logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: نورۇزنى چەكلىگەن كىم بار

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: نورۇزنى چەكلىگەن كىم بار

مىكروفۇن ئالدىدا: پەرىزات غەيرەت

ئۇيغۇرنىڭ دەرت-پەريادى خەلقئارالاشقاندىن كېيىن بىزدىكى بايراملارمۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. نورۇز كېلىشتىن بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن مۇخپىرلار ئۇيغۇردىكى نورۇز ھەققىدە خەۋەر ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. 20-مارتقىچە تەشكىلاتلاردىن بۇ ھەقتە سوراپ باققان بولساممۇ جاۋاپ ئالالمىدىم. بىر تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ نورۇزلۇق بىر پائالىيىتى بارلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، ئەمما نورۇزغا مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. دېمەك، تۈركىيەدە ھىچ بىر ئۇيغۇر تەشكىلات بۇ يىل نورۇز ئۇيۇشتۇرمايدىكەن. تۈركىيەدە بىز قىلمىغانغا نورۇز كەم ئەمەس، مۇخپىرغا يازىدىغان دەرت كەم ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆرمەكچى بولغىنى دەرتمەن ئۇيغۇرنىڭ خاسلىقى، ئۇيغۇرچە نورۇز ئىدى.
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئىچىدىكى كاداڭلارنىڭ يىللاردىن بۇيان نورۇز قىلمايدىغانلىقى، ھەتتا نورۇزنى رەت قىلىدىغانلىقى، شۇ ھەقتە پەتىۋا بېرىپ بولغانلىقى سىر ئەمەس ئىدى. ۋەتەندە بىدئەتكە چىقىرىلغان نورۇزنىڭ مەنبەسىمۇ دەل ئاشۇ ئۆگىزىگە چىقىۋېلىپ ئىتتىن قورقمايدىغان، چەتئەللەردىلكى ئىسسىق ئۆيىدە ئولتۇرۇپ مىللەتنى ھېلى ھىجرەتكە، ھېلى جىھاتقا دەۋەت قىلىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ ئەرەپكە ئوخشىمايدىغان بارلىق خاسلىقىنى رەت قىلىدىغان ئۇلۇغلار ئىدى.
نورۇزغا قارشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارشى، ئۇيغۇرغا خاس بارلىق ئامىللارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆزىدە ئىستانبۇلدا بىر نورۇز قىلايلى، نامايىش قىلالمىساق يىغىلىپ نورۇز ئېشى يىسەكمۇ ھىساپ دەپ ئويلىدۇق. بىر قانچە چوڭلارغا بىر قانچە قېتىم دەپ باقتۇق، ئىرەڭ قىلمىدى. بىر ياش تەشكىلاتچىغا دېگەن بولساقمۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ سۇسلىقىدىن ئەيمىنىپ قالدى. ھەتتا ئىستانبۇلدىكى بىر كىچىك ئاشخانا نورۇزلۇق تاماق تارتىشتىنمۇ كاداڭلارنىڭ پەتىۋاسى سەۋەپلىك ئىككىلىنىپ قاپتۇ. دېمەك، خىتايدا ئەمەس، تۈركىيەدىمۇ خالىغان شەكىلدە ئۇيغۇر بولماق تەس، ئۇيغۇرغا خاس ئۆرۈپ ئادەت بويىچە نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى داۋام قىلغان مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلماق تەس. كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلۇققا قىلىنىۋاتقان تاجاۋۇز، يەكلەش ۋە چەكلەشلەر دۈشمىنىمىز زالىم خىتايدىنلا ئەمەس. 
ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ تۇرۇپ نورۇزنى رەت قىلىۋاتقانلار تۈركىيەدە ياشايدۇ، تۈركىيەنىڭ دۆلەت بايرىمىنى رەت قىلالمايدۇ. قېنى، سىلەر دەۋاتقان بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككىلا بايرىمى؟ كۆپىيىپ قالدىغۇ ئەمدى؟ تۈركلەر مۇسۇلمان ئەمەسمىكەن. تۈركىيەدە تۈركلەرمۇ، كۈرتلەرمۇ نورۇز قىلىدۇ. ئەجەبا تۈركىيەنىڭ دىيانەت مىنىستىرلىكى نېمىشقا سىلەر بەرگەن پەتىۋانى بەرمەيدۇ؟ نورۇزنىڭ ھاراملىقىنى ئۇلار بىلمەي قالغانمىدۇ؟ پەتىۋا چىقىرىشنى ئۇنتۇپ قالغانمىدۇ؟ ئەگەر پەتىۋايىڭلاردا سەمىمىي بولساڭلار، ئۇيغۇرغا نورۇزنى چەكلىگەندەك، قورقماي تۈركىيە دۆلەت بايرىمىنىمۇ بىدئەت دېمەمسىلەر؟ ئۇيغۇرغا ھارام قىلمامسىلەر؟
