلەر تۈركۈمىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا كارخانىچىلاردىن تارتىپ نەشرىياتچى مۇ ھەررىرلىرىگىچە، دېھقان-چارۋىچىلاردىن تارتىپ پروفېسسور- ئوقۇتقۇچىلارغىچە مەۋجۇد بولۇشى ھەم ئاۋامنىڭ ئاساسىي غولىنى تەشكىل قىلىشى، شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرنىڭ جەمئيىتىمىزدە ئاساسىي ئېيتىم شەكلىگە ئايلىنىشى  كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپكە ئشىنىدىغان ۋە تەپەككۇرى شۇنىڭغا كۆنگەن ئادەملەر بىر مىللەت ئەزالىرى ئارىسىدا كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇنداقتا بۇنداق مىللەتنىڭ ئەقىل قۇۋۋىتى قۇرۇشقا باشلايدۇ ۋە ئەۋلادلىرىغا ئەخلەت مىراس قالدۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.بۇنداق مىللەتنىڭ كوللكېتىپ ئەقىل پاراسىتى ئىختىرا، يېڭى تەسەۋۋۇر ۋە يېڭى ئىدىيەنىڭ بەرپاچىلىقىغا  ئاجىز  كېلىدۇ.
«ئۆيلەر يېڭى، ئىدىيىلەر كونا. ئۇلار يېڭى ئۆيدە تۇرسىمۇ يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى پىكىرلەر بولمايدۇ…» ئاففانىستان نەسىرچىسى ئورفاتنىڭ «يېڭى ئىدىيە» ناملىق نەسىرىدىكى ئاشۇ قۇرلار دەۋرىمىزدە كۈچىنى تازا كۆرسەتمەكتە. ئۇيغۇر رېئاللىقىدا پەيدا بولۇشقا ئۈلگۈرگەن بىر قاتار ئىجتىمائىي بىنورماللىق ۋە بىمەنە رېئاللىقنىڭ بىر تۈرى سۈپىتىدە شۇنداق بىر ئەھۋال كۆزگە چېلىقىدۇكى،ئاممىۋىي  تاراتقۇلاردا، كىتاب-ژۇرناللاردا ۋە تور مۇنبەرلىرىدە دېيىلۋاتقىنى ئاساسەن ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەر. ئاشۇنداق گەپلەر بىلەن سسىتېمىلىق بۇلغانغان زېھىنىمىز، زەخمىلەنگەن تەپەككۇرىمىز تازا ”مېۋىسى“نى كۆرسەتمەكتە. مۇھەررىرلەرنىڭ ئۆزىنى سەمرىتشىش ۋاسىتىسىغا، مۇناسىۋەت ۋاسىتىسغا  ئايلانغان زوركۆپ قىسىم ئىلمىي ژۇرناللارنىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئادەمنى ھۆ قىلغۇدەك دەرىجىدە چىقىشى بىزنى ئىلمىي ئەسەر ئوقۇمايدىغان، ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇمايدىغان بىنورماللىقا گىرىپتار قىلدى.
