logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: داھى ئىزدەيمىز

 

 

دۇنيانى ۋە ئۇيغۇرنى چۈشىنىشكە قىزىقىپ يۈرگەندىن بېرى «ئۇيغۇردىن داھى چىقمىدى» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن. سەپسالسام مەنلا ئەمەس خېلى كۆپ ئۇيغۇر مۇشۇنداق گەپلەر ئىچىدە ياشاۋېتىپتۇ. ھەتتا بىر تۈركۈم مىللەتكە يۈرىكىدىن كۆيىنىدىغان كىشىلەر چىگرا ئاتلاپ، قىتئە ھالقىپ داھى ئىزدەش يولىدا تىنەپ يۈرۈپتۇ؛ ئىزدەپ ھېرىپتۇ، تاپالماي قېرىپتۇ. سەرسانلىق ھاياتىنىڭ باھارىنى ياشاۋاتقانلاردىن تارتىپ قىرو پەسلىدە دۈگدەرەپ كېتىۋاتقانلارغىچە بىر ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئىكەن. بۇ ئىنتىزارلىق بەزى جاپاغا، بەزىدە ساداغا، يەنە بەزىدە ھاشاغا ئايلىنىپ دىللاردىن ۋە تىللاردىن كەتمەيدىكەن. بەزىدە شۇنداق ئۈمىدلىك پىچىرلاشلار ئاڭلىنىدۇ، «بىر داھى چىقسىدى…باشلىسا كەتسەك، قۇتقازسا يەتسەك…»

ھەممەيلەن قىزىقىدىغان «نېمە ئۈچۈن داھى چىقمايدۇ؟» دېگەن بۇ قىرتاق سۇئالغا بىر قىسىم كىشىلەر «بىز چىققىلى قويمايمىز،» دېسە، يەنە بەزىلەر «ئېكىسلەر چىققىلى قويمايدۇ،» دەپتۇ. مەنچە شارائىت ۋە پۇرسەت ئامىلى ھالىقىلىق رول ئوينايدىغان سەۋەپ. مەن بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلەرنى ئويلاشمايلا دائىم مىللەتنىڭ ”ئىللەتلىرى» گە، «دۇنياۋىي كۈچ» كە ياكى دۈشمەننىڭ ئويۇنىغا دۆڭگەپ قويۇشلىرىغا قوشۇلمايمەن، شۇڭا يۇقارقى جاۋاپقىمۇ سۈكۈت قىلالمايمەن. بۇنداق دۆڭگەش ۋەتەندە ۋە مۇھاجىرەتتە رەھبەر ئاتىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ روھسىز، بىلىمسىز ۋە ئىقتىدارسىزلىقىنى ياپىدىغانغا باھانە بولىدۇ.

مەن ۋەتەندە قوشۇلغىدەك كارىۋان، ئەگەشكىدەك داھى تاپالماي ئىزدىنىپ سەپەرگە چىققانلارنى كۆرۈشتىن ۋە ئۇلارنىڭ يۈرەكنى قانىتىدىغان كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇردىكى داھى ئىزدەش خاھىشى ھەققىدە ئىنچىكە ئويلىنىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇنداق داھى ئىزدەپ چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئىستىكىدىكى سەرخىللار ئىكەن. ھېيىتنىڭ ھارپا كۈنى بىر ئوقۇرمەن ئېنىمىز ئۇچۇر قىپتۇ. چەتئەلگە چىقىپ كەتكۈسى بار ئىكەن. مەن جاۋابەن «يېشىڭىز 35 تىن تۆۋەن، بالىلىرىڭىز يوق، كەسپىڭىز ئېنجىنىرلىق، كومپىيوتىر، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەردىن بولمىسا ئاۋارە بولماڭ، جان باقالمايسىز» دەپتىمەن. ئىنىمىزنىڭ بەك كۆڭلىگە كەلدى بولغاي «مېنىڭ مەقسىدىم جان بېقىش ئەمەس، مىللەتكە خىزمەت قىلىش» دېگەندەك مەنىدە ئۇچۇر قايتتۇرۇپتۇ. مەن «ئۆز جېنىنى باقالمىغان كىشى مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قىلالمايدۇ، مىللەتنىڭ خىزمىتىنى ئاتايىن چەتئەلگە چىقمىسىمۇ باغرىدا ياشاپ، دەردىنى تىڭشاپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ۋەتەندە قىلسىمۇ بولىدۇ. تەرەققىياتلىق ئەللەرگە كەسپتە ئىلگىرلەش، ئىلىم ئېلىش ۋە جاھان كۆرۈش ئۈچۈن چىقسىڭىز بولىدۇ،» دېدىم.