بەزىلەر، بىز نورۇزنى چەكلىمەيمىز، جامائەت قوشۇلمايدىكەن، دېيىشىدۇ، لېكىن تەشكىللىمىگەنلىك، يېقىن يولىمىغانلىق نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۈگۈنكى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇزدا 30 پېرسەنتتىن كۆپ قاتناشچى ئۇيغۇر، جامائەت خالىمايدۇ، دەيسىلەر بو قاتناشقان ئۇيغۇرلار جامائەت ئەمەسمۇ؟ 
نورۇزنى بىزنىڭ ئەمەس دېگەن، نورۇز دېگەن سۆزنى پارىسچە دەپ يەكلەۋاتقان كىشىلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىدۇ. توغرا، نورۇز پارىسچە سۆز ئۇنى ئۆتكۈزمەيلى، ئۇنداقتا نانمۇ پارىسچە ئۇنى يىمەيلى. نامازمۇ پارىسچە ئۇنىمۇ ئوقۇمايلى، داستىخان پارىسچە ئۇنى سالمايلى، پۇل پارىسچە ئۇنىمۇ خەجلىمەيلىمۇ؟ بىر بايرامنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە بولمىسا ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ دېمەيدىغانغا قانداق ھەققىمىز بار؟ نورۇزنى رەت قىلىۋاتقان شۇ كىشىلەر نېمىشقا پەيغەمبىرىمىزنى پارىسچە ئاتايدۇ؟ پەيغەم دېگەن سۆز، بەر دېگەن تارقاتقۇچى دېگەن مەنىدە، ئەجەبا سىز بۇ سۆزنىمۇ پارىسنىڭ، شىئەنىڭ، مەجۇسىنىڭ دەپ چەكلىمەكچىمۇ؟
نورۇز خۇددى نان، ناخشا، ناماز، ناۋا دېگەنگە ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىگە ئورتاق بىر سۆز، ئورتاق بىر مەنىۋىيەت. ئۇنى قايسى مىللەتنىڭ بۇرۇن تەبرىكلىگەنلىكىگە دائىر ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. ئۇيغۇرلار بۇ بايرامنى تارىختىكى كۆسەن ئىمپىرىيەسى، ئۇيغۇر ئىمپىرىيەسى، قاراخانلار دۆلىتىدىن تارتىپ 1933-يىلدىكى بىرىنجى جۇمھۇرىيەت، 1944-يىلدىكى ئىككىنجى جۇمھۇرىيەتكىچە ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بولۇپمۇ بۇ بايرامنى شىڭ شىسەي ئون يىلدىن ئارتۇق چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىككىنجى جۇمھۇرىيەت ۋاقتىدا تېخىمۇ داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەنگەن.
خىتاي كومۇنىستلىرى كەلگەندىن كېيىن نورۇزنى تەبرىكلەش ئۇيغۇرلارنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلەشكە ئېلىپ بارىدۇ دەپ قارىلىپ تەقىپ قىلىنغان. شۇ سەۋەپلىك نورۇز بىر بايرام دەپ بېكىتىلمىگەن، خەلقمۇ ئاشكارە تەبرىكلەشتىن قورقۇشقان. پەقەت خىتاينىڭ پايتەختىدە خەمىت تۆمۈر باشچىلىقىدىكى زىيالىلار 1980-يىللاردا بۇ بايرامنى تىرىلدۈرگەن. ھالبۇكى، خىتاي ئىزچىل نورۇزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلەپلىرىگە قۇلاق سالمىغان. مەن 90-يىللاردا ناخشىچى شامىل شاكىرنىڭ نورۇزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا قەدەر تەلەپ سۇنۇپ كەلگەنلىكىگە شاھىت بولغان ئىدىم.
نورۇزنى تارىختا چەكلىگىنى پەقەتلا جاللات شىڭ شىسەي. ئۇ مەلئۇنمۇ بۈگۈنكىدەك مىللەتنىڭ بايلىرى ۋە زىيالىلىرىنى يوقاتقان. ئۇيغۇرنىڭ 10 پىرسەنت ئاھالىسىنى قىرغىن قىلغان. نورۇزنى بىدئەت دەۋاتقان، چەكلەۋاتقان، يەكلەۋاتقان جانابى ھەزرىتىم، سىلىنىڭ شىڭ شىسەيدىن پەرقلىرى نېمە؟ سىلى نورۇزنى قوللىغان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ۋارىسىمۇ ياكى شىڭغا سېتىلغان، ئۇنى «يەنە بىر پەيغەمبەر كەلسە شىڭ شىسەي پەيغەمبەر بولاتتى» دېگەن شاپتۇل داموللامنىڭمۇ؟ سىلى نورۇزنى، باھارنى، يېڭى كۈننى رەت قىلىپ بىزنى زىمىستانغا، كونىغا، قاراڭغۇ گۆرىستانغا مەڭگۈ بەنت قىلاي دەملا!

Share
2995 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.