”ئىنسان ئۆزى بىلمىگەن نەرسىنىڭ دۈشمىنى“ دەيدۇ ئەرەبلەر. ”ئىنسان ئىچىدىكى زىنداننى ھەممە يەرگە ئۆزى بىلەن ئېلىپ بارىدۇ“ دەپ يازىدۇ مودىرنىزم ئەدەبياتىنىڭ غوللۇق پشېۋالىرىدىن بىرى، ئېرلاندىيەلىك يازغۇچى ئوسكار ۋىلدى. كاللىمىز بىر زىندان، تۇرغان پۈتكىنىمىز بىر نادان. كاللىمىزنىڭ زىندان ئىكەنلىكىنى تونۇشمىز كېرەك. ۋاشاڭ قىلىۋېتلگەن ، پاخال قىلىۋېتىلگەن ئىدىيەلەر، كونترول ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن شوئار ئېيتملىرىنىڭ تەسىرىدە تەپەككۇرىمىز سىستېمىلىق ھالدا زەخمىلەندى.ھەتتا زىيالىيىلىرىمىز ئارسىدىمۇ ئىجتىمائىي پەن ساھەلىرىدىكى قىممەتلىك نەزەريىۋي ئەسەلەر ئوقۇلمىدى.ھەتتا مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان بىر قسىىم زىيالىلار توپى ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە شۇ ساھەنىڭ ئەڭ ئالدىغا كەتكەن، چوڭقۇر يېزىلغان مۇھىم ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چۈشنىدىغان ئادەم ئىنتايىن ئاز. بۇنداق ئىشلار يۈرىكمنى يەيدۇ. مەرھۇم شائىر ئوسمانجان ساۋۇت بىر شېئېرىدا  “تاشبولغىن يۈرىكىم، تاش بولغىن ئەمدى“ دەپ يازغان چېغىدا نېمىنى كۆزدە تۇتقان بولغيدىكىن؟  ھەر قېتىم سان-ساناقسىز بىنورمالىقلارنىڭ بىر تۈرى بولغان مۇشۇ ئىلىم ئاڭقاۋلىقىنىڭ ئادەم چىدىغۇسىز دەرىجىگە بارغىنىنى ھېس قىلغىنىمدا يۈرىكىم ئازابلارغا چدىمايدۇ.
مەدەنىيەت قۇرۇلمچىلىقى نۇقتسىدىن قارىغاندا مەنىۋىيىتىمىزنىڭ قانداقلىقى بىز ئۇچراشقان تېكىستلەرنىڭ، دىئالوگلارنىڭ، مۇنازىرەلەرنىڭ سۈپىتىگە باغلىق. بىزنىڭ مەنىۋىيىتمىز قەغەزدۇر. كىتابلاردا،مەتبۇئاتلاردا، تاراتقۇلاردا ۋەئاممىۋىي مۇنبەرلەردە چىقىۋاتقان ئېيتىملار (كۆرۈنۈش، ئىماگ، گەپ-سۆز، تېكىست) ئاشۇ قەغەزگە چۈشۈۋاتقان ئىزلاردۇر.لېكىن، مۇشۇ كۈنلەردە ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرمەنىۋيىتمىزگە تۇرغۇنلۇق، كونلىق بىلەن خاراكېترلەنگەن ئىزلارنى سېلىۋاتىدۇ. كونا بىلىمنىڭ، كونا ئىدىيەنىڭ، كونا تەپەككۇر شەكلىنىڭ ئىسكەنجىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىز ئايدىڭ بىر پاكىت بولۇپ قالدى.  
كىتابخانىلارغا كىردىم، ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرنىڭ چىرايلىق مۇقاۋىلىنىپ كىتاب شەكلىدە پوكەيلەرگە تىزىلغىنىنى كۆرۈپ ئۇھىسىندىم. دەرس مۇنبەرلىرىگە چىقتىم، ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەر ۋە تەييار جاۋابقا كۆنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالىتى مېنى ئازابلىق خىياللار دۇنياسىغا باشلىدى. ژۇرناللىرىمىزنى ۋاراقلىدىم، ئون-يىگىرمە يىللار بۇرۇن دېيىلىپ بولغان  گەپلەر شۇ پېتى ياكى ئازراق ئۆزگەرتلىپ بەتلەر توشقۇزۇلۇپتۇ. رادىئولىرىمىزغا قۇلاق سالدىم؛ تېلېۋزۇرلاردا  ئۆزىمىزنىڭ رىياسەتچىلىرى ئىشلىگەن سۆھبەت پروگرامملىرىغا دىققەت قىلدىم. يەنە شۇ ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەر. ئۆزلىرىنى دىكتور-رىياسەتچى دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما  ئېكران ئالدىدىكى شاتۇتىلاردىن پەرقى يوق ئاشۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا يەنە شۇ چاينالغان، مەززىسى قالمىغان  كونا گەپلەر.ئۇلار ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرنى مۇھىم بىر ئىدىيەنى يەتكۈزۈۋاتقاندەك سۈرلۈك بىر ئەلپازدا دېيشدۇ. ئەمەلىيەتتە بىلىمىنىڭ كونىراپ كەتكىنىنى، يېڭى ماتېرىيال كۆرمەيدىغانلىقىنى چاندۇرۇپ قويۇشىدۇ. رادىئولاردىكى خاس سۆھبەت پروگراممىلىرىدا ئەھۋال تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق.  ئۆزلىرىنى گىپنوز مۇتەخەسسىسى، پالانچى كەسپىنىڭ مۇئەللىمى دەپ ئاتىۋالغان بىر قىسىم ساختا بىلىمگەرلەر  ئاۋامنى خاتا يولغا باشلايدىغان، ئاتام ئېيتقان بايىقىنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيدىغان نەسىھەت-ئۈگۈتلىرىنى نومۇس قىلماي يېڭىلىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.بۇ ھال ئازابلىق خىياللىرىمنى تېخىمۇ ئاۋۇتىدۇ.
