logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: تۈركچىگە يۈرۈش

Abduveli ayup Eşi ve kızı ile

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: تۈركچىگە يۈرۈش

 

 

مەنچە ئۇيغۇر ئۈچۈن 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ يېڭىلىق تۈركىيە قىزغىنلىقى ۋە تۈركچە ئۆگىنشىنىڭ ھاياجىنىدۇر. نەچچە ئون يىلغىچە تۈركچە دەرسلىكلەردىن بىرسى نەشىر قىلىنغان بولسا ھازىر بىر يىلدىلا ئىككىسى نەشىر قىلىنىشقا يۈكسەلدى. ئۇيغۇرچە-تۈركچە ۋە تۈركچە-ئۇيغۇرچە ئېلىكترونلۇق لۇغەتلەر ئىشلەندى. تۈركچە دەرسلەر  ئۇيغۇر توپراقلىرىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە تۈرلۈك شەكىللەردە ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. مەخسۇس ئۈندىداردا ئۆتۈلىدىغان تۈركچە دەرسلەر، مەخسۇس تۈركچە شىئېرلارنى يوللايدىغان ئۈندىدار سالۇنلىرى بارلىققا كەلدى. تۈركچە ئۇيغۇرچە سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇقلار، تۈركچە ئۆگىتىلىدىغان توربەتلەر قۇرۇلدى. ئۇيغۇرلاردا 2000-يىللارغىچە  ھىچ بىر تىل بۇ قەدەر زور كۆلەمگە ۋە ھاياجانغا ئېرىشەلمىگەن ئىدى.

2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن تۈركىيەگە تەلپۈنۈشنىڭ يۈكسىلىشى نەتىجسىدە تۈركچە ئۆگىنىش ئىجتىمائى كەيپىياتقا ئايلاندى.  مودا ياشلاردىن تارتىپ مۇھاپىزىكار ياشانغانلارغىچە، بۇرۇت-ياغلىقسىز مۇئاشلىقلاردىن تارتىپ دوپپىلىق دىھقانلارغىچە ھەممەيلەندە تۈركچىگە ئىشتىياق قوزغالدى.ھازىر ھەر ياشتىكىلەردىن تۈركچە ئۆگىنىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ”مەرھابا تۈركچە“ ئىسىملىك ئىككى قىسىملىق ئاۋازلىق كىتاب 2012- يىلى نەشىر قىلىنىپ  قىممەتلىكىگە قارىماي سېتىلىپ تۈگىدى. شۇنىڭغا ئۇلىشىپلا ئىككىنجى بىر كىتاب ”تۈرك تىلىدىن ئاساس“ ئۈچ قىسىم قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتلىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ماگىسترلىقتا ئوقۇماقچى بولغانلارغا تۈركچە چەت تىل ھىساپلاندى. ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇر بۆلىكى تۈرك مەھسۇلاتلىرى شەھەرچىسى، تۈرك رىستۇرانلىرى ۋە تۈركچە شەيدالىرىنىڭ پراكتىكا سورۇنلىرىغا ئايلاندى. نەتىجىدە تۈركچە ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى تولۇقلانغان، پىراكتىكا شارائىتى شەكىللەنگەن، قىزغىن ئىخلاسمەنلىگە ئىگە بىر ئىجتىمائى دولقۇنغا ئايلاندى.

ئۇيغۇرلاردا تۈركچە ئۆگىنىشنىڭ بۇ قەدەر ھاياجان قوزغىشىدا تۈرك فىلىملىرىگە بولغان مەستانىلىق قوزغاتقۇچ رول ئوينىغاندەك قىلىدۇ. نەچچە مىليۇن ئۇيغۇر بەس بەستە كۆرگەن «كۇرتلار ۋادىسى» غا ئوخشاش فىلىملەر تۈركچىنىڭ ئىشتىياقىنى يۈرەكلەرگە سالدى. فىلىملەرنىڭ تەرجىمە قىلىنماسلىقى ۋە ۋاقتىدا كۆرەلمەسلىك تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولۇۋاتقان ۋە ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ ئەڭ يايغىن، تەخرسىز ۋە موھىم تۈرۈتكىسى ئىكەن. بۇندىن باشقا تۈركىيەگە ساياھەتنىڭ قولايلىقى، تۈركىيەدىكى مۇكاپاتلىق ئوقۇشنىڭ قىزىقتۇرىشى، تۈركىيە بىلەن بولغان سودىنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىقلارمۇ كىشىلەرنى تۈركچە ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەپلەردىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

90-يىللاردا شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى پروفېسسورى رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا ”تۈرك تىلى“ ئىسىملىك بىر كىتاب تۈزگەن. مۆمىن ئابدۇللا ئىسىملىك كىشى تۈزگەن ”تۈركچە ئۇيغۇرچە لۇغەت“ مۇ شۇ يىللاردا نەشىر قىلىنغان بولۇپ زىيالىلار ئارىسىدا زرۈر قوللانما بولۇپ قالغان. لۇغەتتىكى كومۇنىستىك پۇراققا قارىغاندا تۈزگۈچىنىڭ  ماۋزىدوڭ ئەسەرلىرىنىڭ تۈركچە تەرجىمىسىدىن پايدىلانغانلىقى بىلىنىدۇ. تۈركچە ئۆگىنىش بۈگۈنكىدەك دولقۇنغا ئايلانغىچە بولغان ئارىلىقتا ”تۈركچە خەنسۇچە ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش“، ”تۈركچە سۆزلىشىش قوللانمىسى“، ”يوللۇق-تۈركچە“ قاتارلىق كىتابلار نەشىر قىلىنغان.