ۋەتەندىكىلەرنىڭ داھى ئىزدەپ سەپەر قىلىشلىرىدىن پەرقلىق بىر ئىش ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنىڭ داھى تەربىيەلەش قىزغىنلىقىدۇر. «ئۇيغۇرلارغا داھى تەربىيەلەيمىز» دېگەن ئۇلۇغ نىيەتلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر قانچەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدىن سۆيۈندۈم، ئەمما قوللانغان ئۇسۇلىدىن قانائەت ھىس قىلالمىدىم. مەن بالىلارنىڭ يات ئەلدە بىر ئەمەلى تېخنىكىغا ئىگە بولۇشىنى، جەمئىيەتتە جان باقالىغۇدەك ئىقتىدار ھازىرلىشىنى تەكىتلىدىم. سۆھبەتداشلىرىم «بىز جان باقىدىغان ئادەتتىكى ئادەملەرنى تەربىيەلىمەيمىز، داھى تەربىيەلەيمىز» دەپ رەت قىلىشتى. قارىغاندا، ۋەتەندىن چىقىپ داھى ئىزدەۋاتقانلار ۋە داھىلارنى ۋەتەن سىرتىدا يېتىشتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ ئورتاقلىقى «داھىنىڭ جان باقىدىغان ئادەتتىكى ئادەم بولماسلىقى» ھەققىدىكى بىردەك تونۇشى بولسا كېرەك.

داھى

مەيلى داھى يېتىشتۈرمەكچى بولغانلار بولسۇن ياكى داھى ئىزدەۋاتقانلار بولسۇن كۆڭلىدىكى نامزاتنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭمۇ ئىنسانلار ئىھتىياجلىق نەرسىلەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلمايۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا قوشۇپ كىشىلەرنىڭ مەيلى ۋەتەندە ياكى ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن ئىزچىل رەھبەرلەردىن رازى بولمايۋاتقانلىقىنى ئويلىساق فۇرقان سۈرىسى يەتتىنچى ئايىتىدە مۇشىرىكلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەققىدە « بىز بازارلاردا (بىز تاماق يىگەندەك) تاماق يەيدىغان، (بىز ماڭغاندەك) مېڭىپ يۈرىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر پەرىشتە نېمىشقا ئەۋەتمىلدى» دېگەنلىرى ئېسىمىزگە كېلىدۇ. بۇنىڭدىن داھى ھەققىدىكى بۇنداق تونۇش ۋە تەسەۋۋۇر ئىنسانلاردا قۇرئان نازىل قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۆزگەرمىگىنى مەلۇم. شۇنداق بولغاچقا،  ئارزۇلىغان داھىنى ھەم ئەتراپتىكى ئادەتتىكى ئادەملەردىن تاپالماسلىق، ھەم كېلەچەكتىكى داھىنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاپ قېلىشىنى خالىماسلىق مەۋجۇد. خۇددى كۆز ئالدىمىزدىكى پاجىيەنى كەلگۈسىدىكى بالىلار ھەل قىلىپ بېرىدىغاندەك، ئوقۇشسىز قالغان، تەبىئى ۋە ئىجتىمائى پەنلەرگە دائىر ئەقەللى ساۋات ياكى بىلىمدىن بىخەۋەر بالىلارنى داھى قىلىمىز دەپ  دىنغا زورلاپ زاكات ۋە زەللىدىن ئايرىلسا ئادەتتىكى ئىنساندەك ياشىيالمايدىغان قىلىپ قويۇش سەمىمىيەتىسزلىكتۇر.