مەن ئۆز ساھەسىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنىمۇ تولۇق ئۆگەنمەي شۆھرەت دەۋاسى قىلىۋاتقان، ئىلىم دەرۋازىسى ئالدىدا قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاۋاتقان ساختا ئىلىمگەرلەردىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى، ئۇلار  ئەبجەق بىلىم ۋە ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپ ئىشلەپچىقىرىىشدۇ؛ ئەمما ئۇنى ئۆزلىرى تونۇمايدۇ.  ئسىتمالپەرەسلىك ۋە ماددىي ئەسەبيىلىك بىزنى ئېزىۋاتقان بىر دەۋردە  ئورۇن-مەرتىۋە ۋە ئابروي ئۈچۈن ھەر نېمە قىلشتىن يانمايدىغان ساختا بىلىمگەرلەرنىڭ ۋە ئاز بىر قسىىم بىدىك مۇھەررىرلەرنىڭ مىللەتنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراستىگە سېلۋاتقان زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولۇۋاتىدۇ.
   ئاتام ئېيتقان بايىقىنىڭ   ۋە كونا تەپەككۇرشەكلىنىڭ ئىپادىسى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە مېنى ئۇھسىندۇرىدىغان  ئاچچىق پاكىتلار كۆپ.ئالايلۇق، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى تەتقىقات ئۇيغۇرلاردا 1980-يىللاردا ئەمدىلەتىن باشلانغاندا، ياۋورپادا بۇ ساھەدە تەتقىقات باشلانغىنىغا ۋە ئىنسانشۇناسلىققاتارلىق زامانىۋى پەنلەرنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە 200 يىلدەك ۋاقىت بولغانىدى. بىزبولساق تەتقىقاتنى مېتودلاشتۇرۇپ قىلىشتىن ئىبارەت ئاددىي بىر گەپنى  مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىنى خېلى بىلىملىك سانايدىغان كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇپ بولالماي يۈرۈۋاتىمىز. بۈگۈنكى زامان ئىقتىسادشۇناسلىقىنىڭ پېشۋاسى ئادام سىمىس ئۆزىنىڭ ”دۆلەتنىڭ بايلىقى“ ناملىق ئەسىرى بىلەن 200نەچچە يىل بۇرۇن ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئۇلىنى تىكلىگەنىدى. بىزدىن1990-يىللاردا ۋە 2000-يىللاردا بىر نەچچە ئىقتسادشۇناس چىقتى. لېكىن ئۇلار ھوقۇق دەستىگاھى ئۈچۈن ئىشلەش بىلەن ئالدىراش. ئۇيغۇرنىڭ ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىنى ئاۋام نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان ئىقتىسادشۇناس تېخى ئۆزىنىكۆرسەتمىدى. كېچىكتۇق ھەم تېڭىرقىدۇق.