تۈركچە ھەققىدە ئۇيغۇرلاردا ئىككى خىل چۈشەنچە مەۋجۇد ئىكەن. بىرى تۈركچىنى ئۇيغۇرچىدىن پەقەتلا پەرقلەنمەيدىغان، ئۆگىنىشكە ھىچ قانچە ۋاقىت كەتمەيدىغان، قېرىنداش تىل دەپ قاراش بولۇپ، بۇنداق قاراشتىكىلەر ئۇيغۇرلۇقى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئۆزىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلىدىغان كىشىلەر ئىكەن. يەنە بىرى قىسىملار تۈركچىنى ئۇيغۇرچىدىن مۇتلەق پەرقلىنىدىغان، ھىچ بىر ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولمىغان يات بىر تىل دەپ قاراش بولۇپ، بۇنداق قاراشتىكىلەر ئۇيغۇرچە تەربىيەلەنمىگەن ياشلار، ئۇيغۇرچە مائارىپتىن مەھرۇملار ۋە جاھاندىن، تارىختىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان كىشىلەر ئىكەن. بەزىلەر تۈركچىنىڭ ئۇيغۇرچىدىن بەكرەك ساپ تىل ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىكەن. كۈنىمىزدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىملىرى سۆزلىرىگە ھەدىسىلا خەنسۇچە ئارىلاشتۇرۇۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بەزى ئۇيغۇرلار تۈركلەرنى بۇ جەھەتتە تىلنى قوغۇداشقا بەكرەك ئىمكانلىق دەپ ھىس قىلسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا تىللار قانچە بېيىسا شۇنچە رەڭدارلىشىدۇ. ھازىر ئېنگىلىز تىلىدەك ئەبجەش، دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىنى رەڭدار سۆزلەر بىلەن ئىپادە قىلالىغان تىل كۈچلۈك تىل سانىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ دۇنيادىن ئۆگىنىشكە پۇرسەتلىك، ماھىر ۋە ئوچۇقلىقى شۇ تىلدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپخىل تىللاردىن كىرگەنلىكىدىن بىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشكەن سۆزلەر كۆپ مەنبەلىك بولۇپ بۇ ئۇيغۇرچەنىڭ باي تىل، ئۇيغۇرنىڭ ئوچۇق مىللەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى. تۈركچىسىنىڭ ئۇيغۇرچىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ سۆزلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتتە يۈكسەلگەنلىكىدىن. شۇڭا تۈركچە ئۇيغۇرچىغا قارىغاندا بەكرەك رەڭدار.

تۈركچە قىزغىنلىقى ئۇيغۇر ئۈچۈن يېڭىلىق پۇرسىتى، ئېچلىش، ئىلگىرلەش پەلەمپىيى ھىساپلىنىدۇ. تۈركىيە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا دېموكراتىك، ئەركىن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرلەش يولىدا پايدىلىق ئۈلگە بولالايدۇ. تۈركىيەدىكى سانائەت، سودا ۋە مائارىپنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئالدىنقى ئورۇننى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقانلىقى، تۈركىيەنىڭ پەندە، دىندا ۋە مەدەنىيەتتە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە نەمۇنەلىكى،  قوبۇلچانلىقى، سىغدرۇرۇشچانلىقى قاتارلىق ئامىللار بىز ئۇيغۇرلارنى تۈركچە ئارقىلىق ئۆگىنىلىدىغان نۇرغۇن زۆرۈر بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.  تەرەققىيات كىشىلەردىن ئىددىيەدە دۇنياغا ئوچۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر قېرىنداشلىرىمىز دۇنيادىكى ھىچ بىر تىلنى پۇختا ئىگىلىمەي خەنسۇچدىن تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تەشۋىقات، تەرغىبات ۋە ئىددىيەلەرگە باغلىنىپ قالسا يۈكسەلمىكى ۋە روھلانمىقى قىيىن. شۇڭا  قېرىنداش تۈركچە ئارقىلىق ئۇتۇققا، تەرەققىياتقا، دۇنياغا يۈزلىنىمەن، تونىلىمەن دېسەك تېخىمۇ تىرىشچانلىق، مۇھەببەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن بۇ تىلغا كىرىشمىكىمىز ئاقىللىقتۇر

http://www.akademiye.org/

Share
2146 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.