مەنمۇ بۇرۇن ئارىمىزدىن بىرەر داھى چىقىشى بىلەن ئەھۋالىمىز بىراقلا ياخشىلىنىپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلىغان بولۇشۇم مۇمكىن، داھىلارنى ئاشۇنداق «جان باقمايدىغان» ئالاھىدە سۈپەتتە تەسەۋۋۇر قىلغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن. لېكىن ھازىر ئۇنداق ئويلىمايمەن. تارىختا ئۆتكەن داھىلار شۇنداق ئادەملەركەنكى، گۇناھ ۋە ساۋاپلىرى تولۇق تېپىلىدىغان نۇقسانلىقلاردىنكەن. تارىختا بىزدىنمۇ داھى ۋە داھىسىمان كىشىلەر چىققانىكەن. كۈنىمىزدە داھىسىمان ئىنسانلار چىققان مىللەتلەرمۇ بىزدىن بەك ئۇزاپمۇ كەتمەپتۇ. مەسىلەن، بىزگە قوشنا بولغان قىرغىزلاردىن ئايتىماتوف، تېبەتلەردىن دالايلاما ۋە پاكىستانلىقلاردىن ئابدۇسالام قاتارلىق داھىسىمان سىياسىيۇنلار، دۇنياۋىي ئەدىپلەر ۋە فىزىكىچىلار چىقىپتۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدلىقىمۇ شاخلاپ كەتمەپتۇ. تارىخىدا ھىچ بىر سىياسىي داھى چىقىپ باقمىغان كورىيە، سىنگاپور، ئىستونىيە دېگەندەك ئەللەرمۇ تالاي ئىكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىسمى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ يوغان يېرىگە يېزىقلىق، دۆلىتى كۆچمەنلەرنى ماگىنىتتەك تارتماقتا. شۇڭا بىر مىللەتتىن داھى چىقسىلا ھالى ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، دەپ قاراش ئەمەلى ئەمەس. مەنچە ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتىدىغىنى ئارىمىزدىن چىقىدىغان بىر سىياسى ساھەدىكى داھى ئەمەس، ھەر قايسى ساھەلەردىن يېتىشىپ چىقىدىغان تۈركۈملىگەن داھىسىمان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئۆزىمىز، ئايالىمىز، دوستىمىز بەلكى پەرزەنتلىرىمىز بولۇشى چوقۇقۇم. مەنچە ئارىمىزدا نۇرغۇن كىشى «داھى يوق،» دەپ ئولتۇرۇپ كۆز ئالدىدىكى داھىلارنى كۆرمەي، ئۆزىدىكى داھىلىق تالانتى ۋە  ئىستىقبالىنى ئىسراپ قىلىپ، پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

كىچىكىمدە كىشىلەرنىڭ داھىلارنى سوۋېتتىن ئىزدەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان، شۇ ئارزۇدا مىڭلاپ توزۇپ كېتىپتىكەنمىز. ھازىر بىر قىسىملار باشچىلارنى ياۋرۇپا ئامېرىكىدىن، بەزىلەر سۈرىيەدىن ئىزدەۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئەمما مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، نەدە يىقىلغان بولساق، شۇ يەردىن دەس تۇرىمىز. ئاللاھ شانلىق ئەجداتلىرىمىزنى نەگە ياراتقان بولسا پارلاق ئەۋلادلىرىمىز شۇ يەردە ياشنايدۇ، يات توپراقتا يا قۇرۇپ يوقۇلىمىز يا سىڭىپ. ئەسلى ئۇرىقىمىز نەگە سېلىنغان بولسا شۇ يەر بىزگە خاس، كۆچىتىمىز نەدە ئۆسكەن بولسا شۇ يەر بىزگە ماس. كۆچۈرۈلگەن مايسىغا قاراپ ئولتۇرساق ھاۋا، سۇ، توپراق ياقماي قالسا قۇرۇپ ئوغۇت بولىدۇ خالاس

 

http://www.akademiye.org/

Share
1608 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.