ئىنسانشۇناسلىق پېنى  كامبىرىج پروفېسسورى ئارنولد قاتارلىقلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا 19-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن ۋە مالىنوۋسىكى، رادكلوف قاتارلىق ئىنسانشۇناسلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن 20-ئەسىردە راۋاجلانغانىدى. بىز بولساق بۇنداق بىر پەننىڭ بارلىقىنى ئەمدى ئاڭلاۋاتىمىز. پىسىخولوگىيە 19-ئەسىردىلا رەسمىي پەن بولۇپ شەكىللەندى. بىز بولساق تېخى ئەمدىلەتىن قوراشتۇرۇپ يېزىلغان بىر قانچە سۈپەتىسىز پىسخولوگىيە كىتابى ۋە ئىلىم قويمىچىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان لاياقەتىسىز پسىخولوگىيە پلاستىنكىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇق. جەمئىيەتشۇناسلىق پېنىنىڭ ئىسمىنى ئەمدىلەتىن ئاڭلاۋاتىمىز. 2000-يىللاردا بىز مۇشۇنداق بىر پەننىڭ بارلىقىنى ئەمدىلەتىن بىلگەن چېغىمىزدا بۇ زامانىۋى پەن ياۋروپادا 200 نەچچە يىللىق ئەنئەنىگە ئىگە بولۇپ بولغانىدى.بۇلارنى ئويلىغان چېغىمىدا مەن ئىختيارىسىز ئۆزۈمگە سوئال قويىمەن: «كېچىكىش ۋە ئالدىنىش بىزنىڭ قىستىمىزمۇ؟» بۇ سوئال خىيالىمنى رىۋايەت ئېڭى تازا كۈچىنى كۆرسەتكەن ئىدىيە تارىخمىزدىكى ئايانچلىق پاكتىلارغا ئېلىپ كېتىدۇ.
                        

 

      (2)
.
قۇممۇ رىۋايەت،
سۇمۇ رىۋايەت
رىۋايەتتۇر باسقان ئىزىمىز.
قۇمدەك كۆچۈپ،
سۇدەك ئېقىپ،
رىۋايەتتىن كۆكلەر دىلىمىز.
رىۋايەتتىن تۇغۇلغان تىلەك،
رىۋايەتكە كۆمۈلگەن يۈرەك،
رىۋايەتتۇر ھەر بىر سۆزىمىز.

 

     شائىرئەزىزى ئۆزىنىڭ ”رىۋايەت“ ناملىق شېئىرىنىڭ 7-بۆلىكىدە ئەنە شۇنداق يازىدۇ. ئىلگىرى بۇ  شېئىرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، شائىرنىڭ رېئاللىقىمىزنىڭ بىر كارتىنىسنى ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن كۆزەتكىنىگە؛ ياشاش شەكلىمىزدىكى، قىسمىتىمىزدىكى تىپىك بىر نۇقتىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلىگىنىگە ھەيران قالغانىدىم ھەم شائىرنىڭ كۆتۈرۈپ چىققان باش تېمىسىدىكى تېرەنلىككە ۋە باش تېمىنىڭ مەدەنىيەت ئانالىزىدىكى تىپىك بىر نۇقتا بولغان رىۋايەت-ئەپسانىگە جىپسلىشىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغانىدىم. ھېلىھەم دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر مەدەنىيەت نەزەريىچىلىرى بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي ھاياتىدا، تارىخي باسقۇچىلىرىدا رىۋايەت-ئەپسانىلەرنىڭ تۇتىدىغان ئورنىنى سېستملىق تەتقىق قىلىدۇ. مەسىلەن، مەدەنىيەت ئانالىزىدا قۇرۇلمىچلىق ئىنسانشۇناسلىقى ئېقىمىنى يارىتىپ ئاكادىمىيەلەردە قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، ھەتتا زاڭزۇ يازغۇچىسى ئالايەيگە قەدەر چوڭقۇر تەسىركۆرسەتكەن فرانسىيە ئىنسانشۇناسى، بۈگۈنكى زامان قۇرۇلمىچلىق ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ ئاساسىچىىسى لېۋ ستراۋىستىن تارتىپ ئۇنىڭ زاماندىشى ، ۋەتەندىشى، يەنە بىر مەشھۇر مەدەنىيەت نەزەريىچىسى رولەند بارسقىچە ”رىۋايەت، ئەپسانە“ تېمىسىدا خاس ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ھېلىھەم 21-ئەسىردىمۇ ئۈچىنچى دۇنيائەللىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەمەلىيتىى ۋە رېئاللىقى ھېلىھەم رىۋايەت ئېڭى بىلەن زىچ باغلانغان. بىزنىڭ رېئاللىقىمىزمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
      شائىر ئەزىزى يورۇتۇپ بەرگىنىدەك، تۇرغان-پۈتكىنىمىز رىۋايەتتۇر.ئاڭلاپ، ئىشىنىپ، ھاياجانلىنىپ كەلگەن نەرسىلىرىمىزنىڭ كۆپچىنىسى رىۋايەتتۇر ياكى ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەردۇر. پاكىتى بولمىغان، ئەسلى ھادىسەنىڭ ماھىيتىگەزىت گەپلەر ياكى ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەر ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى بىزنى ئشەندۈرۈپ، ئۈمىدلەندۈرۈپ، ئالداپ كەلدى. ھېلىھەم يېڭىياچە رىۋايەتلەرنى،  ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرنى يېڭىلىق بىلىپ تارقتىمىز ھەم ئاڭلاپ تۇرىمىز.
        ”قۇرئان تۇتتى ئەمەسىمۇ“ دەپ ئشەنگەنىدى ئەينى چاغدا  بوۋىمىز تۆمۈر خەلىپە ۋە بىر يۇرتنىڭ تەقدىرنى بىر ئېغىز ئالدامچىلىققا قوش قوللاپ تۇتۇپ تېگىشۋەتكەنىدى.“سوۋېت ياردەم بېرىدۇ“ دەپ ئشەنگەنىدى ئاتا-بوۋلىرىمىز بىر چاغلاردا. ھەتتا سېىيت نوچى”لېنىن يولى“ دەپ قوشاقلارنى توقۇشقىمۇ ئۈلگۈرگەنىدى. كېيىن”تۈركىيە ياردەم قىلىدۇ“ دېگەن رىۋايەت پەيدا بولدى. ھازىرمۇ يېڭى رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز: ”پۇستانى پالۋانكەن، بىر قوينى تولۇق يەۋېتىپتۇ“، ”پۇستانى جىنس دۇنيا رىكورتى بىلەن ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇپتۇ“، ”پۇستانى ھېچكىم ياساپ باقىمغان بىر نەرسە ياساپ دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپتۇ“،  ”پۇستانى پۇستانچە ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا كۆرستىلىپتۇ“، ”پۇستانى پۇستانچى دۇنياۋىي ئالىمنىڭ پۇستانچى نەزەريىسىنى ئاغدۇرۇۋېتپتۇ“،، ”ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىمىز“،”ئامېرىكا ياردەم قىلىدۇ“.
      نەچچە قېتىملاپ ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە رىۋايەتكە ۋە ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرگە ئشىنىپ  يۈرگىىنىمىز ئۈچۈن پېچكا بولدۇق. ھېلىھەم رىۋايەت ياساۋاتىمىز ھەم تارقتىۋاتىمىز. يېڭى رىۋايەتلەر بارلىققا كېلىش ئالدىداتۇرماقتا، ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەر يېڭى چاپان  كەيدۈرۈلۈپ يېڭىلىق  سۈپىتىدە كۆرستىلمەكتە. قارىغاندا نۇرغۇن ئادەم ئۆزلىرى كۆنگەن تەپەككۇر شەكلىدىن ۋە  رىۋايەت ئېڭىدىن ئايرىلىپقالسا  رېئاللىقنىڭ ئازابلىرىغا چىدىيالمايدىغاندەك قىلىدۇ. لېكىن چىن رېئاللىق ئاچچىق ۋە رەھىمسىز بولىدۇ. ئوبيكتىپ پاكىت ناھايىتى ئۇزاق يىللاردىن كېيىن بىز شەك-شۈبھىسىز ئشىنىپ كەلگەن نۇرغۇن كۆز قاراشلارنىڭ ئەپسانە، رىۋايەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويىدۇ.ئۇنى ھېس قىلغاندا بولسا كېچىكىمىز.بىزنى يەنە نېمە يېڭى رىۋايەتلەر ۋە يەنە نېمە يېڭى قسىمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدىكىن؟ يەنەقايسى ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەرگە يېڭى چاپان كەيدۈرۈلۈۋاتىدىكىن؟
(3)
     جەمئىيەت ۋە خام خيال مەڭگۈلۈك تېما. خام خىيال كشىلەر رېئاللىقنىڭ ئازابلىرىغا چىيالماي قالغاندا پەيدا بولىدۇ. ئاندىن شۇ خام خىيال تۇغدۇرغان ئېيتىملار رىۋايەت ۋە ئەپسانە ھالىتىدە ئەكىس ئېتىدۇ ،ھەتتا خېلى بىرى تۈركۈم ئۇقۇمۇشلۇق كشىلەرنىڭ ئېڭىنىمۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە گالۋاڭ قىلىدۇ. كۆپىنچە بىز ئاڭلىغان، بىز مايىل بولغان گەپلەر خاتا بولۇپ چىقىدۇ. رىۋايەت شەكلىدە، دېداكتىكا شەكلىدە ئېيىتلغان بايانلارمۇ، ئوبرازلىق تەپەككۇرمۇ ئەمدى بىزنىڭ  يولۇقۇۋاتقان تېپشىماقلىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەيدۇ.
         ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئاۋام ۋە زىياليىلار  ئارسىدا بىر مەيدان يېڭىچە تەپەككۇر ھەرىكىتى قوزغاش كېرەك. ئەمدى بىزنىڭ مەنتىقلىق تەپەككۇرغا كۆنمىگەن، نەزەريىۋي تەپەككۇرغا كۆنمىگەن،  ئەپقاچتى گەپلەردىن، ئاساسي يوق گەپلەردىن ئۇزۇنغىچە ھاياجانلىىندىغان روھىي دۇنيارىمىزغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. لېكىن، بىر مەسىلىنى پەيدا قىلغان ئاڭنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ، چۆرۈپ تاشلىماي تۇرۇپ، يەنە شۇ ئوخشاش مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. مائارىپ ئەندىزىدىكى خاتالىقلار ۋە كونا تەپەككۇر شەكلى بىزنىئەقلىي تەپەككۇر بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرگە ھۆ  قىلغۇزۇۋەتكەن.ئەمدى ئاۋۋالئۆزىمىزدىكى شۇ زالىم ئاڭنى ئاغدۇرۇشقا تىرىشىشمىز، ئەقلىي تەپەككۇر ۋە پىكىرنىڭ قىممىتىنى مەنستمەيدىغان شۇ ئاڭقاۋلىققا جەڭ ئېلان قىلشىمىز كېرەك. قانداق جەڭ ئېلان قىلىمىز؟ ئۇنىڭ بىرىنچى شەرتى، بۇرۇن ئۆگەنگەن شۇ ھەقتىكى ئەبجەق تونۇشلاردىن گۇمانلىنىشمىز ۋە  ئۇنتۇپ كېتىشىمىز كېرەك. گرمانىيە جەمىيەت نەزەريچىسى جۈرگېن خابېرماسنىڭ گېپى بويىچەئېيتقاندا، ”ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز داۋاملىق ئىلگرىلشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ“.    بىز چوڭقۇر پىكىر قىلىش،ئۆزىمىزنى تەنقىد قىلىپ تۇرۇش، ئاتام ئېيتقان بايىقىدىن ۋە ئادەتلەنگەن  تەپەككۇر شەكلىدىن گۇمانلىنىش ئارقىلىق ئەقلىي تەپەككۇر قىلىشنىڭ يولىنى ئۆگىنەلەيمىز. بولۇۋاتقان ئىشلار بىزگە مۇنداق زۆرۈرىيەتنى ھېس قىلدۇرماقتا: ” تەپەككۇرىڭىنى ئۆزگەرت!“. ئەقلىي تەپەككۇرگە كۆنۈش بىزنى ئاددىي سوئاللارنىڭ جاۋابىنى چوڭقۇر يەردىن ئىزدەشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
بىر قەۋمنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە شۇ قەۋمدىكى تەپەككۇرنى توختاتمىغان، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان، يېڭىلىقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىغان زىيالىيلار تەسىر كۆرسىتىدۇ.زىياليىلىرىمىز، ئىلىمگەرلىرىمىز ئوبيېكتىپ پاكتىقا يېقىنلىىش ئۈچۈن، دەۋرىمىزدىكى تەخىرىسز مەسىلىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيتىنىڭ نېملىكىنى بىلىش ئۈچۈن ھەر بىر ھادىسە ، ھەر بىرمۇئەمما ياكى باش قېتمچلىقى ھەققىدە ئەقلىي يوسۇندا ئويلىنىشى كېرەك. رىۋايەت ئېڭى ۋە   ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەر  بىلەن ئوبيكتىپ پاكتقا يېقىنلاشقىلى،ئەقلىي  تەپەككۇرنى قىلغىلى بولمايدۇ. نەشرىياتلار مەلۇم ساھەدىكى قانۇنىيەتلەرنى ئىلمىي يوسۇندا، مول پاكىت-دەلىللەر ياردىمىدە ئسپاتلاپ بەرگەن نەزەريىۋي كىتابلارنى نەشىر قىلىشى كېرەك. يەن فۇ ئادەم سىمىسنى 1892-يىلى، ئەنگلىيىلىك جەمئىيەت نەزەريچىسى سېپېنسېرنى 1902-يىلى تەرجىمە قىلىپ جۇڭگوغا تونۇشتۇرغانىدى. خەنزۇ زىيالىلىرى  جەمئيەتشۇناسلىقنىڭ پېشۋاسى ئاۋگۇست كومتنى1918-يىلىلا بايقاشقا ئۈلگۈرگەنىدى. بىزنىڭ مۇشۇ ساھەدە ئىش قىلدىغان كۆپىنچە ئادەملىرىمىزب ولسا ئەمدىلەتىن بۇ نەزەريىچلەرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاۋاتىدۇ. كېچىكىش قىسمەتكە پۈتۈلگەن. شۇنچە نەشرىياتلار، شۇنچە جىق مەتبۇئاتلار ئىزچىل ئىزىغا سەكرەپ يېڭى بىلىم، يېڭى ئىديەدىن خەۋەرىسز ھالدا ئاتام ئېتيقان بايىقى گەپنى زېرىكمەي تارقاتماقتا. پەلسەپە،جەمئيەتشۇناسلىق ئەسەرلىرى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرگە قۇرۇق گەپتەك تۇيۇلىدۇ. بۇئەمەلىيەتتە پەلسەپە ياكى جەمئيەتشۇناسلىق پەنلىرىنىڭ گۇناھى ئەمەس، بەلكى ئاتام ئېيتقان بايىقى پىكىر يولى ۋە چۈشەنچە شەكلىدىن چىقمىغان ۋە شۇنى بازارغاسېلۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرى پەيدا قىلغان ئاقارتىش جاراھتىنىڭ مەھسۇلىدۇر
ئاتام ئېيتقان بايىقى گەپلەردىن گۇمانلىندىىغان، كونا چۈشەنچىلەرنى چۆرۈپ تاشلايدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. رىۋايەت ئېڭىنىڭ، بىز كۆنگەن تەپەككۇر شەكلىنىڭ، ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ، دېداكىتكىنىڭ نۇرغۇن تېپشىماقلارغا ئوبيكتىپ يوسۇندا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى قانچە بالدۇر چۈشەنسەك، ئەقليلىشىش يولىغا شۇنچە بالدۇر قەدەم قويالايمىز. ئەجدادلارنىڭ پۇتىدىن ئۈنگەن تىكەنلەرگە دەسسەپ كېتۋاتىمىز. ئەۋلادلارغا يەنە تىكەنلىك يول قالدۇرۇپ كەتمەسلىكنىڭ بىرىنچى شەرتى سوغۇققان يوسۇندا تەپەككۇر قىلىش. چۈنكى، ئېينشتېيىننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «بىز ياراتقان بۇ دۇنيا بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنىڭ مەھسۇلى
http://bbs.bagdax.cn/thread-29948-1-1.html
Share
3571 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.